تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرايلى

  ـــ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا (2)

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  كېمە ئېقىننى بويلاپ ماڭسا تېز ئىلگىرىلەيدۇ، ئادەم بەلگىگە قاراپ ماڭسا يولدىن ئازمايدۇ. تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش داۋامىدا ئىدىيەۋى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ماھىر بولۇش، قانۇنىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىش داۋامىدا خىزمەتتە ۋەزىيەت يارىتىشقا ماھىر بولۇش پارتىيەمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىدارە قىلىشتىكى ئەقىل- پاراسىتى.

  مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا بىر يىلدىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە پارتىيەمىزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مۇھىم تەجرىبىلىرى خۇلاسىلەندى، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇش يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، بۇ، بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنى مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

  بۇ يىل پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلى، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى قالتىس بىر يىل. دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات تاشقى مۇھىتىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولدى، ئىقتىساد يۇقىرى سۈرئەتلىك ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا بۇرالدى، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى ۋە ھەر خىل دەۋرىيلىك، قۇرۇلمىلىق، تۈزۈلمە خاراكتېرلىك ئامىللار ئارىلىشىپ، گىرەلىشىپ كەتتى. چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ئالدىدا، مۈشكۈل، ئېغىر بولغان دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، بىزنىڭ ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىشى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىيالىشىمىز، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا يېڭى قەدەم تاشلىيالىشىمىزدىكى ئاچقۇچ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاچقۇچ بىزنىڭ ئەمەلىيەت جەريانىدا يېڭى ۋەزىيەتتە ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىزدا.

  نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن، تەجرىبىلەر ئىنتايىن قىممەتلىك. بۇ قانۇنىيەتلىك تونۇشنى «بەش جەزمەن»گە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: جەزمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش؛ جەزمەن ئۇزاق مەزگىللىك يۈزلىنىشتىن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى تونۇش؛ جەزمەن ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش سالمىقىنى دەل جايىدا ئىگىلەش؛ جەزمەن جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇش؛ جەزمەن ھەرقايسى تەرەپنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاش. بۇ «بەش جەزمەن» يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت غايەت زور پاراخوتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشىدىكى يۈكسەك ئەقىل- پاراسىتىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشتىكى پىشقان ئىقتىدارىنى تولۇق نامايان قىلدى. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چوقۇم بۇ «بەش جەزمەن»نى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە نامايان قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىدە نامايان قىلىش كېرەك.

  كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئاچقۇچ «بەش جەزمەن»دە ياخشى، چىڭ تۇرۇشتا. ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ، خىرىس قانچە كەسكىن بولغانسېرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنىڭ كۈچلۈك مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق رولىنى شۇنچە ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرغاندىلا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ زور سىياسەت- فاڭجېنلىرىدا چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؛ ئۇزاق مەزگىللىك يۈزلىنىشتىن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى تونۇپ، دۇنيادىن جۇڭگوغا نەزەر سېلىشتا، ئومۇمىيەتتىن قىسمەنلىككە نەزەر سېلىشتا، كەلگۈسىدىن ھازىرغا نەزەر سېلىشتا چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن ئۈزلۈكسىز قانۇنىيەتنى ئىگىلىگىلى، ئىشەنچنى ئاشۇرغىلى، قىسقا مۇددەتلىك ئۆزگىرىشنىڭ بۇرنىمىزدىن يېتىلەپ مېڭىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؛ ماكرولۇق تەڭشەش- تىزگىنلەش سالمىقىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، تەدبىرنىڭ دەل جايىدا مۇۋاپىق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، سالماق ۋە رىتىمنى ياخشى ئىگىلەپ، سىياسەت جەھەتتىكى ماسلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتكەندىلا، ئاندىن ھەم قەتئىي تەۋرەنمەي تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتقىلى، ھەم ئىقتىسادنىڭ سىلىق مۇقىم ئايلىنىشىنى ساقلىغىلى بولىدۇ؛ جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرغاندىلا، ئاندىن ئۇللۇق ئىجتىمائىي پىسخىكىلىق كۆزلىمە ئۆزگىرىشىنى ياخشى يېتەكلىگىلى، ۋاقتىدا شاۋقۇن- سۈرەننى تۈگەتكىلى، بازار ئىشەنچىسىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرغىلى بولىدۇ؛ ھەرقايسى تەرەپنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغىغاندىلا، ئاندىن پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادكارلىقىنى قوزغىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى تېخىمۇ ياخشى يەڭگىلى بولىدۇ.

  بىلىش قانچە ئېنىق بولسا، ھەرىكەت شۇنچە پۇختا بولىدۇ؛ ھەرىكەت قانچە پۇختا بولسا، بىلىش شۇقەدەر روشەن بولىدۇ. دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىدىكى خەۋپ - خەتەر ۋە قىيىنچىلىق ئالدىدا، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات تاشقى مۇھىتىدىكى مۇرەككەپ، ئۆزگىرىش ئالدىدا، بىز «بەش جەزمەن»دە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا قانۇنىيەتلىك تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرساق، چوقۇم غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسىنى چىڭىتساق، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتسەك، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلىساق، ئىشنى پۇختا قىلىشقا ئەھمىيەت بەرسەك، بىز چوقۇم ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇرالايمىز، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىشكە تۈرتكە بولالايمىز، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يېڭى كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 23- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ