ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: 2019-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش 1-ئاينىڭ 21-كۈنى رەسمىي باشلىنىپ، 3-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاياغلىشىدۇ. بۇ جەرياندا ئۈرۈمچىدىن بىۋاسىتە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شەھەرلەرگە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى كۆپلەپ ئېچىلىدۇ.
مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 15-كۈنى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى، ئۈرۈمچى ئاۋىياتىسيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچىدىن بىۋاسىتە جېڭجوۋ، شاڭخەي پۇدۇڭ، شۇنىڭدەك ۋۇخەندىن ئايروپىلان ئالمىشىپ جېياڭغا ئۇچىدىغان ئاۋىياتىسيە لىنىيەلىرى ئېچىلىدىكەن.
1-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى ئاۋىياتىسيەسى ئۈرۈمچى-شاڭخەي پۇدۇڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى، شۇنىڭدەك ئۈرۈمچى-ۋۇخەن-جېياڭ ئاۋىياتىسيە لىنىيەسىنى رەسمىي ئاچىدىكەن، بۇ لىنىيەلەردە ھەر كۈنى بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدىكەن.
بۇنىڭدىن سىرت، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە ئۈرۈمچى-جېڭجوۋ ئاۋىياتىسيە لىنىيەسىدە قاتنايدىغان بىر نۆۋەتچى ئايروپىلاننى كۆپەيتىدىكەن، نۆۋەتچى ئايروپىلان كۆپەيتىلگەن مەزگىلىدە جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى-جېڭجوۋ ئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر كۈنى بەش نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدىكەن.