تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەنۇبىي شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، بۈك- باراقسانلىشىش

  ــــ تارىم داشۆسىنىڭ «توغراق روھى ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈپ چېگرانى مۇستەھكەملەشكە مۇلازىمەت قىلىش» خاتىرىسى (1)

  مۇخبىرلىرىمىز لى ياڭ، جاڭ چېنشۈەن

  12- ئاينىڭ 15- كۈنى، تارىم داشۆسىنىڭ مەكتەپ تارىخى سارىيىدىكى ئۆگزىسى چىغ، توغراق شېخىدىن يېپىلغان «گەمە سىنىپ»نىڭ ئالدىدا، 22 ياشلىق ساۋ جيەنسۈي ئۇزاققىچە تۇرۇپ قالدى. ئۇ بىر بۆلەك قىسقا سىن چاستوتىسى تارتىپ: «تېخىمۇ كۆپ ئادەملەر مېنىڭ ئانا مەكتىپىمنىڭ مۇشۇنداق جاپالىق يىللارنى، جاپالىق مۇھىتنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ باقسۇن» دېدى.

  ساۋ جيەنسۈي تارىم داشۆسى قانۇنشۇناسلىق كەسپىنىڭ 4- يىللىق ئوقۇغۇچىسى، گەنسۇنىڭ ۋۇۋېيدىن كەلگەن بۇ قىز ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى بىر ئورۇنغا ئىمتىھان بېرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. «تۆت يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا مەن جەنۇبىي شىنجاڭنى بەكلا ياقتۇرۇپ قالدىم. مېنىڭچە بۇ يەردە ئۆز غايەمنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمەن، مەن قېپقېلىشنى قارار قىلدىم» دېدى ساۋ جيەنسۈي.

  قېپقالىمىز! شىنجاڭدا قالىمىز! 60 يىل ئۆتۈپ كەتتى، «20- ئەسىرنىڭ 95- يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان» داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تاللىشى 60 يىل ئىلگىرىكى قەدىمىي باياۋاندا، قۇملۇق گىرۋەكلىرىدە، توغراقلىقلاردا جاپالىق كۈرەش قىلغان ئاشۇ بىر توپ ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللىشى بىلەن ئوخشاش بولدى.

  تارىم داشۆسى زادى قانداق بىر داشۆ؟ يەنە قانداق بىر كۈچ قۇملۇق گىرۋىكىگە جايلاشقان بۇ بىلىم يۇرتىنى مىڭلىغان- تۈمەنلىگەن ئوقۇغۇچىنى جەنۇبىي شىنجاڭدا يىلتىز تارتىشقا جەلپ قىلدۇرالىدى؟ تارىم داشۆسىنىڭ پېنسىيەگە چىققان پىروفېسسورى يەن چۈنيۈ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇ يەردە يىلتىز تارتقىنىمىزغا 60 يىل بولدى، بىز ئىزچىل پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنى بويىچە مەكتەپ باشقۇردۇق، مەيلى بوران- چاپقۇنلۇق ئېغىر كۈنلەردە بولسۇن، خۇددى توغراققا ئوخشاش قەيسەر بولدۇق!»

  توغراقنىڭ ئۇرۇقى گەرچە كىچىك بولسىمۇ، ئەمما قۇملۇقتا يىلتىز تارتىپ، ئۆسۈپ ياراملىق ماتېرىيالغا ئايلىنالايدىغان ئېتىقادى بار

  «توغراقنىڭ ئۇرۇقى ناھايىتى كىچىك، ئەمما ئىنتايىن قەيسەر ھاياتىي كۈچى بار. ھەر يىلى 7- ئايدىن 9- ئايغىچە، كۆپ مىقداردىكى پۆپۈچەك ئۇرۇقلار شامالدا ھەر تەرەپكە چېچىلىدۇ. ئەگەر قۇرغاق يەرگە چۈشسە، يامغۇر سۈيىنىڭ سۇغىرىشىنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتىدۇ؛ ئەگەر نەم يەرگە چۈشسە، شۇ يىلىلا يىلتىز تارتىپ بىخ سۈرەلەيدۇ...» 12- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن كېيىن، تارىم داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى يېقىملىق قىلىپ «توغراق مەلىكىسى» دەپ چاقىرىدىغان پىروفېسسور لى جىجۈن سىنىپتا توغراقنىڭ خۇسۇسىيىتىنى چۈشەندۈرۈۋاتاتتى.

  1983- يىلى، لى جىجۈن تارىم داشۆسى ئۆسۈملۈك ئىلمى شۆيۈەنى باغۋەنچىلىك فاكۇلتېتىنىڭ مېۋىلىك دەرەخ كەسپىگە ئوقۇشقا كىردى، ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن مەكتەپتە قېلىپ ئوقۇتقۇچى بولدى، بۈگۈنكى كۈندە، مەملىكەت ئىچىدىكى توغراق تەتقىقاتى ساھەسىدىكى باشلامچى شەخسكە ئايلاندى. «بىزنىڭ كوللېكتىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كېلەلىشى غايە- ئېتىقادنىڭ تىرەك بولغانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ» دېدى لى جىجۈن. ئۇ بىر قېتىم بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىي بۈگۈر بازىرىدا تەكشۈرۈشتە بولدى، بازاردا بىرلا ئاددىي مېھمانخانا بولۇپ، دېرىزە ئەينەكلىرى چېقىق، پەردىسىمۇ يوق، ھەتتا ئىشىكنىڭ قۇلۇپىمۇ بۇزۇق ئىدى، ئۇ ھەمراھلىرى بىلەن كارىۋاتنى ئىشىككە تىرەپ قويۇپ، كىيىملىرى بىلەنلا يېتىپ قالدى. «بىر كېچە قاتتىق بوران چىقتى، ئەتىگىنى ئويغانغان ۋاقتىمىزدا <لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللەر>گىلا ئوخشاپ قالغانىدۇق».

  «بىزنىڭ داشۆ توغراقلىقتا قۇرۇپ چىقىلغان، توغراق روھى تارىم داشۆسىدىكىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك مەنىۋى بايلىقى. بىزنىڭ توغراقنى ياخشى تەتقىق قىلىش، ياخشى قوغداش مەسئۇلىيىتىمىز بار» دېدى لى جىجۈن.

  يەنە ئاشۇ توغراقلىقتا، سىچۈەنلىك يىگىت چېڭ خۈەنلياڭ ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنى ئۆتكۈزدى. 1964- يىلى، 26 ياشلىق چېڭ خۈەنلياڭ سىچۈەن داشۆسىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، «چېگرا رايونغا بېرىش، ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا بېرىش»تەك ئۇلۇغۋار غايىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، تارىم بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش داشۆسى (ھازىرقى تارىم داشۆسى)گە كېلىپ ئوقۇتقۇچى بولدى. بىپايان قۇم دېڭىزىدا، توغراق دەرىخىدىن ئاددىي ئۈستەل- ئورۇندۇق ۋە دوسكا ياسىدى، بۇلارنى كىشىلەر ھەرقانداق قىلىپمۇ «داشۆ» دېگەن سۆز بىلەن باغلىيالمايتتى. ئۆيىدىكىلىرى ئۇنىڭغا سىچۈەنگە قايتىپ كېلىشكە نەسىھەت قىلدى، لېكىن ئۇ رەت قىلدى. ئەينى چاغدا، «كىچىك ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، چېگرا رايونغا بېرىپ چېگرا رايون ئۈچۈن <ئازراق بولسىمۇ تۆھپە قوشماقچى> بولغان» پېڭ جيامۇ دەل بىر ئەۋلاد ياشلارنى چېگرا رايونغا بېرىشقا چاقىرىق قىلغان مەنىۋى ئۈلگىسى ئىدى. چېڭ خۈەنلياڭ پېڭ جيامۇنىڭ «مەن بىر ئۆمۈر باشقىلار دەسسەپ ئۆتىدىغان يولغا ياتقۇزۇلغان بىر تال شېغىل بولۇشنى خالايمەن» دېگەن ئاشۇ مەشھۇر سۆزىنى ئىشلىتىپ، ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈپ كەلدى.

  شۇنداق قىلىپ، چېڭ خۈەنلياڭ باشقا ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئاسماننى يېپىنچا، يەرنى سېلىنچا، دالىنى دەرسخانا قىلدى؛ قولىغا قەلەم ئېلىپ، ئوتىغۇچنى مۈرىسىگە ئارتىپ، زېمىنغا ئەسەر پۈتتى. ئۇ پۈتۈن ئۆمرىنى مۇشۇ مەكتەپكە بېغىشلىدى. بۇ يىل 80 ياشقا كىرگەن چېڭ خۈەنلياڭ يەنىلا مەكتەپ «توغراق روھى» لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ھەر ئوقۇش مەۋسۇمىدە ئۈچ قېتىمدىن كۆپرەك لېكسىيە سۆزلەشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. «مەن ياشلارغا ئېيتتىمكى، مەيلى قانچىلىك يىراققا بېرىڭلار، ئەسلىڭلارنى ئۇنتۇپ قالساڭلار بولمايدۇ».

  تارىم داشۆسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى جاۋ گۇاڭخۇي مۇنداق دېدى: تارىم داشۆسى ئۈچۈن ئېيتقاندا، «ئەسلىي» دېگەن بۇ سۆز جەنۇبىي شىنجاڭغا مۇلازىمەت قىلىش، بىڭتۈەننىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرا رايوننى قوغداش ئىشلىرىغا مۇلازىمەت قىلىش.

  توغراقنىڭ ئۇرۇقى كىچىك بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قۇملۇقتىمۇ ئۆسۈپ، ياراملىق ماتېرىيالغا ئايلىنالايدىغان ئېتىقادى بار. خۇددى تارىم داشۆسىدىكى ھەر بىر كىشىنىڭ ئارزۇسىغا ئوخشاش، گەرچە كىچىك بولسىمۇ، لېكىن ئائىلە دۆلەت ئارزۇسى بىلەن ماسلاشقان.

  جاۋ گۇاڭخۇي مۇنداق دېدى: «مەيلى تارىمنى ئېچىشتا بولسۇن ياكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە كۈچ قوشۇشتا بولسۇن، تارىم داشۆسىدىكىلەر باشتىن- ئاخىر ساپ قەلبى ۋە كۈچلۈك ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتى بىلەن ۋەتەننىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، دۆلەت يۈكلىگەن مۇقەددەس بۇرچنى قەتئىي ياخشى ئادا قىلدى. يېڭى دەۋردە، بىز ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە بىڭتۈەننىڭ ئورنىغا قويغان تەلىپى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى چۆرىدەپ، توغراق روھى ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈپ چېگرانى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك».

  ئاۋات شەھەردىن ناھايىتى يىراقتا بولسىمۇ، ئەمما يېزا - كەنتلەرگە ناھايىتى يېقىن، ھەر مىللەت ئاممىغا ناھايىتى يېقىن

  60 يىل ئىلگىرىكى ياز ئوتتۇرىسىدا، بىر توپ چەۋەنداز ئەگرى- بۈگرى تارىم دەرياسى بويىدا قامچا ئوينىتىپ، ئۇچقاندەك چېپىشىپ كېتىۋاتاتتى. بىر قۇم تاغقا يېتىپ كەلگەندە، باشلاپ كېتىۋاتقان گېنېرال قامچىسى بىلەن كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «بۇ جايدا، دەل مۇشۇ جايدا جەنۇبىي شىنجاڭ خەلقى ئۈچۈن بىر داشۆ قۇرۇپ بېرىش كېرەك!» دېدى. بۇ گېنېرال دەل ۋاڭ جېن ئىدى.

  60 يىلدىن بۇيان، بۇ داشۆنىڭ چۆل- جەزىرىدە يىلتىز تارتقان توغراققا ئوخشاش، جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، چىڭ شاخلىرىنى ھەممە تەرەپكە سوزۇپ، بۈك- باراقسانلىشىپ، ئۈمىد ئۇرۇقىنى چاچقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس.

  12- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قاراقۇرۇم تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئاق تۆگە لەڭگەر كەنتى، ئالدى تەرەپتىكى يولنى دەريا ئۈزۈپ قويغانىدى. يۆ شىفاڭ ھۆججەت خالتىسىنى قولتۇقىغا قىستۇرغىنىچە ماشىنىدىن سەكرەپ چۈشۈۋېدى، يەردىن پۇررىدە توپا كۆتۈرۈلدى. بۇ، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ داتوڭ يېزىسىدىكى ئېغىر نامرات كەنت بولۇپ، يۆ شىفاڭ بۇ يەرگە نامرات ئائىلىنى زىيارەت قىلىشقا كەلگەنىدى.

  يۆ شىفاڭ 2002- يىلى تارىم داشۆسى ئاخبارات فاكۇلتېتىنىڭ مەخسۇس كۇرس كەسپىنى پۈتكۈزگەن، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ كادىرى. ئۇ داشۆنى پۈتكۈزۈپلا بۇ يەرگە كېلىپ، ناھىيە بازىرىدىن 165 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مارياڭ يېزىسىدا ئىككى يىل مائارىپقا ياردەم بەرگۈچى ئوقۇتقۇچى بولدى. «يېزىغا بېرىش ئۈچۈن دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن ئاشىدىغان مۇز داۋاندىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ، تاغنى قېلىن قار قاپلىغاندا، ئاۋۋال ئاتلىق، ئاندىن پىيادە مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ، يەيدىغان كۆكتاتلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى يۈدۈپ ئەكىلىمىز، بىر قېتىم پىنتوزا پاختىلىق ئىشتىنىمنىمۇ تېشىۋەتكەنىدى».

  يېزا- كەنت ئوقۇتقۇچىسىدىن يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ كادىرى بولۇشقىچە يۆ شىفاڭ ئۈن- تىنسىز ئىشلىدى، ھەتتا ساۋاقداشلىرى بىلەنمۇ پۈتۈنلەي «ئالاقىسى ئۈزۈلگەنىدى». يۆ شىفاڭنىڭ ئەينى يىلىدىكى سىنىپ مەسئۇلى شياۋ تاۋ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ يىل مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلىگەندە، مەن كۆپ سۈرۈشتە قىلىپ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بىلدىم، ئەينى يىلى سىنىپتىكى ئەڭ نازۇك قىزنىڭ پامىر ئېگىزلىكىدە يىلتىز تارتىپ، 16 يىل تۇرغانلىقىغا ھېچ ئىشەنگۈم كەلمىدى».

  «چىلان دەرىخىگە بىر مېتىر كېلىدىغان دائىرىدە، گورىزونتال يىلتىز سىستېمىسىغا زىيان يېتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن چوڭقۇر ئاغدۇرماي، تېيىز ئاغدۇرۇش كېرەك...» 12- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بىڭتۈەن 1- شى 11- تۈەن 4- ليەننىڭ مۇئاۋىن ليەنجاڭى جاڭ لىچۈن خىزمەتچى ۋېن چىڭتيەن ئائىلىسىنىڭ چىلانزارلىقىدا چىلاننى قىشتىن ئۆتكۈزۈش تېخنىكىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى چۈشەندۈرۈۋاتاتتى. خېيلۇڭجياڭلىق بۇ يىگىتنىڭ تارىم داشۆسىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئاساسىي قاتلامدىكى ليەندۈيدە خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا ئۈچ يىلدىن ئاشتى، بۇلتۇر يەنە ئانا مەكتىپىنىڭ خىزمەتتىكى ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئىمتىھانىدىن ئۆتتى، «ليەندۈي ئۈچۈن، تۈەنچاڭ ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن».

  تارىم داشۆسىدە يەنە دېھقانغا بەك ئوخشايدىغان بىر توپ پىروفېسسورلار بار، ئۇلار مەكتەپتىن چىقىپلا ئېتىزلىققا كىرىدۇ؛ تەجرىبىخانىدىن چىقىپلا، پۇقرالارنىڭ قوي، كالا قوتانلىرىغا بارىدۇ. تارىم داشۆسى ئاۋات شەھەردىن ناھايىتى يىراق، بىراق يېزا- كەنتلەرگە ناھايىتى يېقىن، ھەر مىللەت ئاممىغا ناھايىتى يېقىن.

  60 يىلدا، 60 مىڭدىن ئارتۇق مەكتەپ پۈتكۈزگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىنىڭ %85ى شىنجاڭدا قالدى، %68.5ى جەنۇبىي شىنجاڭدا يىلتىز تارتتى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ %52ى شىنجاڭدا قېلىپ خىزمەت قىلدى. بۇ بىر گۇرۇپپا جانلىق سانلىق مەلۇماتلار پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشتەك ئېنىق يۆنىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، تارىم داشۆسىدىكىلەرنىڭ «جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، بوشاشماي ئىلگىرىلەش، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، ئۆزىنى بېغىشلاش»تەك توغراق روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەنلىكىنىڭ جانلىق ئىزناسى.

  توغراق روھىنى مەكتەپ قۇرۇش، مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ ھەر بىر ھالقىسىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش

  «توغراق روھىنى جارى قىلدۇرۇش قۇرۇق گەپ ئەمەس. شىخەنزە داشۆسى ۋە تارىم داشۆسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدە ئورتاق تەربىيەلىگەن ئوقۇغۇچىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز چوقۇم قايناق قىزغىنلىق بىلەن كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، قەيسەر ئىرادىمىز بىلەن كەسپىي ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ھەربىر ياردەمگە موھتاج كىشىلەرگە دوختۇرلارغا خاس مېھرىبانلىق يەتكۈزىمىز...» 12- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن كېيىن، تارىم داشۆسى تېببىي شۆيۈەنى «توغراق روھى ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈپ چېگرانى مۇستەھكەملەشكە مۇلازىمەت قىلىش» باش تېمىلىق ئىتتىپاق كۈنى پائالىيىتىدە، كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا مەخسۇس كۇرس ئىككىنچى سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى جاڭ يۆمىڭنىڭ بۇ سۆزى مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى جاڭ ئەيپىڭنى ئىنتايىن مەمنۇن قىلدى.

  بۇ يىل كۈزدە، تارىم داشۆسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مېدىتسىنا كەسپىدە ئوقۇيدىغان 110 يېڭى ئوقۇغۇچىنى كۈتۈۋالدى. ئۇلار تارىم داشۆسى شىخەنزە داشۆسى بىلەن بىرلىشىپ تەربىيەلەيدىغان 1- تۈركۈمدىكى مېدىتسىنا ئىختىساسلىقلىرى ئىدى. بۇنىڭ بىلەن، تارىم داشۆسىدە تېببىي شۆيۈەن بار بولدى.

  12- ئاينىڭ 14- كۈنى، تارىم داشۆسىنىڭ «توغراق ئىلىم- پەن دەرسخانىسى»دا تۇنجى قېتىم دەرس سۆزلەندى، ئۆلكە، مىنىستىرلىق ئورتاق قۇرغان ئوتتۇرا ئاسىيادا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋېن خاۋ دەرس سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنغان تۇنجى ئىلىم ئەھلى بولدى.

  «ئادەم دېگەن بىر قانچە روھقا موھتاج، توغراق روھى، كەسىپ روھى، مېھىر- مۇھەببەت روھى، پىدائىيلىق روھى، تارىم داشۆسى تەربىيەلەيدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى مېدىتسىنا كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ خىل روھنى ئىدىيەۋى روھىمىزغا سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك». مۇنبەردە ۋېن خاۋ يېقىملىق ۋە تەسىرلىك سۆزلىدى، تۆۋەندە جاڭ يۆمىڭ بىلەن ساۋاقداشلىرى ئەستايىدىل ئاڭلىدى.

  تارىم داشۆسىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى جاڭ چۈەنخۈينىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھازىر تارىم داشۆسى «توغراق ماركىسى» بەرپا قىلىشقا، «توغراق داشۆسى» قۇرۇشقا كۈچەۋېتىپتۇ. توغراق باغچىسى، توغراق مەيدانى، توغراق تىياتىرخانىسى قۇرۇپلا قالماي، «توغراق ئىلىم- پەن دەرسخانىسى»، «توغراق مەدەنىيەت دەرسخانىسى» ئېچىپ، يەنە توغراق روھى تەتقىقات مەركىزى قۇرۇپ، بىر تۈركۈم «توغراق ئېسىل دەرسلىكى» يارىتىپ، بىر تۈركۈم «توغراق ئوقۇتقۇچىلىرى»نى تاللاپ تۇرغۇزۇپ، توغراق روھىنى مەكتەپ قۇرۇش، مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ ھەر بىر ھالقىلىرىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرىدىكەن.

  12- ئاينىڭ 15- كۈنى، تارىم دەرياسى بويىدىكى سۇس تاڭ نۇرىدا، ئالىي مەكتەپ 4- يىللىقىنىڭ ئوقۇغۇچىسى چېن بىڭرۈن بىلەن ئۇنىڭ ئۇيغۇر قېرىندىشى ئابدۇسالام ئابدۇرېشىت يانمۇيان مېڭىپ، پات يېقىندا ئېلىنىدىغان ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن كۇتۇپخانىغا كىردى؛ پىروفېسسور لى چىڭ قاراقاش ناھىيەسىگە يولغا چىقىپ، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدىكى جەمئىيەت تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشقا تەييارلاندى... تارىم داشۆسىدە بۇنداق ھېكايىلەر ھەر كۈنى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.

  جاڭ چۈەنخۈينىڭ قارىشىچە، جۇڭخۇا مىللىتى روھى توغراق روھىنىڭ مەدەنىيەت مەنبەسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنقىلابىي روھى توغراق روھىنىڭ ئۇلى، بىڭتۈەن روھى توغراق روھىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقى. «يېڭى دەۋردە توغراق روھىنى جارى قىلدۇرۇش دەل ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمەي، جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىدا داۋاملىق يىلتىز تارتىپ داشۆ قۇرۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ ۋەتەننى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالىدىغان، تۆھپە قوشىدىغان قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەربىيەلەپ، ۋەتەننى خاتىرجەم قىلىش، خەلقنى رازى قىلىش».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ