تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «بېيجىڭ شەھىرى ‏قوشۇمچە مەركىزىنىڭ تىزگىنلەش خاراكتېرلىك تەپسىلىي يىرىك پىلانى (كوچا ‏رايونى قاتلىمى) (2016- يىلىدىن 2035- يىلىغىچە)»غا تەستىقىي جاۋاب بېرىپ ‏قوشۇلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 3-كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بېيجىڭ شەھەرلىك كومىتېتى، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشقا يوللىغان «بېيجىڭ شەھىرى قوشۇمچە مەركىزىنىڭ تىزگىنلەش خاراكتېرلىك تەپسىلىي يىرىك پىلانى (كوچا رايونى قاتلىمى) (2016- يىلىدىن 2035- يىلىغىچە)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شەھەر قوشۇمچە مەركىزى تىزگىنلەش پىلانى» دېيىلىدۇ)غا تەستىقىي جاۋاب بېرىپ، «شەھەر قوشۇمچە مەركىزى تىزگىنلەش پىلانى»غا قوشۇلدى.

  تەستىقىي جاۋابتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «شەھەر قوشۇمچە مەركىزى تىزگىنلەش پىلانى»دا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭ توغرىسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىگە ئاساسەن، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، دۇنياۋى نەزەر، خەلقئارا ئۆلچەم، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك، يۇقىرى نۇقتىدىن ئورۇن بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تارىخ يارىتىش، بەدىئىيلىككە ئىنتىلىش روھى بىلەن، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم تۇتقىنى چىڭ تۇتۇپ، بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى زىچ چۆرىدەپ، ئېكولوگىيەنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ پىلاننى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن تەستىقىي جاۋاب بەرگەن «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانى (2016- يىلىدىن 2035- يىلىغىچە)»غا ئۇيغۇنلىشىش— ئەڭ ئىلغار ئىدىيە، ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم، ئەڭ ياخشى سۈپەت بىلەن بېيجىڭ شەھىرى قوشۇمچە مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. «شەھەر قوشۇمچە مەركىزى تىزگىنلەش پىلانى»دا نۇرغۇن يېڭىلىق بار، بۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى باشقا چوڭ شەھەرلەرنىڭ يېڭى رايون قۇرۇلۇشىدا ئۈلگىلىك رولغا ئىگە.

  تەستىقىي جاۋابتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر قوشۇمچە مەركىزىنى بېيجىڭنىڭ مۇھىم بىر قانىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش؛ شەھەر بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىلمىي بەرپا قىلىش كېرەك. شەھەر كۆلىمىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، مەركىزىي شەھەر رايونىنىڭ فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى تەرتىپلىك ئۇدۇللاشتۇرۇپ، سۇ شەھەرلىرى ئورتاق يۇغۇرۇلغان، كۆك ۋە يېشىل گىرەلەشكەن، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىنغان شەھەر خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كەلگۈسىدە «شەھەر كېسىلى» يوق شەھەر رايونى قۇرۇپ، شەھەر خاس قىياپىتى بەرپا قىلىپ، شەھەر قوشۇمچە مەركىزى بىلەن خېبېي ئۆلكىسى لاڭفاڭنىڭ شىمالىدىكى ئۈچ ناھىيەنىڭ رايونلار ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ھۆكۈمەت يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەش بىلەن بازارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، يىرىك پىلاننى تەشكىللىك يولغا قويۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.

     «شەھەر قوشۇمچە مەركىزى تىزگىنلەش پىلانى»نى ئىجرا قىلىش جەريانىدا مۇھىم، زور ئىشلارغا يولۇققاندا، ۋاقتىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە دوكلات قىلىپ يوليورۇق سوراش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ