تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئۇدا ئۈچ يىل مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، سىيىر باقمىچىلىق مەيدانىنىڭ «نەسلىنى ياخشىلىدى»

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار خاۋ يۈ، گۇەن چياۋچياۋ). زىمىستان قىش پەسلىدە، شىنجاڭ ئىلى دەرياسى ۋادىسىغا جايلاشقان شىنشېڭيۈەن سىيىر باقمىچىلىق مەيدانىغا كىرگىنىڭىزدە، 100دىن ئارتۇق ھولىستېين سىيىرىنىڭ ئازادە كالا قوتىنىدا «سەيلە قىلىۋاتقان»لىقىنى كۆرىسىز. ھۆكۈمەت مالىيە سېلىنمىسىنىڭ ياردىمىدە، بۇ باقمىچىلىق مەيدانىدا ئۆلچەملىك كالا قوتىنى سېلىنىپلا قالماي، يەنە بېلىق قوۋۇرغىسىمان سۈت سېغىش زالى ۋە ئاپتوماتىك قىغ چىقىرىش سىستېمىسى سەپلەنگەنىدى.

  ئۇدا ئۈچ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ھەر يىلى مەركەز خامچوتىدىن 60 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، شىنشېڭيۈەن سىيىر باقمىچىلىق مەيدانىغا ئوخشاش 215 كۆلەملەشكەن سىيىر باقمىچىلىق مەيدانىنى نۇقتىلىق يۆلەپ، قىغ بۇلغىمىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى، سۈت سېغىش ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلارنى ئورنىتىپ، ئۆزگەرتىپ، شىنجاڭنىڭ سىيىرنى ئۆلچەملىك كۆلەمدە بېقىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

  سۈتچىلىك شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى ئەۋزەل كەسپى بولۇپ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى، ئىلى دەرياسى ۋادىسى، چۆچەك - دۆربىلجىن ئويمانلىقى، ئېرتىش دەرياسى ۋادىسى، يەنجى ئويمانلىقىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان سۈتچىلىك كەسىپ بەلبېغى شەكىللەنگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ سۈتچىلىكى ئەنئەنىۋى باقمىچىلىقتىن كەسىپلەشكەن بازارغا قاراپ تەرەققىي قىلىشتەك تىپ ئۆزگەرتىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما سىيىرنى كۆلەملىك بېقىش نىسبىتى نىسبەتەن تۆۋەنرەك بولۇپ، تاۋار سۈت ئىشلەپچىقىرىشى چەكلىمىگە ئۇچراپ كەلدى.

  «كىچىك، تارقاق، ئاجىز» سىيىر باقمىچىلىق مەيدانلىرىنىڭ كونا قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ يېڭى تۈسكە كىرىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زورايتىپ، قوتاننى ئۆلچەملىك ئۆزگەرتىش ھەمدە سۇ، توك، يول، يۇقۇم مۇداپىئەسى قاتارلىق يانداش ئەسلىھەلەر ئارقىلىق سىيىر باقمىچىلىق مەيدانلىرىنىڭ بېقىش شارائىتىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى؛ يەم- خەشەك تېرىقچىلىقى ۋە سىيىر باقمىچىلىقىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ جىپسىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىي 150 مىڭ مو يۇقىرى ھوسۇللۇق ئەلا سۈپەتلىك بېدە ئۈلگە بازىسى قۇرۇپ، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا يەم - خەشەك بىلەن تەمىنلەشنى كاپالەتلەندۈردى؛ سىيىر سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، كالىلارنىڭ نەسىللىشىش نىسبىتىنى %70.5كە يەتكۈزۈپ، كۆلەملىك سىيىر مەيدانلىرىنىڭ نەسىللەشكەن كالا بىلەن تولۇق قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  2017- يىلىغىچە، شىنجاڭدا سىيىرلارنى كۆلەملىك بېقىش نىسبىتى %28.3كە يەتتى. يىللىق تاۋار سۈت مەھسۇلات مىقدارى تەخمىنەن 600 مىڭ توننا بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ماشىنىلاشقان سۈت سېغىش پونكىتلىرىنىڭ تاۋار سۈت سېتىۋېلىش مىقدارى ئومۇمىي سۈت سېتىۋېلىش مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %90ىنى ئىگىلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭ يەنە تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى سۈتچىلىك تەرەققىيات ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ھولىستېين ئەلا سۈپەتلىك يۇقىرى مەھسۇلاتلىق سىيىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، كۆجۈملەشكەن باقمىچىلىق كۆلىمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ ئەۋزەل بايلىقلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، رايون سىرتى يۇقىرى دەرىجىلىك سۈت مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئاچىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ