تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىگە قارىتا كۆپ تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويدى

1-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ پويىز كۈتۈش زالىدا، يولۇچىلار تەرتىپلىك ھالدا ۋوگزالغا كىرمەكتە.

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: بۇ يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش 1-ئاينىڭ 21-كۈنى رەسمىي باشلىنىدۇ. 1-ئاينىڭ 16-كۈنى، مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى چاغانلىق يولۇچى توشۇش مۇلازىمىتىگە ئالاقىدار 10 تۈرلۈك يېڭى تەدبىرنى يولغا قويۇپ، بىلەت سېتىۋېلىش، پويىزغا ئولتۇرۇش، مۇلازىمەت قاتارلىق تەرەپلەردە يولۇچىلارنىڭ چاغانلىق سەپىرىگە ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىدىكەن.

  بىلەت سېتىۋېلىش: توردا جەريان ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، تور سىرتىدا تور نۇقتىلىرى كۆپەيتىلىدۇ

  بىلەت سېتىۋېلىش جەھەتتە، 12306 تورىدا بىلەت سېتىۋېلىش جەريانى ئاددىيلاشتۇرۇلىدۇ. بۇ يىل، 12306 تورى پۈتۈنلەي يېڭىلاندى، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئابۇنىچىلار كود سىكاننېرلاش ئارقىلىق 12306 تورىغا چىقىدۇ، بۇنىڭغا كۈچكە ئىگە بولمىغان چىكىش قېتىم سانى كېمىيىپ، بېلەتنى تېز ھەم قولايلىق سېتىۋالغىلى بولىدۇ. 12306 تورىدا بېلەت سېتىۋېلىش باش تېمىسى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلدى ھەمدە يولۇچىلار سەپىرىگە قارىتىلغان يېمەك-ئىچمەك، ياتاق، ساياھەت قاتارلىق ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەت ئىقتىدارلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

  تور سىرتىدا، بۇ يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە ۋاكالىتەن بېلەت سېتىش نۇقتىسىدىن 117 سى كۆپەيتىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋاكالىتەن بېلەت سېتىش نۇقتىسى 606 گە يېتىپ، ئاپتونوم رايوندىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست (شەھەر) نىڭ ئاساسلىق ناھىيە، شەھەرلىرى ھەمدە ئاساسلىق يېزا-بازارلىرى ۋە تۈەن-مەيدانلارنى قاپلاش ئىشقا ئاشتى.

  پويىزغا ئولتۇرۇش: توشۇش ئىقتىدارى زورايتىلىپ، ۋوگزالغا كىرىش راۋانلاشتۇرۇلدى

  چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، چاغاننىڭ ئالدى-كەينىدىكى يولۇچىلارنىڭ بېسىق مەزگىلىگە قارىتا، شىنجاڭدىن ئىچكىرىكى ئۆلكىلەرگە قاتنايدىغان پويىزدىن 38 نۆۋەت كۆپەيتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 1-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى-لەنجوۋ ئارا قاتنايدىغان D2706/3-قېتىملىق ئوقپويىز قايتا گۇرۇپپىلاندى، قايتا گۇرۇپپىلانغاندىن كېيىنكى ھەر نۆۋەتلىك ئوقپويىزنىڭ توشۇش ئىقتىدارى بىر ھەسسە ئاشتى.

  ۋوگزالغا كىرىپ پويىز كۈتۈش جەھەتتە، چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى ۋوگزالى، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى، داۋانچىڭ ۋوگزالى، شىخەنزە ۋوگزالى، بېيتۈن شەھىرى ۋوگزالى، خوتەن ۋوگزالى قاتارلىق ئاپتونوم رايون بويىچە 33 ۋوگزال راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يولۇچىلارنىڭ ۋوگزالغا كىرىش بەلگە سىزىقلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، يولۇچىلارنىڭ ۋوگزالغا كىرىشىنى تېخىمۇ قۇلايلىقلاشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ