تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈردى

  خاس كەسىپلەر راۋاجلاندۇرۇلۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئاساسى مۇستەھكەملەندى

  مۇخبىرىمىز ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق كەسپى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپى قاتارلىق بىر تۈركۈم خاس كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە ئۆستۈرۈپ، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئۈنۈمىنى گەۋدىلەندۈرگەن.

  «مەن ھەر كۈنى 500 گە يېقىن نان يېقىپ، بىر ئايدا 4000 يۈەن تاپىمەن، ياتاق، تامىقىمنى كۆتۈرىدۇ، دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە، يەنە رۇخسەت سوراپ ئۆيگە قايتىپ، دېھقانچىلىق قىلىمەن، تۇرمۇشۇم ناھايىتى مەنىلىك ئۆتۈۋاتىدۇ، كىرىمىممۇ نەچچە ھەسسە كۆپەيدى» دېدى كۇچا ناھىيە چوڭ نان شەھەرچىسىدە خىزمەت قىلىدىغان ناۋاي ئۇستام راخمان مەمەت خۇشال ھالدا، ئۇ كۇچا ناھىيەسىنىڭ نانچىلىق كەسپىگە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ئىلگىرى ئويلاپمۇ باقمىغان تۇرمۇشقا ئېرىشتى.

  شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۇچا چوڭ نېنى يەرلىك ئاممىنىڭ مەززىلىك يېمەكلىكى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كۇچا ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى كۈچلۈك تۇتقىسىغا ئايلاندى. كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سىدىق ئېلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇچا ناھىيەسى چوڭ نان كەسىپ قۇرۇلۇشى ۋە مەھسۇلات ئېچىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، «كۇچا چوڭ نېنى» داڭلىق ماركىسىنى كۆڭۈل قويۇپ يارىتىپ، دېھقان- چارۋىچى ئاممىنىڭ، بولۇپمۇ نامرات ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى. نۆۋەتتە، كۇچا ناھىيەسىدە نان كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار 3000دىن كۆپرەككە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن ئۈچتىن بىرى نامرات ئاھالە، ناھىيە بويىچە ناۋايلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 25ى قۇرۇلۇپ، كۈندە 10 مىڭغا يېقىن نان سىرتقا سېتىلىدىغان بولدى، ھۈنەرگە پىشقان بىر ناۋاي ئۇستامنىڭ ئايلىق كىرىمى 5000 يۈەندىن 8000 يۈەنگىچە بولدى.

  كۇچا ناھىيەسىنىڭ نان كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ھەمدەم بولۇش تەجرىبىسى پۈتۈن شىنجاڭدا ئايرىم مىسال ھېسابلانمايدۇ. بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز دېھقانچىلىققا ماس كەلسە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش، ئورمانچىلىققا ماس كەلسە ئورمانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش، چارۋىچىلىققا ماس كەلسە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش، سانائەتكە ماس كەلسە سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىش، سودىغا ماس كەلسە سودا بىلەن شۇغۇللىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خاس كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشقا تايىنىپ، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. ئاپتونوم رايون بويىچە كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ھەقىقىي ئىسىم تۈزۈمى تۈر تىزىملىكىدىن جەمئىي 29ى رەتلەپ شەكىللەندۈرۈلۈپ، 435 مىڭ 300 ئائىلىدە ھويلا- ئاراننى رەتلەش، تەرتىپكە سېلىش قانات يايدۇرۇلۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 381ى قۇرۇلۇپ، سوغۇق ساقلاش، يېڭى پېتى ساقلاش ئىسكىلاتىدىن 142سى، چارۋا مال قوتىنىدىن 16 مىڭى، باقمىچىلىق رايونىدىن 110ى قۇرۇلدى، 225 مىڭ 800 مو يەردە خاس باغ- ئورمانچىلىق سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش پىلانى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ھەمراھ زاۋۇتتىن 175ى قۇرۇلدى، يېزا- كەنت ئىككى دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتىدىن 195ى قۇرۇلدى. بىر تۈركۈم كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىنىڭ نامرات رايونلاردا ئەمەلىيلىشىشى نامرات ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشى، سىجىل كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

  «بۇ يىل مەن كەنتتىكى ياڭاق پىششىقلاش ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەپ، ئەڭ ئالدىراش ئىشلىگەن ۋاقتىمدا بىر ئايدا 7000 يۈەن تاپتىم» دېدى خوتەن ناھىيەسىنىڭ لايقا يېزىسى داكۈي كەنتى ئاھالىسى غۇجىئابدۇللا ئوبۇلقاسىم خۇشال ھالدا.

  بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە خاس كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش ئەندىزىسى جەھەتتە، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارىتى سۇبيېكتلىرى بىلەن نامرات ئاھالە ھەمتۈرتكە راۋاجلىنىدىغان مەنپەئەت باغلانما مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، «باشلامچى كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + نامرات ئاھالە» ئەندىزىسى پائال قوللىنىلىپ، نامرات ئاھالە بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، نامرات ئامما كەسىپ تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن بەھرىلەندۈرۈلدى.

  كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يەنە دېھقان- چارۋىچىلار كەچلىك كۇرسى، ناھىيە، يېزىلاردىكى تۈرلۈك تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى، كەسپىي مەكتەپ قاتارلىق تەربىيەلەش بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىلىپ، قاتلامغا، تۈرگە ئايرىپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ماھارەت تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلۇپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلىشىش شارائىتىنى ھازىرلىغان نامرات ئائىلىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ تەربىيەلەشكە تېگىشلىكلىرى تولۇق تەربىيەلىنىپ، نامرات ئاممىنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ تەرەققىي قىلىشىدىكى توسۇقلار تۈگىتىلدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئېغىر نامرات ناھىيەلەردىكى نامرات ئائىلىدىن 72 مىڭ 200 ئەمگەك كۈچى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يىللىق نىشان- ۋەزىپە نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى، بىر تۈركۈم نامرات ئامما خاس كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ، باياشات، بەختلىك، ئۈمىدكە تولغان يېڭى تۇرمۇش كەچۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ