مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 13-كۈنى شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، مۇشۇ ھەپتىدە شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. ئۈرۈمچىدە ھاۋا داۋاملىق ئوچۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا مۇقىم بولىدىكەن.
1-ئاينىڭ 12- ۋە 13-كۈنلىرى ئۈرۈمچىدە قۇياش پارلاپ، ھاۋا ئوچۇق بولدى. ئۈرۈمچى مەركىزىي شەھەر رايونىنىڭ كۈندىلىك ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃10- تىن تۆۋەن بولۇشتىن ℃10- ئەتراپىدا بولۇشقا ئۆتۈپ، داۋاملىق ئۆرلەپ ℃5- ئىچىدە بولدى.
1-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۈرۈمچىنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونىدا تېمپېراتۇرا ℃2.9- بولۇپ، 2019-يىلى كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆرۈلۈپ، كىشىلەرگە باش باھار كىرگەندەك تۇيغۇ بەردى. 1-ئاينىڭ 13-كۈنى لابا بايرىمى بولۇپ، ھورى چىقىپ تۇرغان لابا ئۇمىچى شۇ كۈندىكى ℃3.9- لۇق ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا جور بولدى.
ئۈچىنچى چىللە يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، تېمپېراتۇرا نېمىشقا تۆۋەنلىمەي ئەكسىچە ئۆرلەيدۇ؟ ئەمەلىيەتتە بۇ ئالدىنقى مەزگىلدە كۆرۈلگەن كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى تەسىرىدە تېمپېراتۇرىنىڭ روشەن تۆۋەنلىشىدىن بولدى، ئۈچىنچى چىللە كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئارىلىما مەزگىلىگە دەل كەلگەن، شۇنداقلا بەزى-بەزىدە كېلىدىغان ئاجىز سوغۇق ھاۋا ئېقىمى تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان تەتۈر تېمپېراتۇرا قاتلىمىنى بۇزۇپ تاشلىغان بولغاچقا، كىشىلەر بۇ يىلقى ئۈچىنچى چىللىدە ھاۋا ئانچە سوغۇق ئەمەستەك ھېس قىلدى.