تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

كىتاب ئوقۇش، كۆرگەزمە كۆرۈش، دېكلاماتسىيە ئاڭلاش−يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە مەدەنىيەت پۇرىقى قويۇق بولدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لى

      كۇتۇپخانىدا كىتاب ئوقۇش، دېكلاماتسىيە يىغىلىشىدا دېكلاماتسىيە ئاڭلاش، مۇزېي، گۈزەل سەنئەت سارىيىدا كۆزگەرمە كۆرۈش...... يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇشى قويۇق مەدەنىيەت پۇرىقىغا تولدى.

  12-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۇتۇپخانىنىڭ 6- قەۋىتىدىكى دوكلات زالىدا كەيپىيات ئىنتايىن قىزغىن ئىدى، «يېڭى دەۋر ساداسىنى ياڭرىتىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق روياپقا چىقىرايلى» تېمىسىدىكى 2019-يىلى يېڭى يىللىق دېكلاماتسىيە يىغىلىشى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. شىنجاڭ دېكلاماتسىيە سەنئىتى جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئىنتوناتسىيە تەتقىقات جەمئىيىتىدىكى ئورۇنلىغۇچىلار تولۇپ تاشقان كەيپىيات، سەمىمىي ھېسسىيات، يېقىملىق ئاۋازى بىلەن يېڭى دەۋرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەنگە بولغان ياخشى تىلەكلىرى، يېڭى يىلدىن كۈتىدىغان گۈزەل ئۈمىدلىرىنى ئىپادىلىدى.

  دېكلاماتسىيە يىغىلىشى «قەھرىمان» ناملىق دېكلاماتسىيە بىلەن باشلاندى، «40 يىل، يېڭى دەۋرنىڭ شانلىق نەتىجىسى» «كاۋچۇك دەرىخىگە مەدھىيە» «سۆيۈملۈك جۇڭگو» قاتارلىق شېئىرلار كەينى-كەينىدىن دېكلاماتسىيە قىلىندى. نەق مەيداندا توختىماي قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  «دېكلاماتسىيە ئاڭلاش بىر خىل مەنىۋى ھۇزۇر، مەن يېڭى يىلغا نىسبەتەن ئۈمىدكە تولغاندەك تۇيغۇغا كەلدىم» دېدى 60 ياشلىق تاماشىبىن ۋاڭ شىيەن كۈلۈپ تۇرۇپ.

  ياڭراق دېكلاماتسىيە ساداسى ئاڭلىنىپ تۇرغان 6-قەۋەتكە ئوخشىمايدىغىنى، كۇتۇپخانىنىڭ 3- قەۋىتىدىكى خەنزۇچە كىتابلارنى ئارىيەتكە ئېلىپ ئوقۇش زالى ناھايىتى تىنچ ئىدى. ئوقۇرمەنلەرنىڭ بەزىلىرى كىتاب جازىسى ئالدىدا تۇرۇپ كىتابلارنى تاللاپ ئوقۇسا، بەزىلىرى دېرىزە يېنىدىكى جايدا ئورۇندۇق تېپىپ ئولتۇرۇپ، چۈشتىن كېيىنكى قۇياش نۇرىدا ئاپتاپسىنغاچ، ئاجايىپ رەڭدار كىتاب دۇنياسىغا غەرق بولغانىدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېيدا، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» باش تېمىلىق تەربىيە كۆرگەزمىسى، ئۈرۈمچى تارىخى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. شەھەر ئاھالىسى گو جۈنمىڭ ئالتە ياشلىق قىزىنى ئېلىپ، «بۇزۇلماس قەلئە» ئابىدىسىنى سىنچىلاپ كۆرۈۋاتاتتى. گو جۈنمىڭ قىزىغا پەس ئاۋازدا چۈشەندۈرۈپ: «بۇ چوڭ تاش ئابىدە دىخۇا شەھىرى قۇرۇلغان چاغدىكى ئۇل تاش. <بۇزۇلماس قەلئە>نىڭ دىخۇا شەھىرى سېپىلى پۇختا ھەم مۇداپىئەسى مۇستەھكەم يىمىرىلمەس شەھەر دېگەن مەنىسى بار» دېدى.

  مۇزېينى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، گو جۈنمىڭ يەنە قىزىنى ئېلىپ بۇ جايدىن ئانچە يىراق بولمىغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۈزەل سەنئەت سارىيىغا كەلدى. بۇ جايدا «خۇڭدۇ پىڭيى− شى شياۋبو ماي بوياق رەسىملىرى كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، تاماشىبىنلار ئىككى-ئۈچتىن بولۇپ، رەسىملەرنىڭ ئالدىدا توختاپ رەسىملەردىن ھۇزۇرلىنىۋاتاتتى.

  «سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىش، يىغىلىپ تاماق يېيىشتىن باشقا، مەن دەم ئېلىش مەزگىلىدە تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت تۇرمۇشىدىن بەھرىمەن بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. ھازىر بۇ ئاممىۋى مەدەنىيەت سورۇنلىرىنىڭ ھەممىسى ئاممىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىز پۇقرالارغا بەرگەن پاراۋانلىقىدىن ياخشى بەھرىمەن بولۇشىمىز كېرەك» دېدى گو جۈنمىڭ.

  12-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي ئادەمگە لىق تولغانىدى. ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى جۇ چۈنشېڭ يۇرتى شەندۇڭدىن كەلگەن دوستىنى ئېلىپ شىنجاڭ مىللەتلەر ئۆرپ- ئادەت كۆرگەزمىسى، «نەچچە مىڭ يىللىق جەسەتلەر−شىنجاڭ قەدىمىي دەۋر قۇرۇق جەسەتلەر كۆرگەزمىسى»، «نىيە . ئارخېئولوگىيە . ھېكايە− جۇڭگو- ياپونىيە نىيەنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشنىڭ 30 يىللىق نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى» قاتارلىقلارنى بىر-بىرلەپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  «دوستۇم شىنجاڭنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتىگە بەك قىزىقىدۇ، مۇزېي شىنجاڭ بىلەن تونۇشىدىغان، شىنجاڭنى چۈشىنىدىغان ناھايىتى ياخشى كۆزنەك بولغاچقا، دوستۇمنى بۇ يەرگە باشلاپ كەلگەنىدىم. ئويلىمىغان يەردىن بىز <نىيە . ئارخېئولوگىيە . ھېكايە−جۇڭگو-ياپونىيە نىيەنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشنىڭ 30 يىللىق نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى>گە ئۈلگۈرۈپ كەپتۇق، ئىلگىرى ئاڭلىغان بولساقمۇ كۆرۈپ باقمىغان <شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش ئەختەر، ئوتتۇرا ئىقلىمغا نەپ يېتەر> دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن كىمخاب يەڭلىكنى كۆردۇق، بۇ بىر كۈن بەك ئەھمىيەتلىك ئۆتتى» دېدى جۇ چۈنشېڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ