تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمەن

  بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قۇربانجان قۇتلۇق

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم قەتئىي، كەسكىن ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ىنى ئاتتى، پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن-تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە مۇھىم، زور باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، شىنجاڭدا ئومۇملۇق مۇقىم بولغان، ۋەزىيەت كونتروللۇقىمىزدا بولغان، ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ھالەت بارلىققا كەلدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدا، تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمى، مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بېرىش، تەرەققىياتقا ئىنتىلىش ئارزۇسىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتتى، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئوخشاش مەقسەتتە، ئوخشاش يۆنىلىشتە، ئوخشاش قەدەمدە، ئوخشاش كۈچ چىقىرىپ گۈزەل يۇرت-ماكاننى ئورتاق قۇرۇش چوڭ ياخشى ۋەزىيىتى شەكىللەندى.

  پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن پارتىيەگە چەكسىز سادىق بولىمەن، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ۋەتەننى پارچىلىشىغا، بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمەن! بۇ يەردە مەن شۇنداق تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمەنكى: پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، يېڭى مەسئۇلىيەت، يېڭى نەتىجە ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمەن.

  پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولىمەن. باشتىن-ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنپەئىتىنى، دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرىمەن. قەتئىي ھالدا باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بايراق-يۆنىلىش قىلىپ، ھەرىكەت مىزانى قىلىپ، بۇرچ-مەسئۇلىيەت قىلىپ، ئىدىيەۋى تونۇش، ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرۇشى، بايلىق تەقسىملەش، شەكىل-ئۇسۇل، خىزمەت ئۈنۈمى جەھەتتە كۈچ چىقىرىمەن. ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەتئىي ھالدا ماركسىزملىق ئاتېئىزمچىلاردىن بولۇپ، بايرىقىم روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرىمەن، قەتئىي ھالدا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىنىڭ زەھىرىنى تۈگىتىمەن. كۈچلۈك پارتىيەۋىلىكنى دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش، كەسىپكە مۇتلەق مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن پارتىيەگە، دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلاش، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش يۈكسەك ئاڭلىقلىقىمنى كۈچەيتىپ، ھالقىلىق ۋاقىتتا، قىيىنچىلىق ئالدىدا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بارلىق ئەقىل-پاراسىتىم ۋە كۈچۈمنى بېغىشلايمەن.

  سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرىمەن. مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، باشتىن-ئاخىر چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق مەسىلىلىرى ئالدىدا تونۇشتا مۈجمەل بولمايمەن، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولمايمەن، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەيمەن، باشتىن-ئاخىر بايرىقى ئىنتايىن روشەن بولۇش، مەيدانى ئىنتايىن مۇستەھكەم بولۇش، ھەرىكەتتە ئالاھىدە ئاڭلىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن. قەتئىي ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىمەن؛ قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە ئەجەللىك زەربە بېرىپ، قىلچە يۇمشاق قوللۇق قىلمايمەن؛ قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر بىلەن چەك-چېگرانى ئېنىق ئايرىپ ھەم ئۇلارغا قارشى كۈرەش قىلىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى پاكىز قازىمەن، پاكىز يوقىتىمەن. قەتئىي ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، زىددىيەتلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، قۇربان بېرىشكە جۈرئەت قىلىپ، تىرىشىپ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمەن.

  كۆڭۈل قويۇپ ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرىمەن. قەتئىي ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ياخشى ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەيمەن ۋە چوڭقۇرلاشتۇرىمەن. ئۆز ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھەر مىللەت ئاممىغا بولغان غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشىنى ئاممىنىڭ قەلبىگە يەتكۈزىمەن، مىللەتلەر ئارىسىدىكى دوستلۇق ھېسسىياتىنى، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى ئاممىنىڭ قەلبىگە تارقىتىمەن، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىشقا ئاتلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ شەكىللەندۈرىمەن. پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلگە پايدا يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش ۋە تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، چوڭ داۋلىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، كىچىك داۋلىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ، ئاممىنىڭ چۈشىنىشى، ئىشەنچى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ