تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمەن

تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى نۇرمەمەت نۇردۇن

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىدىن پارچىلاپ چىقىپ كېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى، ئۇلار تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ۋەقە تۇغدۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالدى. ئۇلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، قىلىۋاتقىنى ئىنسانىيەتكە قارشى، جەمئىيەتكە قارشى، مەدەنىيلىككە قارشى جىنايى قىلمىش، جەزمەن قاتتىق جازالىنىشى كېرەك. بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن جەزمەن ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ئېغىر ۋەزىپىسىنى باش تارتماي زىممەمگە ئالىمەن.

  غايە-ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، ئىشەنچ- ئىرادەمنى كۈچەيتىپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولىمەن. ئاپتونوم رايون دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بەس-بەستە ئورنىدىن دەس تۇرۇپ «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ، يەر-جاھاننى قاپلىغان قۇدرەتلىك ئاممىۋى پىكىر كۈچى شەكىللەندۈردى. بىر پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن جەزمەن ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن دۈشمەن كۈچلەرنىڭ يالغان-ياۋىداق سۆزلىرى ۋە رەزىل نىيىتىنى ئېچىپ تاشلايمەن، ئۇلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك سۇيىقەستىنى تەلتۆكۈس تارمار قىلىمەن، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىللە ئىتتىپاق، مۇقىم بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى ئورتاق قوغدايمەن. بىرىنچى، غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللامنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق مەسىلىلىرى ئالدىدا كاللامنى سەگەك تۇتۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا، باشتىن-ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولۇپ، خەلققە سادىق بولۇپ، ئاڭلىق ھالدا سىياسىيدا زېرەك ئادەم بولىمەن. ئىككىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن. باشلامچىلىق رولۇمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاپ، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن ئالاقە، مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىمەن، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىرادەمنى چىڭىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرىدىن، ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن، يېتەكلىگۈچىلىرىدىن بولىمەن. ئۈچىنچى، تارىخىي پاكىتنى ئېنىق تونۇپ، خاتا ئىدىيەلەرنىڭ مەنبەسىنى چوڭقۇر قازىمەن. ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇش، شىنجاڭنى ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدىن پارچىلاپ چىقىپ كېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇش رەزىل غەرىزىنى چوڭقۇر پاش قىلىمەن، تەنقىدلەيمەن، بايرىقىم روشەن ھالدا خاتا ئىدىيەلەرگە رەددىيە بېرىپ، ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، قانۇن تۆۋەن چېكىدىن ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق سۆزلەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا، ھەق-ناھەقنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە، خاتا ئىدىيەلەرنىڭ چىرىتىشىگە ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇشقا تەربىيەلەيمەن ۋە يېتەكلەيمەن.

  دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىپ، قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن. مەن باشتىن-ئاخىر ئۆزۈمنىڭ بىرىنچى سالاھىيىتىمنىڭ كومپارتىيە ئەزاسى، بىرىنچى مەسئۇلىيىتىمنىڭ پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى، تۈپ مەقسىتىمنىڭ جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، قەتئىي ھالدا مۇقىملىقنى قوغداش بۈيۈك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بازىنى مۇستەھكەم ساقلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇپ، قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن. بىرىنچى، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىمەن. ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، باشتىن-ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، سادىقلىق بىلەن ۋەزىپەم، مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، يېتەكچىلىك، ئۈلگىلىك رولۇمنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوغدايمەن. ئىككىنچى، قەتئىي تەۋرەنمەي مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىمەن. قەتئىي ھالدا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر سۆزۈم بىلەن ھەرىكىتىمنى بىردەك، ئىچىم بىلەن تېشىمنى بىردەك قىلىمەن، باشتىن-ئاخىر ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە ۋە تارىخىي بۇرچ قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. ئۈچىنچى، ئۆز ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىغا تايىنىپ، ئاممىنى قوزغاپ، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىگە رەددىيە بېرىمەن، ھەر مىللەت ئاممىنى كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى، بۇزغۇنچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇشقا پائال يېتەكلەيمەن، باشتىن-ئاخىر ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىلەن بىللە، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، گۈزەل يۇرت-ماكانىمىزنى ئورتاق ياخشى قوغدايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ