ماھىرلار جاڭجياكۇ شەھىرىنىڭ چوڭلى رايونىدىكى تەيۋۇ قار تېيىلىش مەيدانىدا ئەركىن چاڭغا تېيىلىش چاڭغا ماھارىتى كۆرسىتىش دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا. (2018-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان سۈرەت) ياڭ شىياۋ فوتوسى
قىش پەسلىدە، 2022-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ جاڭجياكۇ شەھىرى چوڭلى مۇسابىقە رايونىدىكى ھەرقايسى قار تېيىلىش مەيدانلىرى ئاپئاق قارغا ئورالدى. تەنھەرىكەتچىلەر بۇيەردە بەس-بەستە ماھارەتلىرىنى كۆرسەتسە، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى بۇ جايدا قار تېيىلىش خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولدى، ساياھەتچىلەر بولسا ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى بۇ شەھەرنىڭ قىشلىق مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندى.
چوڭلى يېقىنقى يىللادىن بۇيان ئاممىۋى قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن، قىشتا قار تېيىلىش، يازدا دالا پائالىيىتىنى ئاساس قىلغان تەنتەربىيە ئىستىراھەت كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ۋەنلۇڭ، تەيۋۇ، بۇلۇت چوققىسى، سەددىچىن چوققىسى، فۇلۇڭ قاتارلىق چوڭ تىپتىكى يەتتە قار تېيىلىش مەيدانىنى قۇردى ھەمدە ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ خەلقئارا قار تېيىلىش بىرلەشمىسى ئەركىن چاڭغا تېيىلىش يانتۇلۇقتا ماھارەت كۆرسىتىش دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى، بوشلۇقتا ماھارەت كۆرسىتىش دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى قاتارلىق مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابىقىلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قار ـ مۇز كەسپىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش، كىچىكلىكتىن زورىيىشتەك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.