تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن

خوتەن ناھىيەسى لاڭرۇ يېزىلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى، مەنىۋى مەدەنىيلىك ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، تەشۋىقات كادىرى ئادالەت ئەبەيدۇللا

  مەن يېزىدا ئاياللار خىزمىتىگە مەسئۇل، كۆپ يىللاردىن بۇيان، مەن باشتىن-ئاخىر يېزا ئاياللىرى توپىغا دىققەت قىلىپ كەلگەچكە، يېزا ئاياللىرىنىڭ بىر مەزگىلدىن بۇيان «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئازدۇرۇشى، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ قايمۇقتۇرۇشى تۈپەيلىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.

  باشقا يۇرتلۇقلار شىنجاڭنى تىلغا ئالغاندا، ئالدى بىلەن ئەسكە ئالىدىغىنى ئېھتىمال ئۆزگىچە گۈزەل ئۇيغۇر قىزلىرى بولۇشى مۇمكىن. ھالبۇكى، ئالدىنقى يىللاردا، «ئۈچ خىل كۈچ» دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، گۈزەل، ئاق كۆڭۈل ئۇيغۇر قىزلىرىنى قۇتراتقاچقا ۋە كۈشكۈرتكەچكە، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى چۈمبەل تارتسا، بەزىلىرى نىقابلىق كىيىم كىيدى. چۈمبەل بىلەن نىقابلىق كىيىمنىڭ توسۇۋالغىنى ئۇيغۇر ئاچا-سىڭىللارنىڭ گۈزەل ھۆسن- جامالى ۋە يەلپۈنۈپ تۇرىدىغان سۇمبۇل چاچلىرى بولۇپلا قالماستىن، يەنە بۇرمىلانغان ئېتىقادى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىمۇ بولدى.

  دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىدە، نادان، قالاق ئىدىيەۋى قاراش ئۇيغۇر ئاياللىرىغا تەسىر قىلدى. بەزى قىزلار يېرىم يولدا مەكتەپتىن چېكىنىپ ياتلىق بولدى، يەنە بەزىلىرى ئۇزاق مەزگىل ئۆيگە بېكىنىۋېلىپ سىرتقا چىقمىدى.

  بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، مەن ئاياللارنى يىغىپ، تەشكىللەپ باش تېمىلىق تەشۋىقات، ئۆگىنىش ۋە مۇزاكىرە قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرىمەن، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ جىنايى ماھىيىتى ۋە رەزىل ئەپت-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئاياللارنى «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل غەرىزىنى ئېنىق تونۇشقا تەربىيەلەپ، ئۇلارنى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا، زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىشقا، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىن يىراق تۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەيمەن.

  مەن ئايال قېرىنداشلارغا پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشتا چىڭ تۇرىمەن. شەكلى ھەر خىل مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى كۈچەيتىپ، گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزىمەن. نەمۇنىلىك، يېتەكچىلىك رولۇمنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىدىيەمنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەقىل-پاراسىتىم ۋە كۈچۈمنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشقا مۇجەسسەملەپ، تىرىشىپ ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ تارقاتقۇچىسى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى ۋە يېتەكلىگۈچىسى بولىمەن.

  بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا ئاياللىرىنىڭ تاشقى قىياپىتىدە ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولۇپلا قالماي، ئىدىيەسىدىمۇ غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى. ئۇلار چۈمبەللىرىنى ئېلىپ تاشلاپ، يەلپۈنۈپ تۇرىدىغان سۇمبۇل چاچلىرى ۋە گۈزەل ھۆسن-جامالىنى نامايان قىلدى، رەڭگارەڭ، يېڭى پاسوندىكى كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىپ، ئىللىق قۇياش نۇرىدا قايتىدىن ئۆزىنى تاپتى. بارغانسېرى كۆپلىگەن ياش ئاياللار ئۆيىدىن چىقىپ، ئاكتىپلىق، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ۋە تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش ماھارەتلىرىنى ئۆگەندى، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ قاتنىشىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش ئۈچۈن ئۆز كۈچىنى قوشتى.

  ئاچا-سىڭىللار، بىز قول تۇتۇشۇپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ