تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

بىز ھەممىمىز ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر

  ___ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2019- يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنىڭ ئىلھامى بىلەن

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  ئارزۇ بولغاندىلا نىشان بولىدۇ، ئۈمىد بولغاندىلا كۈرەش بولىدۇ. مەيلى دۆلەت، جەمئىيەت ياكى شەخس بولسۇن، ئارزۇنىڭ ھەممىسى ھاياتىي كۈچنى ساقلايدىغان، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتىدىغان مەنبە.

  «بىز تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىمىز، بىز ھەممىمىز ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر». 2019 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىكى قالتىس ئارزۇغا ئىنتىلىش سەپىرىنى چوڭقۇر ئەسلىدى، ھەر بىر كۈرەشچىنىڭ جاپالىق ئەجرىنى قىزغىن تەرىپلىدى، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مىليونلىغان خەلقنىڭ ئارزۇغا ئىنتىلىش يېڭى مۇساپىسىگە باتۇرلارچە ئاتلىنىشىنى ئۈمىد قىلدى. سەمىمىي سۆز، سەمىمىي ئۈمىد، تەنتەنىلىك تاپشۇرۇق ھەر بىر كىشىنى ئارزۇ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش داۋامىدا ئارزۇغا قۇچاق ئېچىشقا، ئارزۇغا يېتىشكە رىغبەتلەندۈردى.

  2018- يىلىنى ئەسلىسەك، بىز بۇ يىلنى «ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق، قەدەمنى ناھايىتى پۇختا ئالدۇق»، چۈنكى قەلبىمىزگە ئارزۇنى پۈكۈپ، جاسارەت بىلەن ئارزۇغا ئىنتىلىپ، جۇڭگو ناملىق پاراخوتنى دولقۇن يېرىپ پۇختا ئىلگىرىلەتتۇق. بىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتۇق، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتى 100 مىليوندىن ئاشتى، بۇ قالتىس سان. بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ئىرادە باغلىدۇق، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يەنە 125 نامرات ناھىيە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، يېزىلاردىكى 10 مىليون نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلاندى؛ بىز ئىسلاھاتتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدۇق، 100 دىن ئارتۇق مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، 13 مىليون كىشى شەھەر- بازارلاردا خىزمەت تاپتى، خەلقنىڭ ھەميېنى تېخىمۇ تومپايدى... بۇ بىر يىلدا، پۈتكۈل جۇڭگو ئارزۇغا ئىنتىلىش مۇسابىقە يولىدا ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ كاتتا يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقتى. بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى يېڭى دەۋرنىڭ كۈرەشچىلىرى قان - تەرى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقارغان. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھەر قانداق ئۇلۇغ ئىشنىڭ ھەممىسى ئارزۇدىن باشلىنىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەشتىن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.

  قەلبكە ئارزۇنى پۈككەن، جاسارەت بىلەن ئارزۇغا ئىنتىلگەندىلا، كۈرەش قىلىشنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغىلى، بىر مەقسەتتە ئارزۇ تىكلەيدىغان مەنىۋى كۈچنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ. يېشىللىققا پۈركەنگەن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى، شال باشاقلىرى دولقۇنلاپ تۇرىدىغان جيەنسەنجياڭدىكى 10 مىڭ مولۇق چوڭ ئېتىزلىق، ھاياتىي كۈچكە تولغان شېنجېن چيەنخەي، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان شاڭخەي جاڭجياڭ، ئۈچ جاينى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان شياڭگاڭ- جۇخەي- ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى... يېڭى دەۋرنىڭ كۈرەشچىلىرى ئۈزلۈكسىز ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش داۋامىدا گۈزەل تۇرمۇش يارىتىپ، ئارزۇنى رېئال شەرھلىمەكتە. ئارزۇ ئۆزلۈكىدىن رېئاللىققا ئايلىنىپ قالمايدۇ، كۈرەش قىلىش ئۇنىڭ كۆۋرۈكى؛ نىشانغا ئۆزلۈكىدىن يەتكىلى بولمايدۇ، ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىگەندىلا، مەنزىلگە يەتكىلى بولىدۇ. شەخسنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان تەلپۈنۈشى، كىشىلىك ھاياتتا ئۇتۇق قازىنىشقا بولغان ئىنتىلىشىنى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق تىكلەشنىڭ تارىخىي مۇساپىسىگە سىڭدۈرۈپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەپ، كۈرەش ئارقىلىق ئارزۇيىمىزغا يەتسەك، ئارزۇيىمىزنى ئىشقا ئاشۇرساق، بىز چىقالمايدىغان تاغ، ئۆتەلمەيدىغان دەريا يوق.

  قەلبكە ئارزۇنى پۈككەن، جاسارەت بىلەن ئارزۇغا ئىنتىلگەندىلا، ئىرادىنى چېنىقتۇرۇپ، مۇستەھكەملەپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىشتىكى مەسئۇلىيەتچانلىق، دادىللىقنى قوزغاتقىلى بولىدۇ. بۈگۈن، جۇڭگو يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ، مىليونلىغان خەلق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جان تىكىپ ئېلىشىۋاتىدۇ. ئارزۇ قانچە ئۇلۇغۋار بولسا، كۈرەشمۇ شۇنچە جاپالىق بولىدۇ. «پاراخوت ئوتتۇرا ئېقىنغا بارغاندا دولقۇن تېخىمۇ كۈچەيگەن، ئادەم يېرىم يولغا بارغاندا ئىلگىرىلەش تېخىمۇ قىيىنلاشقان» بۇ ۋاقىتتا، ئالدىمىزدىكى بۇرچ تېخىمۇ شەرەپلىك، ۋەزىپە تېخىمۇ مۈشكۈل، خىرىس تېخىمۇ كەسكىن، خىزمەت تېخىمۇ ئۇلۇغ. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈشكە يۈزلەنسەكلا، بۈگۈنكى بىز باتۇرلۇق بىلەن ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەردىن بولۇپ، كۈچ ئۇلاش تايىقىنى قولدىن- قولغا يەتكۈزۈپ يۈگۈرسەكلا، «نەزەر سالساق كوئېنلۇن چوققىسى كۆز ئالدىمىزدىلا كۆرۈنىدىغان» ئەتىنى كۈتۈۋالالايمىز.

  «كېچە- كۈندۈز توختىماي ئالمىشىپ، تۆت پەسىل بىر- بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتىدۇ». كۈرەشچىلەرگە مەنسۇپ يېڭى دەۋردە، ھەممە كىشىنىڭ ئارزۇغا ئىنتىلىش ھوقۇقى بار، ھەممە كىشى ئوخشاشلا ئارزۇنى بەرپا قىلغۇچىلاردۇر. خام خىيال قىلماي، قۇرۇق تېرە تاراقشىتماي، ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش داۋامىدا جاسارەت بىلەن ئارزۇنى قوغلىشىپ، يېڭى دەۋردىكى ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەردىن بولساقلا، بىز چوقۇم ئارزۇيىمىزغا يوشۇرۇنغان ئىجادىيەت ئۇلۇغ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان گۈللىنىش كەيپىياتىنى كۈتۈۋالالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ