تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىمەن

تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى مايىسان زاغىپار

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى بىر مەقسەتتە بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، باشتىن-ئاخىر دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا مىللەتلەر ئىتتىپاق، جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى، ھەر مىللەت خەلق خۇشاللىققا چۆمۈپ، مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن بەھرىلىنىۋاتىدۇ. ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق− بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق−ئاپەت. بىز تەستە قولغا كەلگەن بۇ ئىتتىپاق، مۇقىم بولغان تۇرمۇش مۇھىتىمىزنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز، ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشىغا ھەرگىز يول قويماسلىقىمىز، قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، قەتئىي ھالدا ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق ئەھۋالدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، دادىل ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئالىمەن.

  قەتئىي، كەسكىن ھالدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولىمەن. شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە يادرونى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىپ، سىياسىيدا يادرونى قوغداپ، تەشكىلىي جەھەتتىن يادروغا بويسۇنۇپ، ھەرىكەتتە يادروغا يېقىندىن ئەگىشىمەن، قەتئىي ھالدا يادرونى ھىمايە قىلىپ، يادروغا مۇتلەق سادىق بولىمەن، باشتىن-ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، قەتئىي ھالدا باشتىن-ئاخىر يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىمنى ساقلاپ، پارتىيەگە سادىق بولىمەن، پارتىيە ئىشلىرىغا سادىق بولىمەن؛ سىياسىي ئىرادەمنى كۈچەيتىپ، سىياسىيدا زېرەك ئادەم بولۇپ، كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى چوڭقۇر قېزىپ، ئۇلارغا قاتتىق زەربە بېرىمەن، «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن ئېغىز- بۇرۇن يالىشىپ، تىلىنى بىر قىلىۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى پاكىز قېزىپ، پاكىز تازىلايمەن؛ باشتىن-ئاخىر دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ئىنچىكە تۇتۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە ھەرگىز ھېچقانداق پايدىلانغۇدەك پۇرسەت بەرمەيمەن؛ باشلامچىلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، باشلامچىلىق بىلەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەشكە تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن، پارتىيەنىڭ مىللەت-دىن سىياسىتى، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەشۋىقاتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرىمەن، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى چوڭقۇر پاش قىلىپ، تەنقىدلەپ، ھەر مىللەت ئاممىغا بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشنىڭ پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن كەلگەنلىكىنى، قەتئىي ھالدا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر تونۇتىمەن.

  قەتئىي، كەسكىن ھالدا «مۇسۇلمانچە» ئۇقۇمىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى توسۇيمەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جەمئىيەتتە «مۇسۇلمانچە» ئۇقۇمىنىڭ كېڭىيىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلدى، بۇنىڭدا ئاساسلىقى يامان غەرەزلىك «ئۈچ خىل كۈچ» ئاممىنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىگە ئارىلىشىپ، «يېمەك-ئىچمەك»، ھەتتا كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۇششاق ئىشلار ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇندى، ئۇلارنىڭ جىنايى مەقسىتى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىش، دىنىي تەلۋىلىككە قۇترىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت. بۇنىڭغا قارىتا، بىز جەزمەن يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، ئۇنىڭ خەۋپىنى چوڭقۇر تونۇپ، قانۇن قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، قەتئىي ھالدا ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

  قەتئىي، كەسكىن ھالدا دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمەن. دىن خىزمىتىنىڭ ماھىيىتى ئاممىۋى خىزمەت، شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەككى، سوتسىيالىزم شارائىتىدا، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئاممىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى، ئىقتىساد جەھەتتىكى تۈپ مەنپەئىتى بىردەك بولۇپ، ھەممىسى پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ مۇھىم ئاساسى، ھەممىسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ، بىز دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنى ۋە دۆلەتنىڭ دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش بىلەن بىللە، مەسچىت ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى تۇغقىنىمىزدەك، دوستىمىزدەك كۆرۈپ، دىنىي ساھەدىكى كەڭ زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشىمىز، ئۇلارنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش جەھەتتىكى ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. دىنىي ساھەدىكى زاتلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سىياسىيدا ئىشەنچىلىك، دىن جەھەتتە بىلىملىك، ئەخلاق-پەزىلەتتە ئاممىنى قايىل قىلالايدىغان، ئاچقۇچلۇق پەيتتە رول ئوينىيالايدىغان ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزدىكى دىنلارنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلىشىمىز كېرەك. مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىش روھى ئارقىلىق، «قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش» ئاساسىي پىرىنسىپىغا ئاساسەن دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ