تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

  شۆھرەت زاكىر قەشقەر ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

  يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 1- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئۆزى تۇرۇشلۇق قەشقەر ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ، ۋەكىللەر بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى.

  ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: 2018- يىلى ئېغىر، مۈشكۈل مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋەزىپىسى ئالدىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتا «قوش مول ھوسۇل»غا ئېرىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا قاراپ يەنە بىر قەدەم تاشلىدى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يول باشلىشىدىن، رولچى بولغانلىقىدىن بولغان، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى شانلىق نۇرىنىڭ يېتەكچىلىكىدىن بولغان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن بولغان، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشىدىن بولغان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىدىن بولغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىگەنلىكىدىن بولغان.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: 2019- يىللىق خىزمەتلەر توغرىسىدا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2- ، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش +3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي كۆزلىمە نىشانى ھەم نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دوكلاتتا شىنجاڭدا مۇقىملىق پايدىسىنى قويۇپ بېرىش ۋە دۇچ كەلگەن مۇھىم پۇرسەت، پايدىلىق شارائىت ھەمدە ھەر جەھەتتىكى ئاكتىپ ئامىللار، بىر تەرەپتىن، دىققەتنى باش نىشانغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىناق، مۇقىم بولغان ئىجتىمائىي مۇھىت بىلەن تەمىنلەش؛ يەنە بىر تەرەپتىن، مۇقىملىق پايدىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش تولۇق ئويلىشىلدى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، قەشقەر ۋىلايىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ دىققەتنى باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ- خەتەر ئېڭى ۋە كۈرەش قىلىش روھىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش جەھەتتە سىجىل كۈچىشىنى؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش» سەككىز خەتلىك فاڭجېننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا سىجىل كۈچىشىنى؛ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا سىجىل كۈچىشىنى؛ پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، ئىستىلنى ياخشىلاشقا سىجىل كۈچەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش مۇساپىسىدە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ