تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىز ھەممىمىز تىرىشىپ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتىمىز، بىز ھەممىمىز ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي، جاڭ يۈنمېي، مېھرىگۈل غوپۇر

  «بىر ھەرىكەتچان جۇڭگو گۈللىنىش، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىگە تولدى. بىز ھەممىمىز تىرىشىپ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتىمىز، بىز ھەممىمىز ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر.» دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2019-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى مىليونلىغان خەلقنىڭ كۈرەش قىلىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتتى.

  تىيانشاننىڭ جەنۇبى، شىمالىدا يېڭى دەۋردىكى سان-ساناقسىز ئارزۇغا ئىنتىلگۈچى بار، ئۇلار خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، «گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش»نىڭ تەسىرلىك كارتىنىسىنى ئورتاق سىزماقتا. تىيانشاننىڭ جەنۇبى، شىمالىدىكى ۋەكىللەر، ئەزالار يۈرەك سۆزلىرىنى كەڭ-كۇشادە بايان قىلىپ، ئەتراپىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى، مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئىتتىپاق-ئىناق، ئاۋات-باي، مەدەنىي-ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ما گوچىڭ:

      كەنت ئاھالىلىرىنى ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىشقا يېتەكلەيمەن

  «مۇشۇ كۈنلەردە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنى ئويلىساملا قەلبىم ئىللىقلىققا تولىدۇ. مەن يېزىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولدۇم، مۇشۇ يىللاردا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يۇرتۇمدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ھازىر كەنتنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى بارغانسېرى ياخشىلاندى، كەنت ئاھالىلىرى ئەمىن ئۆيلەردە ئولتۇرىدىغان بولدى، ئاسفالت يوللار ئىشىك ئالدىمىزغىچە ياسالدى، كەنتتە كىتاب ئوقۇش ئۆيى قۇرۇلدى، تۈرلۈك ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشتىن سىرتقى تۇرمۇشىنى بېيىتتى. كەنت- مەھەللىلەر بارغانسېرى گۈزەللەشتى، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىمۇ ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى». ۋەكىل ما گوچىڭ كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئالغاندا ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى.

  ئۆتكەن بىر يىلدا، ما گوچىڭ ھۆددە ئالغان 400 مو ياغلىق ئاپتاپپەرەس ۋە گازىر تاۋۇزدىن مول ھوسۇل ئېلىپ، 300 مىڭ يۈەنگە يېقىن پايدا ئالدى، گۆش كالىسى باقمىچىلىقىنىمۇ ئوبدانلا يۈرۈشتۈرۈۋالدى. بېيىغان ما گوچىڭ ئۆزىنىڭ بېيىش تەجرىبىلىرىدىن كەنت ئاھالىلىرىنى تەڭ بەھرىلەندۈرۈپ، كۆپچىلىكنى ئورتاق بېيىشقا يېتەكلىدى.

  «ھازىر يۇرتداشلارنىڭ كۈنلىرى بارغانسېرى ياخشىلاندى، غەيرىتىم تېخىمۇ ئاشتى، بۇ يىل مەن تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تېرىقچىلىق سورتلىرىنى كۆپەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىشقا يېتەكلەيمەن. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن يەنە ئاممىنىڭ ساداسىنى ئىنكاس قىلىپ، يۇرتۇمدىكى ئاممىغا ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىلىك مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىمەن» دېدى ما گوچىڭ.

  (زىيارەت قىلىنغۇچى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، بۇرچىن ناھىيەسى قوستىق بازىرى قوستىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى)

  شاۋكەت ئىبراھىم:

      خىزمەتتە قىلچىمۇ بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ

  «مەن ئىلگىرى ھەربىي ئىدىم، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەندىن كېيىن ئامانلىق قوغدىغۇچى بولۇپ، دۆلەتنى، يۇرت-ماكاننى قوغداش مۇقەددەس بۇرچىنى داۋاملىق ئادا قىلىشنى ئۈمىد قىلدىم.» ۋەكىل شاۋكەت ئىبراھىم مۇنداق دېدى: ئامانلىق قوغداش خىزمىتى ئاممىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا چېتىلىدۇ، بۇنىڭدا قىلچىمۇ بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ.

  نەچچە يىلدا، شاۋكەت ئىبراھىم ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ماي قاچىلاش پونكىتى، ئامانەت-قەرز كوپىراتىپىدا ئامانلىق قوغدىغۇچى بولدى، مەيلى قايسى جايدا بولسۇن، ئۇ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى قىلچە بىخەستەلىك قىلماي ئادا قىلدى، خىزمەتتە ئەستايىدىل بولغانلىقتىن ئىدارىسىدىكىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

  «مەسئۇلىيەتچانلىق بولغان بىلەنلا كۇپايە قىلمايدۇ.» شاۋكەت ئىبراھىم مۇنداق دېدى: ئىلگىرى مەن دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئانچە- مۇنچىلا بىلەتتىم، بەزىدە باشقىلار بىلەن راۋان پىكىر ئالماشتۇرالمىغانلىقتىن، خىزمەت ئورنۇمغا كەلگەنلەر بىلەن ئوتتۇرىمىزدا ئۇقۇشماسلىق يۈز بېرەتتى، مەن دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگىنىشنىڭ خىزمەت ئېھتىياجى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بىر جۇڭگولۇقنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. شۇڭا مەن مەھەللە ۋە خىزمەت ئورنۇمدا ئۇيۇشتۇرۇلغان دۆلەت ئورتاق تىلى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا ئاكتىپلىق بىلەن تىزىملىتىپ قاتناشتىم، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن يەنە خوتۇنۇم بىلەن بىللە ئۆگەندىم.

  «ھازىر مېنىڭ پۇتۇڭخۇا سەۋىيەم ناھايىتى زور دەرىجىدە ئۆستى، خىزمەت ئورنۇمغا كەلگەنلەر بىلەن راۋان پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولدۇم. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن ئۆز ساپايىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خىزمەت ئورنۇمدا ياخشى تۇرۇپ، ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىمنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن» دېدى شاۋكەت ئىبراھىم.

  (زىيارەت قىلىنغۇچى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى نىڭشى ئامانلىق قوغداش مۇلازىمەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئامانلىق قوغدىغۇچىسى)

  چېن يىڭ:

      دۆلەت مەدەنىيەت جەۋھىرىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرىمەن

  «2018-يىلىنى ئىنتايىن مەنىلىك ئۆتكۈزۈپ، نۇرغۇن تەسىراتلارغا ئىگە بولۇپ، ئۇنتۇلغۇسىز ئىشلارنى باشتىن كەچۈردۈم.» ئۆتكەن بىر يىلدا، ئەزا چېن يىڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن يېزا، مەھەللە، مەكتەپلەرگە دائىم بېرىپ پائالىيەت قىلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىڭجۈ تىياتىرى ئۆمىكىنىڭ دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چېن يىڭ جىڭجۈ تىياتىرى سەنئىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ گۈللەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى، جىڭجۈ تىياتىرى سەنئىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى.

  «جىڭجۈ تىياتىرى دۆلەت مەدەنىيەت جەۋھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭگۈشتەرى، جىڭجۈ تىياتىرى سەنئىتىنى قىزغىن سۆيۈش جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ۋە قىزغىن سۆيۈشنىمۇ نامايان قىلىدۇ» دېدى چېن يىڭ. ئۇلارنىڭ بوشاشماي تىرىشىشى بىلەن، ھازىر جىڭجۈ تىياتىرى ئورۇنلاشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىدىغان بالىلار بارغانسېرى كۆپەيدى، بالىلارنىڭ قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولدى، ئۇلار كۆزنى قاماشتۇرىدىغان جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن پەخىرلەندى، ئۆزىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىدىن ئىپتىخارلاندى.

  «يېڭى مۇساپىدە، بىز ھەممىمىز ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر، ئارزۇغا ئىنتىلىش يولىدا مەن ئۇيۇل تاشتەك قەتئىي ئىشەنچ بىلەن، مىنۇت- سېكۇنتنى قولدىن بەرمەيدىغان غەيرەت، قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تارقىتىپ، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقىنى يىلتىز تارتقۇزۇپ، بىخلاندۇرۇپ، چېچەكلىتىپ مېۋە بەرگۈزىمەن» دېدى چېن يىڭ.

  (زىيارەت قىلىنغۇچى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىڭجۈ تىياتىرى ئۆمىكىنىڭ دۆلەتلىك 1- دەرىجىلىك ئارتىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • پورت تاشيولى قۇرۇلۇشى جىددىي ئىشلەنمەكتە
  • شىنجاڭلىق ئوماق بالىلار تەڭپۇڭ چاق مۇسابىقىسى مەيدانىدا ئۆزىنى نامايان قىلدى
  • تۇرپان يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە باشلامچى بولدى