تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«بۇ سۆزنى ئاخىر ئاڭلىدىم»

مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن

  【ئىككى يىغىن نەق مەيدان خەۋىرى】

  «ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ خىزمەتكە قاتناشقاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، مەن خوتەندىكى ئاچا-سىڭىللىرىمدىن بۇ سۆزنى ئاڭلاشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىپ كەلگەنىدىم». 1-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئايگۈل ياقۇپ خوتەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر بۇ سۆزنى ئاڭلىغان چېغىمدا، ھەقىقەتەن بەك خۇشال بولغانىدىم.

  زادى قايسى سۆز ۋەكىل ئايگۈلنى بۇنچىۋالا تەقەززا قىلدى ھەم بۇنچىۋالا خۇشال قىلدى؟ «<ئۇلار قىلالىغاننى مەنمۇ قىلالايمەن>! دەل مۇشۇ سۆز خوتەندىكى خانىم- قىزلارنىڭ ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى» دېدى ئايگۈل خۇرسەن بولۇپ.

  2018-يىلى 7-ئايدا، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئايگۈل خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قىسمەن ناھىيە، شەھەرلىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، نۇرغۇن يېزا ئاياللىرىنىڭ ئۆيلىرىدىن چىقىپ، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا قاتناشقانلىقىنى كۆرۈپ خۇشال بولدى. «گەرچە قىلىۋاتقىنى تاش يۆتكەشتەك پارچە ئىش بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ چېھرىگە كۈلكە يۈگۈرۈپ، ئىلگىرىكىدەك ئىلاجىسىزلىقتا قالمايدىغان، كۆز يېشى قىلمايدىغان بولغانىدى» دېدى ئايگۈل.

  «كېرىيە ناھىيەسىدە، بىر دېھقان ئايالنىڭ ئۆگزىدە ئىشچىلار بىلەن بىللە ئۆي سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تولىمۇ ھەيران قالدىم.» ئايگۈل بۇ ئايالنىڭ قانداق ئويلايدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ: «ئۆگزىدە ئىشلىسەم، كۈنىگە 150 يۈەن تاپالايمەن، پەستە ئىشلىسەم بىر كۈندە پەقەت 50 يۈەنلا تاپالايمەن. ئۇلار قىلغاننى مەنمۇ قىلالايمەن!» دېدى. بۇ ئايالنىڭ كەسكىن، ئىشەنچ بىلەن بەرگەن جاۋابى ئايگۈلنى ھەم ھەيران قالدۇردى، ھەم تەسىرلەندۈردى.

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئاساسىي قانۇندا ئېنىق قىلىپ ئەر-ئاياللار باراۋەر، دەپ بەلگىلەنگەن، بۇ پىرىنسىپ ھېچقاچان ئۆزگەرگىنى يوق.» 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا تۇغۇلغان ئايگۈل مۇنداق دېدى: ئۆزۈم خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، خوتەن يېزىلىرىدىكى ئاياللاردا «كۈتۈپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش» ئىدىيەسىنىڭ بىر قەدەر ئېغىرلىقى، كۆپلىگەن يېزا ئاياللىرى ئەرلەر پۇل تاپىدۇ، ئاياللار خەجلەيدۇ، ئاياللار پەقەت ئائىلىدە بالا باقىدۇ، دەپ قاراپ، قىلالايدىغان نۇرغۇن ئىشلارنىمۇ قىلمايدىغانلىقىنى بايقىدىم. «شۇڭا مەن بۇ ئايالنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندا، خوتەندىكى يېزا ئاياللىرىنىڭ كۆز قارىشىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم».

  ئايگۈلنىڭ سۆزلىرى يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئورتاق تەسىرات پەيدا قىلدى.

  «بۇلتۇر يىل بېشىدا، بىز يېزىدىكى ئاياللارغا قايتا-قايتا ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلىگەندىن كېيىن، ئۇلار ئاندىن ئۆيلىرىدىن چىقىپ، ئەتراپتىكى زاۋۇتلارغا بېرىپ ئىشلەشكە قوشۇلغانىدى، يىل ئاخىرىغا كەلگەندە، نۇرغۇن ئايال بىزنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەپ، زاۋۇتلارغا بېرىپ ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، قاراقاش ناھىيەسى سايباغ يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ خۇڭچاڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى قاتارلىق بىر قاتار ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى تونۇشى، روھىي قىياپىتى، ھەرىكەت ئۇسۇلى قاتارلىقلاردا خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى.

  «ھازىر كەنتلەردىكى قىزلار چىرايلىق كىيىنىدىغان، سىرتقا چىققاندا گىرىم قىلىدىغان، مودا ياسىنىدىغان، شەھەرلىك قىزلاردىن ھېچقانچە پەرقلەنمەيدىغان بولدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، خوتەن شەھەرلىك ئورگان ئارقا سەپ مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئىشچىسى مەسۈم جاپپار قوشۇمچە قىلىپ.

  «ھازىر، يېزا ئاياللىرىدىن گىرىم قىلىدىغانلار كۆپەيدى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغانلار كۆپەيدى، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدىغانلار كۆپەيدى، روھىي قىياپىتىمۇ پۈتۈنلەي يېڭىلاندى، نۇرغۇنلىرى ئائىلىسىنىڭ تۈۋرۈكىگە ئايلىنىپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق <يېرىم دۇنيا> بولۇپ قالدى، بۇ خۇشال بولۇشقا ئەرزىگۈدەك ئىش.» شۈ خۇڭچاڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبىي شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى، كەڭ ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئاكتىپلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، دەۋر بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلىش، ئورتاق ئىلگىرىلەش نامايان بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ