تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، بوشىشىپ قالماي، باتۇرلۇق بىلەن يېڭى دەۋرنىڭ كۈرەشچىلىرىدىن بولىمىز

  نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، بوشىشىپ قالماي، باتۇرلۇق بىلەن يېڭى دەۋرنىڭ كۈرەشچىلىرىدىن بولىمىز

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن، مېھرىگۈل غوپۇر، پەرىزات

  ۋەكىللەر، ئەزالار ساداسى

  «مەن ھەر دائىم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان يولداشلارنى ئويلاپ كەلدىم، كەنتتە تۇرۇشلۇق 2 مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق كادىر، 1- شۇجى خىزمەتلەرگە بەك كىرىشىپ، بەك كۈچ چىقاردى، چوقۇم سالامەتلىكىڭلارنى ئاسراڭلار.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2019- يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدىكى بۇ بايانلاردا كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار، 1- شۇجىلارغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇق ئىپادىلەندى، بۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان كەڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار، 1- شۇجىلارغا بېرىلگەن زور مەدەت بولدى. ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىل، ئەزالار مۇنداق بىلدۈردى: چوقۇم بۇرچنى ئادا قىلىپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، بوشىشىپ قالماي، باتۇرلۇق بىلەن يېڭى دەۋرنىڭ كۈرەشچىلىرىدىن بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى يېڭى نەتىجىلىرىمىز بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا سوۋغا تەقدىم قىلىمىز.

  ئالىم ئابدۇراخمان:

       ئەمەلىي ئىشلەپ، نامراتلارنى ھەقىقىي يۆلەيمىز

  «بىز 2018- يىلىنى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق، چۈنكى ھەر كۈنى ناھايىتى تىرىشتۇق.» ۋەكىل ئالىم ئابدۇراخمان مۇنداق دېدى: «خىزمەت ئەترىتىمىز سىرتقا چىقىپ ئىشلەش خىزمىتىنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر تۈزۈپ، تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامرات ئائىلىلەرنىڭ <قان ئىشلەش ئىقتىدارى>نى كۈچەيتىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردۇق. ھازىر بىزنىڭ كەنتىمىزدىن 399 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 191 كىشى».

  ئالىم ئابدۇراخمان مۇنداق دېدى: كۈكۈمەت كەنتىدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر بىر موغىمۇ يەتمەيدۇ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى ئەڭ ياخشى يول. 2018- يىلى خىزمەت ئەترىتىمىز كۆپ قېتىم سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە ياكى يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا چاقىرىق قىلدۇق، تەشكىللىدۇق. «ھازىر كەنتىمىزدىن 26 كىشى جياڭشى نەنچاڭدا ئىشلەۋاتىدۇ، ھەربىرىنىڭ ئايلىق كىرىمى 4000 يۈەن. ھازىر كەنت ئاھالىلىرى سىرتقا چىقىپ ئىشلىسە كۆپ پۇل تاپقىلى، تېز پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنى بەس- بەستە تەلەپ قىلىدىغان بولدى».

  «يېڭى دەۋر كۈرەشچىلەرنىڭ دەۋرى. 2019- يىلى بىز كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، نامراتلارنى ھەقىقىي يۆلەپ، نامراتلارنى يۆلەش يولىدىكى ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەردىن بولىمىز» دېدى ئالىم ئابدۇراخمان.

  (زىيارەت قىلىنغۇچى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ شۆيۈەنىنىڭ لوپ ناھىيەسى چارباغ يېزىسى كۈكۈمەت كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى)

  ئەخمەت ئەخەت:

      قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، خىزمەتنى ياخشى ئىشلەيمەن

  «مېنىڭ پوسكام ناھىيەسىنىڭ گۈلباغ يېزىسى ئاۋات كەنتىدە <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> بويىچە كەنتتە تۇرۇپ خىزمەت قىلىۋاتقىنىمغا ئۈچ يىل بولدى. بۇ يىل ئۈمىدكە تولغان يەنە بىر يىل بولدى، مەن ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىياپىتىنى ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمەن» دېدى ۋەكىل ئەخمەت ئەخەت.

  كەنتتە تۇرغان ئۈچ يىلدىن بۇيانقى خىزمەت نەتىجىسىنى تىلغا ئالغاندا، ئەخمەت ئەخەت پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: مۇشۇ يىللاردا، ئاۋات كەنتىدە زور ئۆزگىرىشلەر يۈزبەردى. كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسىدىكىلەرنىڭ قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش ئىقتىدارى كۈچەيدى، كەنت كادىرلىرىنى ياشلاشتۇرۇش، زىيالىيلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ ئوتۇن- ياغاچ دۆۋىسى، كونا ھويلىلار غايىب بولدى، ئۇنىڭ ئورنىغا پاكىز، رەتلىك ھويلا، ئاقارتىلغان يېڭى تاملار چۈشۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى؛ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىش سىنىپى، مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيى، كەنت قۇرغان زاۋۇتنىڭ ھەممىسىدە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ خىزمەت قىلىۋاتقان، ئۆگىنىۋاتقان سىيماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

  ئەخمەت ئەخەت مۇنداق دېدى: «رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار، 1- شۇجىلارنى تىلغا ئېلىپ، قەلبىمىزنى ئىللىتتى. مەن مەسئۇلىيىتىمنىڭ مۇھىم، زورلۇقىنى، بۇرچۇمنىڭ شەرەپلىكلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن داۋاملىق جاسارەتلىك- ياراملىق بولۇپ، كەنت ئاھالىسىنى ئىدىيەدە ئازاد بولۇشقا يېتەكلەپ، ئاممىۋى خىزمەتنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپچىلىكنى گۈزەل يۇرت- ماكاننى ئورتاق قۇرۇشقا يېتەكلەيمەن».

  (زىيارەت قىلىنغۇچى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، پوسكام ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ گۈلباغ يېزىسى ئاۋات كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى)

  مەرىگۈل ياسىن:

      كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قالتىس ھايات سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىمىز

  «<ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى ئەل قەلبىنى ئىللىتتى ھەم ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلىدى». ئەزا مەرىگۈل ياسىن ئاساسىي قاتلام خەلق ئىشلىرى خىزمەتچىسى بولۇپ، 2015- يىلى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشتى، 2018- يىلى، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن يەنە بىر قېتىم كەنتتە تۇرۇشقا تىزىملاتتى.

  «بۇ نەچچە يىلدا، بىزنىڭ كەنتىمىزدىكى كەنت ئاھالىلىرى كەينى- كەينىدىن يېپيېڭى ئەمىن ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆيىدە يەنە مۇنچا، ھاجەتخانا بار بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، ھويلا- ئاران ئىگىلىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىشىدىكى <ئالتۇن تاۋاق>قا ئايلاندى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغانلارمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەميېنى تومپايدى، پەن- مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىش، زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇش كەچۈرۈش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېڭى ئىنتىلىشىگە ئايلاندى. بۇ ئۆزگىرىشلەر ھەقىقىي بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن چىن قەلبىدىن مىننەتدار» دېدى مەرىگۈل ياسىن.

  ئىلگىرى دېھقانچىلىقنىڭ ئارسال مەزگىلىدە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىلىدىغان ئىشى يوق ئىدى، ھازىر ئوخشىمايدۇ، ئۇلار كەچلىك كۇرسقا بېرىپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى ئۆگىنىدۇ، تۈرلۈك ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشكە قاتنىشىدۇ، يەنە ئەدەبىيات- سەنئەت ئويۇنى قويۇشقا قاتنىشىپ، تۇرمۇشىنى مول مەزمۇنلۇق ئۆتكۈزىدۇ. ئاياللارمۇ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، دادىللىق بىلەن گۈزەللىككە ئىنتىلىدىغان، گۈزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان بولدى. «بۇ ئۆزگىرىشلەر ھەر دەرىجىلىك <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ تىرىشىپ خىزمەت قىلغانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ» دېدى مەرىگۈل ياسىن.

  «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنى ئويلىساملا، قەلبىم ھاياجانغا تولىدۇ ۋە غەيرىتىم ئاشىدۇ. يېڭى بىر يىلدا، بىز باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئۇيۇل تاشتەك قەتئىي ئىشەنچ بىلەن، مىنۇت- سېكۇنتنى قولدىن بەرمەيدىغان غەيرەت، قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان جاسارەت بىلەن، چىن قەلبىمىز، پۈتۈن مېھرىمىز بىلەن، <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قالتىس ھايات سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىمىز» دېدى مەرىگۈل ياسىن قەتئىي ھالدا.

  (زىيارەت قىلىنغۇچى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، مەكىت ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ يانتاق يېزىسى دولان جيايۈەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ