تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ ئاشلىقى يۇقىرى باھادا سېتىلدى، ماشىنىدا يىغىۋېلىنىدىغان پاختىنىڭ تەننەرخى تۆۋەنلەشكە يۈزلەندى

  ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتا يارقىن نۇقتىلار كەينى-كەينىدىن بارلىققا كەلدى

  مۇخبىرىمىز ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى- يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئاشلىق، پاختىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش، نورمال بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئاساسىدا، ئاشلىق، پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ «مىقدار» قوغلىشىشتىن «سۈپەت» قوغلىشىشقا ئۆزگىرىشىنى ئالغا سىلجىتقان.

  ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى تېرىقچىلىق ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى تاڭ يىۋۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىز سېلىن تەركىبى مول، ئورگانىك، كۈچلۈك تىندۇرما بۇغداينى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە داڭلىق ماركىلىق رېتسېپلىق ئۇننى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، بۇ يىل جەمئىي سېلىن تەركىبى مول، ئورگانىك، كۈچلۈك تالالىق بۇغداي تېرىقچىلىقىغا دائىر ئۈچ پارچە تېخنىكا قائىدىسى ۋە تۆت پارچە بازار ۋەزىيىتىنىڭ راۋاجلىنىشىنى تەھلىل قىلىش دوكلاتىنى شەكىللەندۈرۈپ، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ كۆپ مەنبەلىك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەرەققىيات ئاساسى ھازىرلىدى.

  «بۇ ئۇن ناھايىتى ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتتى». تاڭ يىۋۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ بەنجېگوۋ بازىرى ياۋزەنزە كەنتىدە ئىشلەپچىقىرىلغان «ياۋزەنزە» ماركىسىدىكى ئورگانىك ئۇننىڭ سېتىلىش باھاسى ئادەتتىكى ئۇننىڭ پارچە سېتىلىش باھاسىدىن يەتتە ھەسسە يۇقىرى بولدى، ئورگانىك، پۈتۈنلەي قولدا ئىشلەنگەن كەسمە چۆپنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ سېتىلىش باھاسى 40 يۈەنگە يېتىپ، مەھسۇلاتلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەردە سېتىلىپ، تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمىدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر قىسىم ئۇن پىششىقلاش كارخانىلىرى لەڭمەن ئۇنى، نان ئۇنى، كالا گۆشى ئۈگرىسى ئۇنى قاتارلىق شىنجاڭنىڭ خاس يېمەك- ئىچمىكىگە ئىشلىتىلىدىغان مەخسۇس ئۇنلارنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ، مەخسۇس ئۇن ئىشلەپچىقىرىشتىكى بوشلۇقنى تولدۇردى.

  پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يەنە بىر كۆپ مىقدارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى بولغان پاختىدا پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش تەسەۋۋۇرى بويىچە، كەسىپتە تېخىمۇ يۇقىرى نۇقتىغا قەدەم قويۇلدى.

  «بۇ يىل، ھەمكارلىق كوپىراتىپى يېڭى تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىسى كىرگۈزدى، پاختىنىڭ چاچ قاتارلىق غەيرىي تالالاردىن بۇلغىنىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، مۇشۇ بىر تۈردىلا پاختىكارلار ھەر مو يەردىن قىلىدىغان كىرىمىنى 100 يۈەن ئەتراپىدا ئاشۇرالايدۇ». ساۋەن ناھىيەلىك دېھقانچىلىق پەن- تېخنىكىسى جىنيۆ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى خەن بو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىر يېڭى تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىسى بىر كۈندە 800 مو كۆلەمدە مەشغۇلات قىلالايدۇ.

  «ساۋەن ناھىيەسىدىكى پاختىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش رايونىدا پاختىنى ماشىنىدا يىغىۋېلىش تەننەرخى مو بېشىغا 1300 يۈەنگە چۈشۈپ، سىناق نۇقتىسى بولمىغان رايونلارنىڭ تەننەرخ سېلىنمىسىغا سېلىشتۇرغاندا 400 يۈەندىن 900 يۈەنگىچە تۆۋەنلىدى». تاڭ يىۋۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل شىمالىي شىنجاڭدىكى ئاساسلىق پاختا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان رايونلاردا پاختىنى ماشىنىدا يىغىۋېلىش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قانات يايدۇرۇلۇپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش ئارقىلىق قۇرۇتماي تازىلاش ھۈنەر- سەنئەت قائىدىسى شەكىللىنىپ، پاختىنى ماشىنىدا يىغىۋېلىشتا تەننەرخنى تېجەش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر قىسىم پاختا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان رايونلار چوڭ تىپتىكى باشلامچى كارخانىلار ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ يېرىنى كەڭ كۆلەمدە ئوبوروت قىلىپ، كېۋەزنى مۇۋاپىق كۆلەملەشتۈرۈپ تېرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا پاختىنى ماشىنىدا يىغىۋېلىشنى كېڭەيتىشكە ئاساس سالدى.

  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا كۆممىقوناق ئىشلەپچىقىرىشىدىمۇ يېڭى ئۆزگىرىش بولدى. ئاپتونوم رايون بويىچە ئۇرۇقلۇق كۆممىقوناق، ئالاھىدە كۆممىقوناق ۋە يوپۇقسىز كۆممىقوناق ئىشلەپچىقىرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، بەش ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى قائىدىسى ۋە بەش ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھەم بازار ئېچىش تەھلىل دوكلاتى شەكىللەندۈردى. تاڭ يىۋۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىشلەپچىقىرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق بىر قىسىم سىناق رايونىدا يوپۇقسىز كۆممىقوناق بىلەن يوپۇق يېپىلغان كۆممىقوناقنىڭ بىرلىك ھوسۇلىدىكى پەرق 100 كىلوگىرامغا يېقىن ئازىيىپ، كۆممىقوناقنىڭ مۇھىت ئاسرايدىغان، تەننەرخى تۆۋەن بولغان تېرىقچىلىق ئەندىزىسى تېپىپ چىقىلدى، بۇ كەڭ ئومۇملاشتۇرۇش ئىستىقبالىغا ئىگە. يەنە بەزى رايونلار كۆممىقوناق كەسپىنى چۆرىدەپ، ساپ كۆممىقوناق ئۇنى ۋە كۆممىقوناق ئۇنى يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى زورايتىپ، تېتىتقۇ، قارا ئاشلىق، راھەت يېمەكلىكلەر قاتارلىق كۆممىقوناقتىن ئىنچىكە پىششىقلانغان مەھسۇلاتلارنى ئارقا- ئارقىدىن بارلىققا كەلتۈردى، كۆممىقوناق كەسپىنىڭ كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ، قوشۇمچە قىممىتىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ