تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى ئېچىلدى

چېن چۈەنگو، ئىسمائىل تىلىۋالدى، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن يىغىنغا كېلىپ تەبرىكلىدى

نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى بەردى

چېڭ جېنشەن رىياسەتچىلىك قىلدى، ماغاۋ سېيىتقامزا تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى

1-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. سۈرەتتە: يىغىن نەق مەيدانى. (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۈي فوتوسى)

   شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.

   يىغىن مەيدانىنىڭ كەيپىياتى قىزغىن، تەنتەنىلىك بولۇپ، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ گېربى رەئىس سەھنىسىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا ئېسىلغانىدى، ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرىپىگە قاتار قويۇلغانىدى.

   چېن چۈەنگو، ئىسمائىل تىلىۋالدى، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن چېڭ جېنشەن، جۈرئەت ئىمىن، ماغاۋ سېيىتقامزا، جاڭ بو، مۇتەللىپ ئوبۇل، كۇڭ شىڭلۇڭ، ياڭ يۇڭ، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 515، ئەمەلىي قاتناشقان ئەزا 463 بولۇپ، بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

   سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، چېڭ جېنشەن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋازدا دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى.

   نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى.

   نۇرلان ئەبىلمەجىن ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلەرنى بەش جەھەتتىن خۇلاسىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلىشىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، فۇنكسىيەسىنى ئاساسىي قانۇن، نىزامنامە بويىچە ئادا قىلىپ، كېڭىشىش پىلانى بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، ئالاھىدىلىك، ئۈستۈنلۈكنى چۆرىدەپ كۈچ چىقىرىپ، كېڭىشىش، مۇھاكىمە قىلىشتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دېموكراتىك نازارەتچىلىكنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىق، بىرلەشمە دوستلۇقنى كېڭەيتىپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىتتىپاق- دېموكراتىك بولغان، ئەمەلىيەتچىل- ئالغا ئىنتىلىدىغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەتنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يارىتىپ، باش نىشاننىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

   نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، يادرونى قەتئىي قوغداپ، مەركىزىي خىزمەتكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، كىشىلەر قەلبىنى كەڭ دائىرىدە مايىل قىلىپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كەڭ دائىرىدە كېڭىشىپ، ئەمەلىي نازارەت قىلىپ، پىكىر- تەكلىپ بېرىش، سىياسىي مەسلىھەت بېرىشكە ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشكە قوش يۆنىلىشلىك كۈچەپ، ئىجتىمائىي ئومۇقلۇقنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

   نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي يېتەكچىلىكنى قەتئىي تەۋرەنمەي كۈچەيتىپ، كېڭىشىش، مۇھاكىمە قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يېڭى ئورنى، يېڭى بۇرچىنى پۇختا ئىگىلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىنى مۇجەسسەملەشتەك سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي تۈردە زىممىسىگە ئېلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

   ماغاۋ سېيىتقامزا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى. بىر يىلدىن بۇيان، كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقۇچى ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار 795 پارچە تەكلىپ بەرگەن، تەكشۈرۈش ئارقىلىق 689 تەكلىپ تۇرغۇزۇلغان، بېجىرىشكە تاپشۇرۇلغان بارلىق تەكلىپلەرنىڭ ھەممىسىگە بېجىرىلىپ جاۋاب قايتۇرۇلغان، جاۋاب قايتۇرۇلۇش نىسبىتى %100 بولغان.

   ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، بىڭتۈەندىكى رەھبىرىي يولداشلار، ئۆتكەن ھەر نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىس، مۇئاۋىن رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان رەھبىرىي يولداشلار قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ