تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

«خىزمەت ئەترىتى + قابىللار» كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى

  ليۇ شىخې فوتوسى ۋە خەۋىرى

  1- ئاينىڭ 2- كۈنى، جاڭ جۈ(سولدا) ۋاڭ گاڭغا چارۋىلارنىڭ بېقىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرماقتا.

  بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ قوستىق بازىرى قارادۆڭ كەنتى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن كەنت. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بۇرچىن ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، كەنتتىكى باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى جاڭ جۈنى يېشىل ئورگانىك يېمەكلىك پىششىقلاشقا تەشكىللەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، پۈتۈن كەنتنىڭ باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولدى.

  خىزمەت ئەترىتى شىركەت رويخەتكە ئېلىش، مەبلەغ ئىلتىماس قىلىش، كارخانا باشقۇرۇش، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، داڭلىق ماركىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ھەممە تەرەپتىن يۆلىدى. ئۈچ يىل تىرىشىش ئارقىلىق، بۇرچىن ناھىيەسى قۇمقاناس گۆش يېمەكلىكلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ يېتەكلىشىدە، شۇ جاي ھەمكارلىق كوپىراتىپى كۆلەملەشتۈرۈپ بېقىش، كارخانا پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش سىستېمىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ شەكىللەندۈردى. نۆۋەتتە، بۇ شىركەت سۈرلەنگەن ئات گۆشى قېزىسى، تەبىئىي قۇرۇتۇلغان كالا، قوي گۆشى، يېڭى ئورگانىك گۆشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈردىكى 19 خىل مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىپ، يىلىغا 20 مىڭ تۇياق يېشىل ئورگانىك كالا، قوي گۆشىنى پىششىقلاپ ئىشلەپ ۋە سېتىپ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنى 10 مىليون يۈەندىن ئاشۇردى ھەم بېيجىڭ، شاڭخەي، شىئەن ۋە گۇاڭجوۋدا بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، 70تىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولۇپ، شۇ كەنتتىكى ۋە ئەتراپتىكى 230دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمىنى 3000 يۈەندىن ئاشۇرۇشىغا ۋاسىتىلىك تۈرتكە بولدى ۋە تەسىر كۆرسەتتى.

  بۇرچىن ناھىيەسى قۇمقاناس گۆش يېمەكلىكلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى جاڭ جۈ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: مەن خىزمەت ئەترىتى يۆلىگەن بېيىش باشلامچىسى، يېڭى بىر يىلدا كارخانىنىڭ كۆلىمىنى يەنىمۇ زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىمەن.

  بۈگۈنكى كۈندە، بېيىغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئاكتىپلىقى ئېشىپ، بەس- بەستە كەنت مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيى، كۇتۇپخانىغا كىرىپ ئۆگىنىپ بىلىمىنى تولۇقلىدى، يەنە بەزى كەنت ئاھالىلىرى چارۋا ماللىرىنى پاي قوشۇش شەكلى بىلەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ بېقىشىغا تاپشۇرۇپ، ئۆزلىرى ۋاقىت چىقىرىپ سانجى، شىخەنزە قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئىلغار تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەندى.

  خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، كەنتنىڭ 1- شۇجىسى ۋاڭ گاڭ مۇنداق دېدى: 2019- يىلى، بىز قابىللارنىڭ بېيىشقا يېتەكلەش رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئائىلىنى ئاساسىي نۇقتا، كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى بىرلىك، پىششىقلاش كارخانىسىنى باشلامچى قىلىپ، يېشىل ئورگانىك يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش- پىششىقلاش- چىقىرىش بازىسى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەيمىز.

  1- ئاينىڭ 2- كۈنى، باقمىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان كەنت ئاھالىسى قانىيە نۇغۇمار يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى.

  1- ئاينىڭ 2- كۈنى، بۇرچىن ناھىيەسى قۇمقاناس گۆش يېمەكلىكلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى باقمىچىلىق بازىسىنىڭ خادىمى چارۋىلارغا يەم تولۇقلاپ بەرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ