شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر دۇڭ لياڭ خەۋىرى): 2019-يىللىق ئۈرۈمچى . يىپەك يولى قار ـ مۇز مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، دۆلىتىمىز ئىچىدىن 2522 مارافونچە يۈگۈرۈش ھەۋەسكارىنى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.
بۇ قېتىمقى قار-مۇز مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 16-نۆۋەتلىك يىپەك يولى قار-مۇز جىلۋىسى بايرىمى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى. مۇسابىقە ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ نەنسەنگە جايلاشقان شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكەت مەركىزىنى باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش نۇقتىسى قىلغان، مۇسابىقىدە پۈتۈن مۇساپىلىك مارافون (42.195 كىلومېتىر)، يېرىم مۇساپىلىك مارافون (21.0975 كىلومېتىر)، قىسقا مۇساپىلىك مارافون (10 كىلومېتىر) ۋە بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرلىكتە يۈگۈرۈش (3 كىلومېتىر) تىن ئىبارەت تۆت گۇرۇپپا بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، جەمئىي 2522 مارافونچە يۈگۈرۈش ھەۋەسكارى مۇسابىقىگە قاتناشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەرلەر 1623 كىشى، ئاياللار 899 كىشى. ئۈرۈمچىدىكى ھەۋەسكارلاردىن باشقا، مۇسابىقىگە يەنە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىرىدىن ھەۋەسكارلار قاتناشتى، بېيجىڭ، گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ قاتارلىق جايلاردىن 189 مارافونچە يۈگۈرۈش ھەۋەسكارى قاتناشتى.
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ لى مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى، ئۈرۈمچى شەھىرى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشىدا پائال ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نەنسەن رايونىدا قىشلىق قار ـ مۇز ساياھەت بايلىقى مول، بىز بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆزگىچە قار ـ مۇز بايلىقى ۋە دالا تەنھەرىكىتى بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى ۋە دالا تەنھەرىكىتى رايونى بەرپا قىلىپ، ساياھەتتە شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، قار - مۇز تەنھەرىكىتى ئارقىلىق قار ـ مۇز ساياھىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەملىكىتىمىزدىكى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يۈگۈرۈش ھەۋەسكارلىرىغا ئۈرۈمچىنى تونۇشتۇرۇپ ۋە ھېس قىلدۇرۇپ، <شىنجاڭ ياخشى جاي> ئىكەنلىكىنى تولۇق ھېس قىلدۇرىمىز.»