شۆ ئاۋ (雪獒) ئىچ سۈرۈشنى توختىتىپ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ. شۆ ئاۋنىڭ تەركىبىدە كراخمال، ئاقسىل، ۋىتامىن C ۋە ئوكسىدلىغۇچى ئېنزىم بار بولۇپ، خام يېسە ئۆپكە تۇبېركۇليوزلۇق قان تۈكۈرۈش، سۆزنەك قاتارلىق كېسەللىكلەرنى قوشۇمچە داۋالاشقا مەنپەئەت قىلىدۇ؛ پىشۇرۇپ يېسە تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئىشتىھانى ئېچىپ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىپ بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
شۆسەي(雪菜) روھنى كۆتۈرىدۇ. جۇڭگو تىبابىتى يېمەكلىك بىلەن داۋالاش ئىلمىي نۇقتىسىدىن قارىغاندا، شۆسەينىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق ئارىلاش ئاچچىق بولۇپ، تەركىبىدىكى ئاسكوربىك كىسلاتا ئورگانىزمنىڭ ئوكسىدلىنىش-ئوكسىدسىزلىنىش جەريانىغا قاتنىشىپ، چوڭ مېڭىدىكى ئوكسىگېن مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ئادەمنىڭ روھىنى كۆتۈرىدۇ. دائىم ئۆي ئىچىدە خىزمەت قىلىدىغانلار ۋە ياشانغانلار شۆسەينى مۇۋاپىق مىقداردا كۆپەيتىپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. شۆسەي تەركىبىدىكى كاروتىن ۋە كۆپ مىقداردىكى يېمەكلىك سېللۇلوزىلىرى قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، شۇڭا ياشانغانلارنىڭ ۋە ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەت بارلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ.
بەسەي تېرىنى ئاسراپ ئۈچەينى راۋانلاشتۇرىدۇ. قىشتا بەسەي يېيىش ئارقىلىق تېرە ئاسراش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. چۈنكى بەسەي تەركىبىدىكى مول ۋىتامىن C ، ۋىتامىن E تېرىنى ئاسرايدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلاردۇر. بەسەي تەركىبىدىكى مول يىرىك تالا ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىپ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ. ئادەتتە، بەسەينى تىك قىلىپ توغرىغاندا تەركىبىدىكى سۇ ۋە سۇدا ئېرىيدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ يوقاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
سۇڭپىياز زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. قىشتا مۇۋاپىق مىقداردا سۇڭپىياز يەپ بەرسە سوغۇقتىن بولغان زۇكامنى داۋالاشقا ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق. سۇڭپىيازنىڭ باش قىسمى يېشىل قىسمىغا قارىغاندا يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاشتا تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، ئاشقازان ۋە ئۈچەي كېسەللىكلىرى بىمارلىرى، بولۇپمۇ ئاشقازان ۋە ئۈچەي يارىسى بارلار سۇڭپىيازنى كۆپ ئىستېمال قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ.
خەلق گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى