تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ نورماللىق نىسبىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەگە يەتتى

  ئۈرۈمچى ئايروپورتى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇق رايونىدىكى 10مىليون دەرىجىلىك ئايروپورتلار ئىچىدە پورتتىن چىقىشى ئەڭ دەل ئايروپورتقا ئايلاندى

  مۇخبىرىمىز ما يىنىڭنىڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، 2018- يىلى شىنجاڭ رايونىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئوتتۇرىچە نورماللىق نىسبىتى %85.0 كە، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ ئوتتۇرىچە نورمال ئۇچۇش نىسبىتى %88.1 كە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئايرودۇرۇملاردىن ئوتتۇرىچە نورمال ئۇچۇش نىسبىتى % 90.3 كە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم %8.2، %3.6، %3.2 ئاشقان، ئۈچ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەگە يەتكەن.

  ئۈچىنچى تەرەپ ئىجتىمائىي باھالاش ئاپپاراتى «فېيچاڭجۈن» ئېلان قىلغان «2018- يىللىق پۈتۈن يەر شارىدىكى ئايروپورتلار ۋە ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ دەللىك نىسبىتى دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇق رايونىدىكى 10 مىليون دەرىجىلىك 37 ئايروپورت ئىچىدە پورتتىن چىقىشى ئەڭ دەل ئايروپورتقا ئايلىنىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشى تەدرىجىي ھالدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويغان.

  بۇلتۇردىن بۇيان، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ نورمال ئۇچۇشىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى ئايلىنىشنى ماسلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئايلىنىشنى ماسلاشتۇرۇش، تەدبىر بەلگىلەش ئۈنۈمىنى ئاشۇردى. ھاۋا رايى ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش دەرىجىسى، كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارى ھەمدە يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلان ئالمىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ئايلىنىشنى باشقۇرۇش، ئايرودۇرۇملار باشقۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئايلىنىش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ۋە ھۆكۈمەت نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى. نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ نورمال ئۇچۇشىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «شىنجاڭ رايونىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ نورمال ئۇچۇشىنى تەكشۈرۈپ باھالاش كۆرسەتكۈچى ۋە چەكلەش خاراكتېرلىك تەدبىر(ۋاقىتلىق يولغا قويۇلىدۇ)»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ مۇناسىپ مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى قاتتىق نازارەت قىلىپ، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ قىشلىق، ئەتىيازلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە كېچىكىشىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ، بايلىق ئىقتىدارى كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلاپ، ئايلىنىش سۈپىتىنى ئۆستۈردى. بۇلتۇر 1- ئاينىڭ 4- كۈنى، شىنجاڭ ADS-B ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنىڭ ئايلىنىشىنى باشقۇرۇش ئىككىنچى باسقۇچقا كىرىپ، شىنجاڭ تەۋەسىدىكى بارلىق سېكتور رايونىدا ئوخشاش ئېگىزلىكتە تۈز لىنىيە بويىچە ئۇچۇش ئارىلىقىنى 40 كىلومېتىرغا يەتكۈزۈش ھەم ADS-B يېتەكلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، بىخەتەر ئايلىنىش ۋە نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ نورمال ئۇچۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى ئايلىنىشنى ماسلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش كومىتېتى بىلەن قار - مۇز تازىلاش كومىتېتى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇپ، ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇماتقا ئاساسەن قار - مۇزلۇق ھاۋا رايى شارائىتىدا نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى تەڭشەش لايىھەسىنى بېكىتىپ، ئايرودۇرۇمنىڭ ئۇچۇش- قونۇش يولىدىكى قار- مۇزلارنى تازىلاش ۋە ئايروپىلاندىكى مۇزنى تازىلاش، مۇز تۇتۇشتىن ساقلىنىش مەشغۇلات تەرتىپىنى رەتكە سېلىپ ئەلالاشتۇرۇپ، ئايلىنىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋاقتىنى 50 مىنۇتتىن 40 مىنۇتقا قىسقارتتى.

  نۆۋەتتە، شىنجاڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى «بايلىق ئىقتىدارى، ئۇچۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇش، ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇش، تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىش» ئۇل خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ نورمال خىزمەت قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈردى؛ ADS-B ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئايلىنىش خىزمىتىگە تايىنىپ، ئۈچىنچى باسقۇچلۇق ئايلىنىشنى دەل ۋاقتىدا ئالغا سىلجىتتى؛ ئۈرۈمچى ئايروپورتى A - CDM سىستېما ئايلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئايرودۇرۇم ئايلىنىشنى ماسلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئايلىنىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىنىڭ ئىلمىيلىكى، توغرىلىقىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ