تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

ھەيۋەتلىك چوڭ دولقۇندا بىڭتۈەننىڭ يېڭى كارتىنىسىنى سىزىپ چىقىش

  مۇخبىرىمىز جاڭ شياۋيەن

  12- ئاينىڭ 11- كۈنى، سوغۇق شامال چىقىۋاتاتتى، بىڭتۈەن 14- شى 224- تۈەن 5- ليەنىنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىسى ۋاڭ چياڭ رەڭلىك مىسەيفۇ كىيىمى كىيىپ خەلق ئەسكەرلىرى سېپىدە تىك تۇراتتى. يىغىلىش سىگنالى چېلىنىش بىلەنلا، ئۇ خەلق ئەسكەرلىرى مەشىقى، چارلاش، جىددىي يىغىلىش مەشىقىگە كىرىشىپ كەتتى.

  ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام تۈەن- مەيدانلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلۈك ئىسلاھاتىدا، بىڭتۈەندىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر يەر ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش كىنىشكىسىغا ئېرىشتى، ھازىر ۋاڭ چياڭنىڭ ئۆزىگە تەقسىملەپ بېرىلگەن 40 مو يېرىدە «دېگىنى ھېساب» بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ خەلق ئەسكىرىلىك مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىدۇ.

  كۆپ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ بىڭتۈەندە ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، چېگرا قوغداش نەمۇنىچىسى ۋېي دېيوۋ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى يوۋ لياڭيىڭ... ئاددىي، لېكىن ئۇلۇغ بىڭتۈەنلىك شەخسلەر پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەن 40 يىل داۋامىدىكى بىڭتۈەننىڭ ئوبرازى بارغانسېرى روشەنلەشتى ھەم كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى!

  ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىنكى بىڭتۈەن توسالغۇسىز تەرەققىي قىلدى

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بىلەن تەڭلا دېگۈدەك، 1981- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، مەركەز شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلدى، شۇنىڭدىن باشلاپ بىڭتۈەن يېڭى تارىخىي تەرەققىيات مەزگىلىگە كىردى!

  ئىسلاھات، تەرەققىيات داۋامىدا، بىڭتۈەن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ چىلان ئىشلەپچىقىرىش رايونىغا ئىگە بولدى، سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىش كۆلىمىمۇ مۇقىم ھالدا دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى.

  بىڭتۈەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مۇھىم ئەلا سۈپەتلىك پاختا بازىسى قۇردى، ئومۇمىي مەھسۇلاتى شىنجاڭنىڭ پاختا مەھسۇلاتىنىڭ ئاز كەم يېرىمىنى، پۈتۈن مەملىكەت پاختا مەھسۇلاتىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىگىلىدى. ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش نىسبىتى %90تىن ئاشتى، پاختىنى ماشىنا ئارقىلىق يىغىۋېلىش كۆلىمى كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى. بىڭتۈەن يېزا ئىگىلىك تارمىقىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل بىڭتۈەننىڭ پاختا ئومۇمىي مەھسۇلاتى تارىختا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن.

  بىڭتۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكى كۆزنى قاماشتۇرۇپ قالماستىن، سانائەت تەرەققىياتىمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، زامانىۋى سانائەت كارخانىلىرى بىر- بىرلەپ قەد كۆتۈردى......

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەريانىدا، بىڭتۈەننىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى: بىڭتۈەن ئۇلۇغئاتا سۇچىلىق تۈگۈنى، تارىم دەريا ۋادىسى قاتارلىق ئېچىش قۇرۇلۇشلىرىغا قاتناشتى، بىر تۈركۈم چوڭ تىپتىكى تايانچ سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى ئىش باشلاپ قۇرۇپ، چوڭ سۇغىرىش رايونى شەكىللەندۈردى؛ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان، ليەندۈيلەرگە تۇتاشقان تاشيول تورىنى قۇردى؛ بىر تۈركۈم يېڭى ئېنېرگىيە تۈرلىرىنى قۇرۇپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلىرىنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  بىڭتۈەن ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى چوڭقۇر پىششىقلاش ۋە قېزىلما بايلىقلارنى ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ بازا بەرپا قىلىشقا كۈچىدى، توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ماشىنىلىرى قاتارلىق تۈۋرۈك كەسىپلەردە، تيەنرۈن سۈتچىلىكى قاتارلىق 100دىن ئارتۇق چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىنى شەكىللەندۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە تيەنيې گۇرۇھى قاتارلىقلارنىڭ يىللىق سېتىش كىرىمى 10 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، بىڭتۈەن ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم تىرەك كۈچكە ئايلاندى.

  تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا، ھازىر سانائەت زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى، شەھەر- بازارلارنىڭ سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئاشتى، بىڭتۈەن ئەنئەنىۋى يېزا تۇرمۇشى شەكلىدىن زامانىۋى شەھەر- بازار مەدەنىي تۇرمۇشىغا ئۆزگەردى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىڭتۈەننىڭ ئىقتىساد قۇرۇلمىسىدا زور ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، «يېزا ئىگىلىكى» دېگەن سۆز ھازىرقى بىڭتۈەننىڭ ئالاھىدىلىكىنى يىغىنچاقلىيالمايدىغان بولدى.

  2012- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، بىڭتۈەندىكى ھەرقايسى شىلارنىڭ نامى كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان «يېزا ئىگىلىك» مانچىنچى شىسىدىن «مانچىنچى» شىغا ئۆزگەردى. بىر سۆز پەرقى بىڭتۈەننىڭ تەرەققىياتىنىڭ تۈرلۈك كەسىپلەر ئۆزئارا رىقابەتلىشىپ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش مەزگىلىگە كىرگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەكتە.

  بىڭتۈەننىڭ ئالاھىدە رولى بارغانسېرى گەۋدىلەندى

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىڭتۈەننىڭ ئالاھىدە رولى بارغانسېرى گەۋدىلەندى.

  «بىڭتۈەننى ھەقىقىي تۈردە چېگرانى تىنچلاندۇرۇپ، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىدىغان مۇقىملاشتۇرغۇچقا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان چوڭ پېچقا، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىلغار مەدەنىيەتتە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك!» 2014- يىلى، شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەن باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە، بىڭتۈەننىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىشىگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

  مۇقىملىقنى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش − بىڭتۈەن يېڭى تارىخىي مەزگىلگە كىردى.

  بىڭتۈەندىكى خەلق ئەسكەرلىرى قوراللىق ساقچى قىسىم ۋە ھەر مىللەت ئامما بىلەن قول تۇتۇشۇپ بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا ئورتاق زەربە بېرىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىدى. يېزا- بازار، يېزا- كەنتلەردە، بىڭتۈەن تېز سۈرئەتتە خەلق ئەسكەرلىرىنى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش، چارلاش ۋە نۇقتىلىق نىشانلارنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەشكىللىيەلەيدۇ.

  ھازىر، بىڭتۈەن مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى خەلق ئەسكەرلىرى قوشۇنىنى كۈچەپ قۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، مەشىق قىلىش، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىلەشكەن خەلق ئەسكەرلىرى دائىملىق مەشىقلەندۈرۈلۈپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا تەييار تۇرۇش مېخانىزمىنى ئورناتماقتا. بىڭتۈەن ئۇنىۋېرسال مۇقىملىقنى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈش مەزگىلىگە كىردى.

  مەركەزنىڭ غەمخورلۇقىدا، ئاپتونوم رايوننىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، يېقىنقى بىرقانچە يىلدا، شىنجاڭنىڭ قۇملۇقىدا بىڭتۈەن شەھەرلەر توپى قەد كۆتۈردى. كۆكدالا شەھىرى، قۇرۇمقاش شەھىرى، ساۋخۇ بازىرى، شاخې بازىرى... بۇ ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە، ھاياتىي كۈچكە تولغان شەھەر- بازارلار قۇرۇلۇشنى تېزلىتىش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلىپ، تەرەققىي قىلىپ بىر- بىرلەپ زامانىۋى مەدەنىيلىك توپلاشقان جايغا ئايلانماقتا، ئۇلار بىڭتۈەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ!

  بۇ يىل بىڭتۈەن ئىسلاھاتىدىكى مۇھىم يىل، تۈەن، مەيدانلارنىڭ ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلۈك ئىسلاھاتى 6- شىدا نۇقتىدا سىناق قىلىش ئاساسىدا ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىڭتۈەننىڭ تۈرلۈك ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك باشلىنىپ كەتتى.

  ئىسلاھات بىڭتۈەنگە بىر قاتار چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى، «ئەسكەر»لىك ئىقتىدارى قايتا تەشكىللەندى. يەر، ئىشچى- خىزمەتچى، خەلق ئەسكىرىدىن ئىبارەت «ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن» باشقۇرۇش يېڭى تۈزۈلمىسى ئورنىتىلدى. ئىسلاھات ئارقىلىق ئەسكەرلىك ئىقتىدارى تېخىمۇ «پۇختىلاندى»، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ياش ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان خەلق ئەسكەرلىرىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلدى.

  مەركەزنىڭ تەلىپى بويىچە، نۆۋەتتە بىڭتۈەن پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈەن، مەيدانلارنىڭ ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلۈك ئىسلاھاتى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىۋاتىدۇ، مالىيە باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تېز ئالغا سىلجىتتى، مەمۇرىي فۇنكسىيە بىلەن مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشنى پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلىدى، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈردى، بىڭتۈەننىڭ ئالاھىدە ئەۋزەللىكى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى داۋاملىق كۈچلۈك قويۇپ بېرىلمەكتە.

  ئېچىۋېتىلگەن بىڭتۈەن ھەممەيلەنگە قۇچاق ئاچماقتا

  كۆپ يىللاردىن بۇيان، بىڭتۈەن ئوچۇق ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى بولغان سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش مۇھىتىنى ئاكتىپ بەرپا قىلىپ، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىدى.

  سانلىق مەلۇماتلاردا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2017- يىلى بىڭتۈەن سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدىن 3095نى يولغا قويدى، 175 مىليارد 700 مىليون يۈەن مەبلەغ نەقلىشىپ، 2016- يىلىدىكىدىن %42.4 ئاشتى؛ پۈتۈن يىلدا ئەمەلىي پايدىلىنىلغان چەت ئەل مەبلىغى 410 مىليون دوللارغا يېتىپ، 2016- يىلىدىكىدىن %23.5 ئاشتى، يېڭىدىن قۇرۇلغان چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانا 24كە، مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى 1 مىليارد 100 مىليون دوللارغا، توختامدىكى چەت ئەل مەبلىغى 400 مىليون دوللارغا يەتتى.

  2017- يىلىلا، بىڭتۈەن ئىچكىرى ئۆلكە، شەھەرلەر نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان پايدىلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن كەسىپلەر ھەمكارلىق تۈرىدىن 609نى ئىمزالىدى، ئومۇمىي سېلىنما 269 مىليارد 94 مىليون يۈەنگە، شۇ يىلى نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 69 مىليارد 191 مىليون يۈەنگە يېتىپ، پۈتۈن بىڭتۈەندىكى نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغنىڭ %39.4ىنى ئىگىلىدى.

  بىڭتۈەن يەنە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كۆپ ساھەدە چېگرا سىرتىدىكى تاشقى ئىقتىساد- سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇردى، تاشقى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى. نۆۋەتتە جۇڭگو شىنجاڭ بىڭتۈەن 100دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايون بىلەن ئىقتىساد- سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، كۆپلىگەن دۆلەت ۋە رايون بىلەن ئىقتىساد- تېخنىكا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقئاراغا، دۆلەت ئىچىگە تەسىر كۆرسەتكەن، كېڭەيگەن ئومۇمىي دائىرىلىك، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىڭتۈەن خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاشقا كۈچىدى. بىڭتۈەندىكى ھەرقايسى شى، تۈەنلەر قەلب، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلايدىغان ئىللىقلىققا تولغان نۇرغۇن نەتىجىلەرنى ياراتتى، ھەر مىللەت ئىشچى- خىزمەتچى، ئامما ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان تەرەققىياتتىن تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئېرىشتى.

  بۇ يىل يازدا، 2- شى 22- تۈەن مەركىزىي يەسلىسىدىكى 268 بالا خۇشال- خۇرام ھالدا «يېڭى ئۆي»گە كۆچۈپ كىردى، بۇ يەسلىگە 6 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان، ئۇنىۋېرسال بىنانىڭ ئىچكى ئەسلىھەلىرى تولۇق بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلار ۋە بالىلار ئورتاق قول سېلىپ چۈشلۈك ئارام ئېلىش ئۆيى، ئويۇن ئويناش رايونى، كارىدورنى بالىلارغا خاس قىلىپ زىننەتلىدى، بالىلار ئازادە، يورۇق سىنىپلاردا دەرس ئاڭلاپ، ناھايىتى خۇشال بولدى... ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مائارىپ كاپالىتى، داۋالاش مۇلازىمىتى قاتارلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان ئون چوڭ ئەمەلىي ئىش بىڭتۈەندىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلەندۈردى. 2017- يىلى، بىڭتۈەن ئۇدا 12 يىل ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئاممىسى ئۈچۈن «ئون تۈرلۈك ئەمەلىي ئىش» قىلىپ بەردى، سېلىنما سوممىسى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئەڭ كۆپ بولدى.

  بىڭتۈەن پارتكومى ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشلارنى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىنى بېجىرىپ، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىدە پۇختا قەدەم ئېلىپ، يېڭى دەۋر سەھنىسىدە پۈتۈن كۈچى بىلەن يېڭى بەخت كارتىنىسىنى سىزىپ چىقتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ