تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

خوتەن ۋىلايىتى «ئۈچ كىچىك» قۇرۇلۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولدى

كىچىك دۇكان، كىچىك دېھقانچىلىق، كىچىك باقمىچىلىق

خوتەن ۋىلايىتى «ئۈچ كىچىك» قۇرۇلۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولدى

  شىنجاڭ گېزىتى خوتەن مۇخبىرلار پونكىتىدىن شېن جىنخې خەۋەر قىلىدۇ: 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى، خوتەن ناھىيەسى لايقا يېزىسى باش لايقا كەنتىنىڭ ئاھالىسى سالامەت ئاتاۋۇللا خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ئائىلىمىزنىڭ ھويلا-ئارانلىرىنى مۇۋاپىق رايونغا ئايرىغاندىن كېيىن كۆكتات تېرىغانىدۇق، بۇنىڭ بىلەن كۆكتات ئالىدىغان پۇلنى تېجەپلا قالماي، يەپ بولالمىغان كۆكتاتلارنى سېتىپ پۇل تاپتۇق.» 2018-يىلىنىڭ بېشىدا، سالامەت ئائىلىسىدىكىلەر خوتەن ۋىلايىتى بىرتۇتاش قانات يايدۇرغان ھويلا- ئاراننى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھويلا-ئارانىنى مۇۋاپىق پىلانلاپ، ھەم پاكىز، ھەم كۆركەم قىلدى، يەنە كىرىمىنىمۇ ئاشۇردى.

  2018-يىلىدىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى مەۋقەنى يېزا ئەھۋالى ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى، «بىر يېزىدا بىر كەسىپ بولۇش»، «بىر كەنتتە بىر سورت بولۇش» پىلانىغا ئاساسەن، «ئورمان بىنا قىلىشقا باب كەلسە ئورمان بىنا قىلىش، كۆكتات تېرىشقا باب كەلسە كۆكتات تېرىش، چارۋا بېقىشقا باب كەلسە چارۋا بېقىش، ئۆي قۇشلىرى بېقىشقا باب كەلسە ئۆي قۇشلىرى بېقىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، 410 مىڭ ئائىلىنىڭ ھويلا-ئارانىنى ئۆزگەرتىشنى تاماملىدى، تۇرمۇش رايونى، تېرىقچىلىق رايونى، باقمىچىلىق رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ رايونغا ئايرىش ئاساسىدا، «كىچىك دۇكان، كىچىك دېھقانچىلىق، كىچىك باقمىچىلىق»تىن ئىبارەت «ئۈچ كىچىك» قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇپ، ھويلا- ئاران ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، «كىچىك ھويلا-ئاران، چوڭ ئىگىلىك» تەرەققىيات يولىغا ماڭدى.

  يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى ھويلا- ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا زور ئىشلارنى قىلدى، ناھىيە- شەھەر، يېزا- بازار بىرتۇتاش پىلانلاپ، 89 مىڭ ئائىلىلىكتىن ئارتۇق ئاممىنىڭ ھويلا-ئارانىنى مۇۋاپىق ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىپ، گىلەم توقۇش، يەم-خەشەك پىششىقلاش، كىيىم- كېچەك تىكىش قاتارلىق كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇردى؛ كەنت ئاھالىلىرىنى كەنت كومىتېتىنىڭ ئەتراپىدا كىچىك ئاشخانا، كاۋاپخانا، يايما قاتارلىقلارنى ئېچىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، پىلانلىق، كۆلەملىك ھالدا كەنت دەرىجىلىك كەچلىك بازار قۇردى؛ ھەر بىر يېزا-بازاردا ئاز دېگەندىمۇ بىر كىچىك، مىكرو كارخانا قۇرۇپ، ھەر بىر كەنتتە نامراتلارنى يۆلەش سېخىدىن بىرنى ۋە بىردىن ئارتۇق «ھاۋالىلىك قوي بېقىش ئورنى» قۇرۇپ، «يېزىدا كۆلەملىك كارخانا بولۇش، كەنتتە نامراتلارنى يۆلەش سېخى بولۇش، ئائىلىدە ئون كىچىك قۇرۇلۇش بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىدىن 659 نى كىرگۈزدى، 107 مىليون يۈەن مەبلەغ جەلپ قىلدى.

  يەرنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خوتەن ۋىلايىتى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، يېشىل ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىلغان 173 مىڭ مو ھويلا-ئاران يېرىگە ساپ، تەبىئىي، يېشىل كۆكتات تېرىشقا، مېۋىلىك كۆچەت تىكىشكە ئىلھاملاندۇردى. مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ ئۆگىتىش، دېھقان-چارۋىچىلار كەچلىك كۇرسىدا تەربىيەلەش، نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كۆكتات تېرىش، مېۋىلىك كۆچەت تىكىش قاتارلىق ئەمەلىي قوللىنىدىغان تېخنىكا بويىچە 57 مىڭ مەيداندىن كۆپرەك دەرس سۆزلەتكۈزۈپ، دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق ماھارىتىنى ئۆستۈردى. شىنجاڭ ئىچىدىكى چوڭ-چوڭ يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇدۇللاشتۇرۇش ئارقىلىق تېرىيدىغان تۈرلەرنى بېكىتىپ، دېھقانلار بىلەن سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، زاكازلىق كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇردى، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىپ چىقىرىشنى جىپسىلاشتۇرۇش ئارقىلىق دېھقانلارغا «خاتىرجەم قىلىش كۇمىلىچى» يېگۈزۈپ، مۇقىم كىرىمگە ئىگە قىلدى.

  خوتەن ۋىلايىتى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ھويلا- ئاران دېھقانچىلىق مەيدانى، كەسپىي چوڭ ئائىلە قاتارلىق يېڭىچە تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەربىر نامرات كەنتتە ئاز دېگەندىمۇ بىر مۇستەقىل قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتى بار دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ياكى كوللېكتىپ ئىگىلىكتىكى پاي ھەمكارلىق كوپىراتىپى تەشكىللەپ قۇرۇپ، «كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى + نامرات ئائىلە»دىن ئىبارەت تەرەققىيات ئەندىزىسىنى پائال بارلىققا كەلتۈرۈپ، كالا، قوي، ئېشەك، توخۇ قاتارلىق چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقا يېتەكلەپ، نامراتلارنى يۆلەش قويى، نامراتلارنى يۆلەش ئېشىكى، نامراتلارنى يۆلەش كالىسى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى تۈرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامرات ئائىلىلەرنى چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنى پاي قىلىپ قوشۇشقا جەلپ قىلىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ھازىر پۈتۈن ۋىلايەتتە تۈرلۈك ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 8600 دىن كۆپرەكى قۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ