تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ بىلەن ئالىبابا بىرلىشىپ «يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش» تۈرىنى قوزغاتتى

42 ناھىيە، شەھەر ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىياتىنىڭ تېز پويىزىغا چىقتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن، پىراكتىكانت لياڭ يەننى خەۋەر قىلىدۇ: 1-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئاپتونوم رايون بىلەن ئالىبابا گۇرۇھى بىرلىشىپ شىنجاڭ «يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش» تۈرىنى قوزغىتىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇردى.

  خوتەن ناھىيەسى، كۈنەس ناھىيەسى، يەكەن ناھىيەسى، چىڭگىل ناھىيەسى، كۇچا ناھىيەسى قاتارلىق 42 ناھىيە، شەھەر «يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ھۆكۈمەت تەرەپ سۈپەتلىك ماركا پونكىتى» ئېچىش ئارقىلىق ئالىبابا بىلەن ئۇزاق ئۈنۈملۈك ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورناتتى. بۇ ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئالىبابا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا سېتىلىپلا قالماي، يەنە خېماشيەنشېڭ، دارۇنفا قاتارلىق تور سىرتىدىكى يېڭى پارچە سېتىش يوللىرىغا كىرەلەيدىغان بولدى.

  ئالىبابا سۇپىسىغا كىرىش چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتى جىغانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىياتىنىڭ تېز پويىزىغا چىققاندەك ئىش بولدى. چىڭگىل ناھىيەلىك سودا ۋە ئىقتىساد ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى خۇڭمېي مۇنداق دېدى: چىڭگىل ناھىيەسىدە 100 مىڭ مولۇق جىغان بازىسى بار، 20 مىڭغا يېقىن كىشى جىغان ئۆستۈرۈش، يىغىش، پىششىقلاش، سېتىش قاتارلىقلارغا قاتنىشىدۇ.

  «لېكىن سېتىش يوللىرى كەمچىل بولغاچقا، يىللىق ھوسۇلى 5000 توننا بولغان جىغاننىڭ يىللىق سېتىۋېلىش مىقدارى ئاران 3000 توننا ئىدى. ئالىبابا سۇپىسىغا كىرگەندىن كېيىن، سېتىش يوللىرى كېڭىيىپلا قالماي، يەنە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ» دېدى لى خۇڭمېي.

  ئالىبابا گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى فاڭ جيەنشېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش» تۈرى ئالىبابا گۇرۇھىنىڭ يادرولۇق ئىستراتېگىيەلىك تۈرلىرىنىڭ بىرى، ئۇنى ئالىبابا بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەت بىرلىكتە قۇرىدۇ، بۇنىڭدىكى مەقسەت «بىۋاسىتە تەمىنلەش-بىۋاسىتە سېتىش» تەمىنات زەنجىرى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شەھەرلەردىكى تاماق ئۈستەللىرىگە بىۋاسىتە چىقىرىش؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئىستېمال چوڭ سانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خاس يېزا ئىگىلىكىنى يېتىلدۈرۈشى ۋە زورايتىشىغا ياردەم بېرىش.

  ئالىبابا رايون يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، ماركىلاشتۇرۇش، ئەشيا ئوبوروتى، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ. نۆۋەتتە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 23 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەردىكى 493 ناھىيە رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۇپىغا ئورۇنلاشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە تور سىرتىدىكى قوزغىتىش يىغىنىدىن سىرت، توردىمۇ «جۇڭگو تائاملىرىنىڭ تەمى ئۈستىدە ئىزدىنىش-تائام لەززىتى شىنجاڭدا» تور تىجارىتى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغان. نامراتلارنى يۆلەش فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى، «چىڭگىل جىغانى» ناملىق مىكرو كىنونى ئېلان قىلىش ۋە تاشقورغان مۇزلۇقى قارا ياڭيۇ مەھسۇلاتىنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ يارقىن نۇقتا ئارقىلىق كۆپ ئۆلچەمدە ئىستېمالچىلارنىڭ ھېس قىلىش دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ داڭلىق ماركىلىرى يارىتىلىدىكەن. توردىكى پائالىيەت 1-ئاينىڭ 3-كۈنى قوزغىتىلغاندىن بۇيان، 8 مىليون يۈەندىن ئارتۇق سېتىش نەتىجىسى قولغا كەلتۈرۈلگەن. مۆلچەرلىنىشىچە، چاغان مەزگىلىدە 20 مىليون يۈەن سېتىش سوممىسى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون زور كۈچ بىلەن يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى. ئۈچىنچى تەرەپ چوڭ سانلىق مەلۇمات ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2018-يىلى پۈتۈن شىنجاڭدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سوممىسى 188 مىليارد 72 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %16.07 ئاشقان. توردىكى پارچە سېتىش سوممىسى 29 مىليارد 666 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %26.96 ئاشقان؛ يېزىلاردا توردا پارچە سېتىش سوممىسى 7 مىليارد 191 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %44.51 ئاشقان.

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2015-يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدا 46 دۆلەت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈش بويىچە ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىدىغان ناھىيە تەستىقلىنىپ، مەركەزنىڭ 920 مىليون يۈەن مەبلەغ ياردىمىگە ئېرىشىپ، 22 ئېغىر نامرات ناھىيە(شەھەر)نى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلغان؛ ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈش بويىچە ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرلىرىگە تايىنىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىدىن 59 مىڭ 800 ئادەم قېتىم تەربىيەلەنگەن، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىگە ياردەملىشىپ 40 مىليون يۈەنگە يېقىن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سېتىپ بېرىلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ