تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

20 تۈرلۈك يېڭى تەدبىر ئارقىلىق «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتتى

شىنجاڭنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى

 20 تۈرلۈك يېڭى تەدبىر ئارقىلىق «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جونىڭ شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىدىن تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇلتۇر 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاپتونوم رايونىمىز جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، «دەرھال بېجىرىش، توردا بېجىرىش، يېقىن ئەتراپتا بېجىرىش، بىر قېتىمدىلا بېجىرىش» قاتارلىق 20 تۈرلۈك قاتناش باشقۇرۇش «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى يېڭى تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويغان، تۆت ئايدىن بۇيان، جەمئىي 3 مىليون 300 مىڭ پارچە ئىلتىماس ماتېرىيالىنى كېمەيتىپ ياكى كەچۈرۈم قىلىپ، 1 مىليون 220 مىڭ قېتىم بىر كىنىشكا بىلەنلا ئاپتوموبىل ھەيدەشنى باشقۇرۇش كەسپىنى بېجىرىپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى 48 تۈرلۈك «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» قاتناش باشقۇرۇش ئىسلاھاتى ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىغان.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى مۇلازىمەت كۆزنەكلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، «تۆتنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش»، «بىر كۆزنەكتە ھەممىنى بېجىرىش»، «بىر كىنىشكا بىلەنلا بېجىرىش» تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردى؛ ئېلېكتىرونلۇق پۇل تۆلەش يوللىرى ئېچىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئۈندىدار، تور بانكىسى ئارقىلىق ھەق تاپشۇرۇش، پۇل تۆلەشنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇش، شوپۇرلۇق ئىمتىھانى بەرگۈچىلەر ئالاقە تورىدا تۈرلەر بويىچە ئىمتىھان بېرىش ھەققىنى تاپشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ كىملىكنى نۇسخىلاشنى كەچۈرۈم قىلىش، ئىلتىماس جەدۋىلىنى تولدۇرۇشنى كەچۈرۈم قىلىش، ئاپتوموبىللارنىڭ پەرقلەندۈرۈش نومۇرىنى ھەقسىز بېسىش ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، 271 داۋالاش ئاپپاراتى ئالاقە تورى سۇپىسىدا ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش ئۇچۇرىنى يوللىشى ئارقىلىق سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۇچۇرلىرىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  قاتناش باشقۇرۇشنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىدىكى يارقىن نۇقتىلارنىڭ بىرى. 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىزدا «12123» ئالاقە تورى ئاۋازلىق مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇپ، بەش چوڭ تۈردىكى 100 تۈرلۈك مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئېچىلدى. ھازىر سۇپىنى زىيارەت قىلىش مىقدارى 297 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشقان بولۇپ، PC تېرمىنالى ئالاقە تورىدا تىزىمغا ئالدۇرغان 5 مىليون 680 مىڭ ئابۇنىچى ۋە 4 مىليون 190 مىڭ يان تېلېفون APP ئابۇنىچىسى تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەندى، جەمئىي 20 مىليون 970 مىڭ كەسىپ بېجىرىلدى، 90 مىڭدىن ئارتۇق ئاپتوموبىل ئىگىسى ئالدىن كېلىشىپ ئاپتوموبىل تەكشۈرتۈش قولايلىقىدىن بەھرىلەندى.

  «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى قاتناش باشقۇرۇش كەسپىنى ئاساسىي قاتلام ساقچىخانىلىرى، خەلققە قولاي ساقچى ئىشلىرى پونكىتلىرى، جەمئىيەتتىكى كارخانىلارغىچە كېڭەيتىدۇ، ئاپتوموبىل سېتىش سودىگەرلىرى، نىمكەش ئاپتوموبىل بازارلىرى، سۇغۇرتا شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلار يېڭى ئاپتوموبىللارنى رويخەتكە ئېلىپ تىزىملاش قاتارلىق ئاپتوموبىل ھەيدەشنى باشقۇرۇش كەسپىنى ۋاكالىتەن بېجىرىپ، نومۇر تاللاش، سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش، باج تاپشۇرۇش قاتارلىق «بىر بېكەتلىك» مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. %70تىن يۇقىرى ناھىيە ، شەھەر كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەردىن پۈتۈن تۈر بويىچە ئىمتىھان ئېلىشنى قانات يايدۇرسا بولىدىغان بولدى، %95تىن يۇقىرى ناھىيە، شەھەردە تەكشۈرۈش ئاپپاراتى بار بولدى ھەم ئالاقە تورىدا ئالدىن كېلىشىپ ئاپتوموبىل تەكشۈرتۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھات تەدبىرى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 19 مىڭ كۇرسانت باشقا جايدا شوپۇرلۇق ئىمتىھانى بېرىش قولايلىقىدىن بەھرىلەندى؛ 29 مىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى مەملىكەت بويىچە باشقا جايدا «ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ مىنىبۇستىن باشقا 317 مىڭ كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنى «ئاۋۋال خېرىدار چاقىرىپ، كېيىن تەكشۈرۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئۆچرەت ساقلاپ كۈتۈش ۋاقتى تېجەلدى.

  توردا بىر تەرەپ قىلىش بىلەن مۇلازىمەت پونكىتى، نۇقتىلىرى تېز بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ ياردىمىدە، قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى يېنىك يول قاتناش ھادىسىلىرىنى تېز بىر تەرەپ قىلىشقا تۈرتكە بولدى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون «قاتناش باشقۇرۇش 12123» قاتناش ھادىسىلىرىنى ئالاقە تورىدا تېز بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق جەمئىي 60 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق يېنىك يول قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلدى، يېنىك يول قاتناش ھادىسىلىرىنى تېز بىر تەرەپ قىلىش، تېز تۆلەم بېرىش مۇلازىمەت نۇقتىسىدىن 144نى تەسىس قىلدى، 27 سەييارە سوت كوللېگىيەسى، 40 ئەدلىيە مۇرەسسە كومىتېتى، 68 خەلق مۇرەسسە كومىتېتى ۋە 80 سۇغۇرتا شىركىتى خەلق مۇرەسسە تەشكىلاتى قۇردى، دېلولارنى ئاخىرلاشتۇرۇش نىسبىتى %100كە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ