تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىستېرېئولۇق «قاتناش چەمبىرىكى» تېز شەكىللەندى

شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىش-چىقىشنى تېزلىتىش

ئىستېرېئولۇق «قاتناش چەمبىرىكى» تېز شەكىللەندى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ، پىراكتىكانت لياڭ يەننى

  پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇساپىسى 4800 كىلومېتىردىن ئاشتى، 105 ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورۇننىڭ 72 سىگە يۇقىرى سۈرئەتلىك ياكى بىرىنچى دەرىجىلىك تاشيول تۇتاشتۇرۇلدى، 103 ىگە ئىككىنچى دەرىجىلىك تاشيول تۇتاشتۇرۇلدى

  پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول تىجارەت مۇساپىسى 6200 كىلومېتىردىن كۆپرەككە يېتىپ، ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىقنى ھالقىغان يېپيېڭى يول تورى ئورۇنلاشتۇرمىسى شەكىللەندى

  دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى 36 ئاۋىياتسىيە شىركىتى 254 قەرەللىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە تىجارەت قىلىۋاتىدۇ، 16 دۆلەت، 25 خەلقئارا (رايون) شەھەر، دۆلەت ئىچىدىكى 79 شەھەر بىلەن ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى ئارىسىدا ئايروپىلان قاتنىدى، شىنجاڭ ئىچىدىكى تارماق لىنىيەلىك ئايرودۇرۇملار ئارىسىدا 31 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلدى، تارماق لىنىيەلىك ئايرودۇرۇملاردىن ئىچكىرىدىكى شەھەرلەرگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان 42 ھاۋا لىنىيەسى ئېچىلدى

  يېڭىلا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا «شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىش-چىقىشنى تېزلىتىش» نىشانىنى كۆزلەش، دۆلەت، ئۆلكە يولى ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، شىنجاڭنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول دەۋرىگە باشلاپ كىرىش، لەنجوۋ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنى ئاساسىي غول لىنىيە قىلغان، جەنۇبىي- شىمالىي شىنجاڭ تېز سۈرئەتلىك يولىنى ئىككى قانات قىلغان تۆمۈريول «قاتناش چەمبىرىكى» بەرپا قىلىش، شىنجاڭ ئىچى-سىرتى بىرلەشمە تىرانسپورت تورى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ شىنجاڭغا كىرىپ-چىقىدىغان تۆمۈريول، تاشيول چوڭ يول قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستېرېئولۇق «قاتناش چەمبىرىكى»نى تېز شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى.

  يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىدى

  G7 بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قاتناش باشلىنىپ، شىنجاڭغا كىرىپ-چىقىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ شىمالىي يولى شەكىللىنىپ، شىنجاڭدىن بېيجىڭغىچە بولغان ئارىلىق 1300 كىلومېتىردىن كۆپرەك قىسقاردى؛ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ شىنجاڭدىن چىقىدىغان ئوتتۇرا يولى−G30 لىنىيەسىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدىكى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ ياسىلىدىغان كۆپلىگەن تۈرى مۇقىم ئالغا سىلجىتىلىپ، ھەممىسى شىنجاڭغا كىرىپ-چىقىدىغان يول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

  بۇلتۇر 8-ئاينىڭ 1-كۈنى، G3012 قاراقاش-خوتەن بۆلىكىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول پۈتۈپ قاتناش باشلاندى، بۇ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول شىنجاڭدىكى بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنى قاپلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى جېڭ مىڭچۈەن مۇنداق دېدى: «پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئاساسىي رامكىسى شەكىللىنىپ، شىمال-ئوتتۇرا-جەنۇب ھەم جەنۇبىي-شىمالىي شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول چوڭ يولى تېز ياسىلىپ، كىشىلەرنىڭ بېرىش-كېلىشى، ئالماشتۇرۇشى كۈنسېرى قويۇقلاشتى».

  يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول گەرچە ئايلانما لىنىيەنى شەكىللەندۈرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيەسى شىنجاڭنى «ئايلانما شەكىلدە ئوراپ» بولدى، مەيلى تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئايلىنىش بولسۇن ياكى جۇڭغار ئويمانلىقىنى ئايلىنىش بولسۇن، تېز، قولايلىق بولغان دۆلەت، ئۆلكە يولى بىر-بىرلەپ يېپىق ھالقا ھاسىل قىلىپ، شىنجاڭنى تەرەپ- تەرەپكە تۇتاشتۇردى.

  ھازىر، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇساپىسى 4800 كىلومېتىردىن بۆسۈپ ئۆتتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 105 ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورۇننىڭ 72سىگە يۇقىرى سۈرئەتلىك ياكى بىرىنچى دەرىجىلىك تاشيول تۇتاشتۇرۇلدى، 103ىگە ئىككىنچى دەرىجىلىك تاشيول تۇتاشتۇرۇلدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۈرۈمچى شەھىرىنى مەركەز، دۆلەت يولى غول لىنىيەسىنى ئاساسىي رامكا قىلغان، جۇڭغار ۋە تارىمدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئويمانلىقنى ئايلىنىدىغان ھەم كېسىپ ئۆتىدىغان، ۋىلايەت، ئوبلاست(شەھەر)، ناھىيە، يېزا ۋە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تۈەن-مەيدانلىرىغىچە يېتىپ بارغان، شەرقتە گەنسۇ، چىڭخەي بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن، جەنۇبتا شىزاڭغا تۇتاشقان، غەربتە ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە چىقىدىغان، شىمالدا موڭغۇلىيە دۆلىتىگە بارىدىغان غول، تارماق لىنىيەلىك تاشيول قاتناش تورى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت، ئۆلكە تاشيولى ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، G30 لىنىيەسىدىكى ئۈرۈمچى-كۈيتۈن، داخۇاڭشەن-ئۈرۈمچى قاتارلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنى پۈتكۈزۈپ قاتناش باشلاشقا تىرىشىدۇ، G7 ۋۇتۇڭ داچۈەن-باي يېزىسى-ئارا تۈرۈك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قاتارلىق بىر تۈركۈم داۋاملاشما تۈرلەرنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىدۇ، يېڭىدىن ئىش باشلىنىدىغان G3018 جىڭ-ئالاتاۋ پورتى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى ياساشقا تىرىشىپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول دەۋرىگە ئېلىپ كىرىدۇ.

  تۆمۈريول «قاتناش چەمبىرىكى» بەرپا قىلىش

  خوتەندە زىمىستان قىشنىڭ سوغۇقى جاندىن ئۆتەتتى، 1-ئاينىڭ 9-كۈنى، خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريول تۈرى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، ئىشچىلار ئالدىن ياساش مەيدانى، پولات چىۋىق پىششىقلاش زاۋۇتى، ئىش رايونى تۇرۇشلۇق جايى قاتارلىقلارنى ئالدىراش قۇرۇۋاتاتتى، جۇڭگو تۆمۈريولى بېيجىڭ قۇرۇلۇش ئىدارىسى گۇرۇھى خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولى تۈرىنىڭ دىرېكتورى جاڭ تيېفېڭ «قىش كۈنلىرىدىمۇ بىز قۇرۇلۇشنى چىڭ تۇتۇۋاتىمىز» دېدى.

  خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولى پۈتكەندىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى ھەم ھازىر ياسىلىۋاتقان گولمۇد- كورلا تۆمۈريولى بىلەن تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئايلىنىدىغان تۆمۈريول چەمبىرىكى شەكىللىنىدۇ.

  شىمالىي شىنجاڭدا، 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، بېيتۈن-ئالتاي تۆمۈريولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، كۈيتۈن-بېيتۈن تۆمۈريولى ئالتاي شەھىرىگىچە ئۇزارتىلدى، 2016-يىلى ئىش باشلانغان ئالتاي-كۆكتوقاي-شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىدا ھازىرغىچە قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا ھازىرقى لەنجوۋ-شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ شىمالىي شىنجاڭ لىنىيەسى قوشۇلسا، جۇڭغار ئويمانلىقىنى ئايلىنىدىغان تۆمۈريول چەمبىرىكىگىمۇ ساناقلىقلا كۈن قالدى.

  ھالقا ھاسىل قىلىپلا قالماي يەنە سۈرئەتنى تېزلىتىش كېرەك. 2014-يىلى، لەنجوۋ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ پۈتۈشىگە ھەم تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىن لەنجوۋغا بارىدىغان ۋاقىت 12 سائەت ئۆپچۆرىسىگە قىسقاردى.

  شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى پويىزنىڭ يول يۈرۈش خەرىتىسىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ، پويىزنىڭ يۈرۈش ۋاقتىنى ئەلالاشتۇردى، قىسقارتتى. 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى، شىنجاڭ تۆمۈريولى يىل ئىچىدە 8-قېتىم لىنىيە خەرىتىسىنى تەڭشىدى، شىنجاڭدىن چېڭدۇ، چۇڭچىڭ، كۈنمىڭ يۆنىلىشىگە قاتنايدىغان پويىزلارنىڭ يۈرۈش ۋاقتى قىسقاردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدىن چۇڭچىڭ يۆنىلىشىگە قاتناش ۋاقتى 15 سائەتكە يېقىن تېجەلدى.

  جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يولۇچى توشۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سى شېڭمىن مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يولۇچى توشۇشنى تەشكىللەشنى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشىشى ۋە سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىشىگە ئەگىشىپ، جەنۇبىي-شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريولى قاتناش تورىنىڭ يۈرۈشۈشى تېخىمۇ راۋانلىشىپ، ئاممىنىڭ سەپەر ۋاقتى كۈنسېرى قىسقاردى».

  ھازىر، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ تىجارەت مۇساپىسى 6200 كىلومېتىردىن كۆپرەككە يەتتى، شىنجاڭ تۆمۈريولى ئەڭ دەسلەپكى تۈز سىزىقلىق شەكىلدىن ئاچا شەكىللىك تۆمۈريولغا تەرەققىي قىلدى، ئاندىن يەنە بۈگۈنكى كۈندە لەنجوۋ-شىنجاڭ لىنىيەسى، جەنۇبىي شىنجاڭ لىنىيەسى، ئۈرۈمچى-جۇڭغار لىنىيەسى، جىڭ-غۇلجا-قورغاس لىنىيەسى، لەنجوۋ- شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىقنى ھالقىيدىغان يېپيېڭى يول تورى ئورۇنلاشتۇرمىسىغا تەرەققىي قىلدى.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز گولمۇد-كورلا تۆمۈريولى قاتارلىق بىر تۈركۈم داۋاملاشما تۈر قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، قاراماي-چۆچەك تۆمۈريولى، بورتالا ئوبلاستى تارماق لىنىيە تۆمۈريولىنى پۈتتۈرىدۇ، خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ كورلىدىن قەشقەرگىچە بولغان بۆلىكىدە سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىدۇ، غۇلجا-ئاقسۇ تۆمۈريولى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىك خىزمەتلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىدۇ.

  شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتى ئاۋىياتسىيە بىرلەشمە توشۇش تورىنى بەرپا قىلىش

  2018-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى، جەنۇب ئاۋىياتسىيەنىڭ CZ6827 نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ ئوڭۇشلۇق قونۇشى بىلەن، تۇمشۇق تاڭۋاڭچېڭ ئايرودۇرۇمىدا رەسمىي ئايروپىلان قاتنىدى. بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭدا 21 پۇقراۋى تارماق لىنىيەلىك ئايرودۇرۇم ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى.

  خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى كورلا بازىسىنىڭ باش دىرېكتورى جاۋ شياۋبو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ ئىچىدىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى زىچلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئىچىدە «بۇلۇت ئۈستىدىكى ئاممىۋى قاتناش» ئاۋىياتسىيە ئىستېرېئولۇق تورى بەرپا قىلىشنى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم شەھەرلەرنى زىچ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئىچى ئايلانما لىنىيەسى بىلەن توختاپ ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئۆزئارا تولۇقلىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، شەھەرلەر ئارا ۋاقىت بىلەن بوشلۇق ئارىلىقىنى قىسقارتىدۇ. ھازىر شىنجاڭ ئىچى «بۇلۇت ئۈستى ئاممىۋى قاتنىشى»نىڭ ئاۋىياتسىيە ئىستېرېئولۇق تورى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 تارماق لىنىيەلىك ئايرودۇرۇم تۇتاشتۇرۇلدى.

  ھازىر، پۈتۈن شىنجاڭدا دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى جەمئىي 36 ئاۋىياتسىيە شىركىتى 254 قەرەللىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە تىجارەت قىلىۋاتىدۇ، 16 دۆلەت، 25 خەلقئارالىق (رايون) شەھەر، دۆلەت ئىچىدىكى 79 شەھەر بىلەن ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى ئارىسىدا ئايروپىلان قاتناۋاتىدۇ، شىنجاڭ ئىچىدىكى تارماق لىنىيەلىك ئايرودۇرۇملار ئارىسىدىكى 31 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلدى، تارماق لىنىيەلىك ئايرودۇرۇملاردىن ئىچكىرىدىكى شەھەرلەرگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان 42 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز ئايرودۇرۇملارنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاۋىياتسىيە تۈگۈنلىرىنى تۇتاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش ۋە كېرىيە ئايرودۇرۇمىنى يېڭىدىن ياساش قاتارلىق تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، بازارلاشقان ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ۋە ھەممىباب ئاۋىياتسىيە كارخانىلىرىنى كىرگۈزۈپ، شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى بىرلەشمە توشۇش تورى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىدۇ.

  ھەربىر قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرىدە يېڭى ئىلگىرىلەشنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، «شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىش-چىقىشنى تېزلىتىش» نىشانى تېز ئىشقا ئېشىپ، «پۇتنى كۆتۈرسىلا ماڭغىلى بولىدىغان، كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە يېتىپ بارىدىغان» قاتناش ئەندىزىسى شەكىللىنىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ