تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنى 2- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

  نۇرلان ئەبىلمەجىن قاتناشتى، لى پېڭشىن قاتارلىقلار يىغىنغا كېلىپ ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنى 2- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، يىغىندا توققۇز ئەزا ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ھەمدەم بولۇش، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەنۇبىي شىنجاڭ باغ - ئورمانچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، داۋالاش ئىسلاھاتى سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش، ساياھەتچىلىكنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئوخشىمىغان جەھەتلەردىن سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ۋەن خەيچۈەن قاتارلىقلار يىغىنغا كېلىپ ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جۈرئەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن چېڭ جېنشەن، ماغاۋ سېيىتقامزا، جاڭ بو، مۇتەللىپ ئوبۇل، كۇڭ شىڭلۇڭ، چيۇ شۇخۇا، ياڭ يۇڭ، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز يىغىنغا قاتناشتى.

  ئەزا جياڭ پىڭئەن مۇنداق قارىدى: سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بۇرچ تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، ۋەزىپە، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، «سىياسىي كېڭەشنى چۈشىنىدىغان، كېڭىشىشنى بىلىدىغان، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ماھىر، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان، قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىدىغان» يېڭى دەۋر سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن بولۇشى كېرەك.

  ئەزا ئەمىنا ئورازغالى مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر قاتار يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا ئاساس سالدى. ئۇ، يېزا ئىگىلىكىدىكى كەسىپلەشكەن باشلامچى كارخانىلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى زورايتىپ، يېزىلارنىڭ بۇلغىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ياخشى يولغا قويۇشقا كۈچ قوشۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.

  ئەزا جيا ديەنزېڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ناچار ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش، يېزا ئىستىلى، مەدەنىيلىكىنى ساقلاشنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يۇلتۇز دەرىجىلىك مەدەنىي ئائىلە ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كەنت قائىدىسى، ئاھالە ئەھدىنامىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېزا- كەنت دەرسخانىلىرىنى ياخشى باشقۇرۇش، ئادىمىيەت ئاساسىنى پۇختىلاش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئائىلە، تۈزۈم، ئىختىساسلىقلار، زامانىۋى مەدەنىيەت قاتارلىق ئاساسنى پۇختىلاش ئارقىلىق، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ نامراتلىق قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  ئەزا شيې شۈەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: پۇقراۋى كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈش قۇرۇلۇشىنى قوللاپ ۋە يولغا قويۇپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، بازار تەسىر كۈچى زور بولغان بىر تۈركۈم غوللۇق كارخانىلارنى بەرپا قىلىپ، كەسىپ باشلامچىسى تىپىدىكى بىر تۈركۈم كارخانىلار ۋە كارخانىچىلارنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشىنى يەنىمۇ قوللاپ، شىنجاڭنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكىنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئەزا سۇ بىن مۇنداق تەكلىپ بەردى: كۇرسلۇق مەھسۇلات مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مېۋە- چېۋە ئىستېمال بازىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئۆلچەملەشكەن، زامانىۋى ئېكولوگىيەلىك ئىستىراھەت باغ قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئۆزگىچە باغ- ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. «رايون ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش، رايون ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش» پىرىنسىپى بويىچە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئوخشاش بولمىغان رايونلىرىدا باغ- ئورمان كۇرسلۇق مەھسۇلات بازىسى بەرپا قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ باغ- ئورمانچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئەزا مۇقىيات ئورازقان مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورا ھەمتۈرتكە ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى، داۋالاش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش بىر گەۋدىلەشكەن راسچوت ئۇچۇر سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىق ئېھتىياجىنى زىچ چۆرىدەپ، داۋالاش ئىسلاھاتى سىياسىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئەزا مېڭ چىڭسەي مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىكىدە تېز تەرەققىيات ئىشقا ئاشتى. ساياھەت ئاممىۋى مۇلازىمەت يانداش قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، ساياھەت چوڭ سانلىق مەلۇماتىنى قوللىنىش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، ساياھەت ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، ساياھەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مۇلازىمەت يۇمشاق مۇھىتى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت كەسپىنىڭ سۈپەت- ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇنسا.

  ئەزا سارەم پازىل مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئاساسىي كۈچنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى كۈچلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىدىكى يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، دىققەتنى ئاساسىي قاتلامدىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىجىل كۈچەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئەزا جاڭ جيەنرېن مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى مەكتەپكە كىرگۈزۈش، دەرسلىككە كىرگۈزۈش، كاللىغا كىرگۈزۈشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، بايراق روشەن ھالدا ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ