تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

شوتا ئارقىلىق ئورنىتىلغان 30 يىللىق قوشنىدارچىلىق رىشتى

  مۇخبىرىمىز ليۇ مېڭمېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر نيەن لېي خەۋىرى: 1-ئاينىڭ 14-كۈنى، باغراش ناھىيەسى بۇمبۇت بازىرى شىنبۇخ كەنتىدىكى 55 ياشلىق ليۇ لۇنشەن ئۆيىدە نەۋرە قىزىنى ئوينىتىۋاتقان بولۇپ، ئايالى شىڭ مېيلىڭ چۈشلۈك تاماققا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. بۇ چاغدا سىرتتىن: «ليۇ دادا، سىز بارمۇ؟» دېگەن تاتلىق ئاۋاز ئاڭلاندى، ليۇ لۇنشەن بىلەن شىڭ مېيلىڭ بۇ تونۇش ئاۋازنى ئاڭلاپ دەرھال ھويلىغا يۈگۈرۈپ چىقتى، ئۇلار قوشنىسى، «قىزى» گۈلى سالامنىڭ ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان بىر تەخسە پولونى كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقىنى كۆردى، گۈلى تامنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى شوتىدا تۇرۇپ تامدىن بويلاپ: «بۈگۈن ئۆيدە پولو ئەتكەنىدۇق، سىلەرگە بىر تەخسە ئېلىپ چىقتىم» دېدى.

  30 يىللىق ياخشى مۇناسىۋەت كىچىك ئىشلار ئارقىلىق شەكىللەنگەن

  30 يىلدىن بۇيان، ليۇ لۇنشەن بىلەن سالام ئىمىن ئائىلىسى ئوتتۇرىسدا ھەر كۈنى دېگۈدەك ئىللىق قوشنىدارچىلىق ھېكايىلىرى يۈز بېرىپ تۇردى.

  ليۇ لۇنشەن بىلەن سالام ئىمىننىڭ قوشنا بولغىنىغا 30 يىل بولدى، ئىككى ئائىلىنى ھويلا تېمى ئايرىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئىككى ئائىلىدىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىدەكلا ئۆتىدۇ. 1984-يىلى، ليۇ لۇنشەن بۇمبۇت بازىرى شىنبۇخ كەنتى 2-گۇرۇپپىغا كۆچۈپ كېلىپ، سالام ئىمىن بىلەن تونۇشتى. ليۇ لۇنشەن شۇ چاغنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: شۇ چاغدا ئۇ تېخى توي قىلمىغان بولۇپ، تارتىنچاق ئىدى، ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشقاندا كۈلۈپلا قوياتتى. ئۇ ۋاقىتتا ئائىلە شارائىتىم ياخشى ئەمەس ئىدى، سالام ماڭا ئەتراپتىكى مۇھىتنى تونۇشتۇردى، يۇرتداشلار بىلەن كۆرۈشتۈردى، ئادەتتە كىمنىڭ ئۆيىدە ئىش بولسا، ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرەتتى.

  ئىككى ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتى بىر شوتا ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشىلاندى. سالامنىڭ ئايالى ئاسىيەم ئىبراھىم تاماققا ئۇستا بولۇپ، ئەتكەن پولو، لەغمەن قاتارلىق تاماقلىرىنىڭ مەززىلىك ھىدى تامنىڭ بۇ يېقىغىمۇ تارىلىپ تۇراتتى. بىر قېتىم ئاسىيەم شوتىنى تام تۈۋىگە يۆتكەپ، شوتىغا چىقىپ ليۇ لۇنشەننىڭ ئۆيىگە قاراپ: ليۇ ئاكا، ليۇ يەڭگە، سىلەر ئۆيدىمۇ؟- دەپ ۋارقىرىدى، ئاۋازنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ليۇ لۇنشەن ئەر-خوتۇن ھويلىغا چىقىپ، ئاسىيەمنىڭ تام تۆپىسىدە بىر تەخسە قوي گۆشىنى كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ئېلىۋالدى. شۇ كۈندىن تارتىپ ليۇ لۇنشەنمۇ بازارغا بېرىپ بىر شوتا سېتىۋالدى، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى دائىم تام تۆپىسىدە تۇرۇپ «پاراڭلاشتى».

  ـ بەزىدە ئۇلارنىڭ ئۆيىدە نان ياقسا، پولو ئەتسە شوتىدا تۇرۇپ چاقىرسىلا مەن چىقىمەن، ئائىلە شارائىتىمىز ئىلگىرى ياخشى ئەمەس ئىدى، ئۇلارنىڭ دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى ئىككى ئائىلىدىكىلەر بىللە ئىشلىتەتتۇق، مەن شوتىغا چىقىپ چاقىرساملا ئۇ ماڭا سۇنۇپ بېرەتتى. ئۇ ۋاقىتتا بالىمىز كىچىك، دېھقانچىلىق ئىشلىرى بېسىق مەزگىللەردە بالىنى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە قويۇپ قوياتتۇق، ـ دېدى ليۇيۈەنشەن. مۇشۇنداق كىچىك ئىشلار ئىككى ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەدرىجىي يېقىنلاشتۇردى.

  ئاپىرىپ-ئەكىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش

  تىنچ، ئىللىق تۇرمۇشتا كۈتۈلمىگەن بىر ئىش يۈز بەردى، 2008-يىلى 6-ئايلار ئىدى، سالامنىڭ قىزى ئايگۈل يېقىندىن بۇيان ھە دېسىلا پۇتۇم ئاغرىۋاتىدۇ دەپ يۈرەتتى. «ئۇنىڭ پۇتى ئىلگىرى قايناق سۇدا كۆيۈپ قالغانىدى، شۇڭا، بىز دەسلەپتە پىسەنت قىلماي، كۆيۈك يارىسى ساقايمىغان بولسا كېرەك، دەپتىمىز، كېيىن ئۇنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتتى، مەن ئۇنى كورلا شەھىرىگە ئاپىرىپ دوختۇرغا كۆرسەتتىم» دېدى سالام، ليۇ لۇنشەن سالام بىلەن كورلا شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىغا بېرىپ، قاتراپ يۈرۈپ نومۇر ئالدى، دوختۇر ئىزدىدى.

  ئايگۈلگە «سۆڭەك راكى» دەپ دىياگنوز قويۇلدى. بۇ سالام ئائىلىسىدىكىلەرگە ئېغىر زەربە بولدى. سالامنىڭ گېلىدىن تاماقمۇ ئۆتمىدى. بۇ ۋاقىتلاردا ليۇ لۇنشەن «سالام، سىز روھلۇق تۇرۇشىڭىز كېرەك، بالىنىڭ ئۈمىدى سىزدە» دەپ سالامنى توختىماي رىغبەتلەندۈردى ۋە ۋاقىتتىن ۋاقىتتىن چىقىرىپ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى.

  سالامنىڭ قىزى ئايگۈل كورلىدا داۋالىنىۋاتقاندا سالامنىڭ ئۆيىدە ئاپتوموبىل بولمىغانلىقتىن، ھەر ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىشتا ليۇ لۇنشەن ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ئاسىيەمنى كورلىغا ئاپاردى، بەزىدە بىر ھەپتىدە نەچچە قېتىم قاتنىدى. ئۇ ئۇلارنى مۇشۇنداق ئىزچىل توشۇدى. سالام ئائىلىسىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىمۇ ليۇ لۇنشەننىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى، ھويلىسىدىكى قوي-كالىلىرىنىمۇ ليۇ لۇنشەن باقتى. ليۇ لۇنشەننىڭ ئالدىراشلىقتا پۇت-قولىنىمۇ قويالمايۋاتقانلىقىنى كۆرگەن سالام خىجىللىق ھېس قىلدى، ليۇ لۇنشەن كۈلۈپ تۇرۇپ: «نېمىگە تۈزۈت قىلىسىز؟» دېدى.

  ئايگۈلنىڭ كېسىلى ئېغىرلاپ كەتتى، سالام بالىنى ئۈرۈمچىگە ئاپىرىشنى قارار قىلىپ، سەھەر سائەت ئۈچنىڭ پويىز بېلىتىنى زاكاز قىلدى. دېھقانچىلىقنىڭ بېسىق مەزگىلى بولغانلىقتىن، ليۇ لۇنشەن يەنە ئىككى ئائىلىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئالغاچقا، سالام يەنە ئۇنى ئاۋارە قىلىشنى خالىماي، ۋوگزالغا ئاپتوموبىل توسۇپ بېرىشنى قارار قىلدى.

  «دۇڭ، دۇڭ، دۇڭ...» شۇ كۈنى سەھەر سائەت ئىككىدە سالام ئائىلىسىنىڭ دەرۋازىسى قېقىلدى، ئىشىكنى ليۇ لۇنشەن قاققان ئىدى. «سالام، ماڭايلى، مەن سىلەرنى ئاپىرىپ قوياي.» ئەسلىدە ليۇ لۇنشەن سالامنىڭ كەچتىكى پويىزغا ئۈلگۈرمەكچى بولغانلىقىنى ئۇقۇپ، قوڭغۇراقلىق سائەتنى تەڭشەپ ئورنىدىن تۇرغان ئىدى، ليۇ لۇنشەن ئۇلارنى ۋوگزالغا ئاپىرىپ قويۇپ، ئالدىن سوراپ قويغان كېسەل كۆرسىتىش لىنىيەسىنى يېزىپ سالامنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويدى، سالام بۇلارنى ئەسكە ئالغاندا ھازىرمۇ كۆزىگە ياش ئالىدۇ. كۆپچىلىك پۈتۈن كۈچىنى چىقارغان بولسىمۇ، ئايگۈل يەنىلا ئۇلاردىن ئايرىلدى. «ئاچام بىزدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ليۇ دادام دادام-ئاپامغا ئوخشاشلا ئازابلاندى.»،-دېدى سالامنىڭ قىزى گۈلى. ئاچىسى كەتكەندىن كېيىن ئۇ ليۇ لۇنشەننى «ليۇ تاغا» دەپ چاقىرماي «ليۇ دادا» دەپ چاقىرىدىغان بولدى. ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولغان ئىككى ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يېقىنلاشتى.

  قوشنىلار ئارا مېھىر-مۇھەببەت كېيىنكى ئەۋلادلارغىچە داۋاملاشتى

  بۇ يىل 20 ياشقا كىرگەن گۈلى سالامنىڭ ئەڭ كىچىك قىزى، ئۇنىڭ ئاچىسى ليۇ لۇنشەننىڭ ئوغلى بىلەن تەڭ دېمەتلىك بولۇپ، بىر مەكتەپتە ئوقۇغانىدى، گۈلى ليۇ لۇنشەننىڭ ئوغلى بىلەن مەكتەپكە بىللە بېرىپ-كېلىپ، بىللە تاپشۇرۇق ئىشلەپ قېرىنداشلاردەك بولۇپ كەتتى، گۈلى ئېسىنى بىلگەندىن تارتىپ، ئۆز ئاتا-ئانىسىدىن باشقا، ليۇ دادىسى، ليۇ ئانىسىنى كۆرۈپ چوڭ بولغانىدى.

  ھازىر گۈلى كەنتتە قېلىپ زاپاس كادىر بولۇشنى تاللىدى.

   ــ مەن كەنتتە قېلىپ خىزمەت قىلىمەن، كەنت ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن، شۇنداقلا سىرتتا خىزمەت قىلىۋاتقان ئاكا-ئاچىلىرىمنىڭ ئورنىدا ئاتا-ئانامغا ۋاپادارلىق يەتكۈزىمەن. ليۇ دادام مېنى ئەڭ قوللايدۇ.

    مەكتەپ ياكى خىزمەت تاللاش بولسۇن، ليۇ لۇنشەن ئۇنى ئىزچىل قوللاپ كەلدى. گۈلى بۇ يىل ئىچكىرىگە تېخنىكا تەربىيەسىگە قاتنىشىشقا بارماقچى بولدى، ليۇ لۇنشەن بۇنى ئۇققاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئىستاكان قاتارلىق بۇيۇملارنى سوۋغا قىلدى، ئۇنىڭ بىلەن ئۈندىداردا داۋاملىق ئالاقىلىشىپ سالامەتلىكىگە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىپ تۇردى.

  ــ كەچلىرى دائىم سالاملارنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ ساز ئاڭلايمىز، پاراڭلىشىمىز... نەچچە ئون يىل قوشنا بوپتىمىز، مېھىر-مۇھەببىتىمىز ناھايىتى چوڭقۇر، ئۇنىڭ ئورنىنى ھېچنىمە باسالمايدۇ،-دېدى ليۇ لۇنشەن. ـ بالىلار چوڭ بولۇپ تەرەپ-تەرەپكە كەتكەن بولسىمۇ، 30 نەچچە يىللىق قوشنىدارچىلىق مۇھەببىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ