تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قىزىل گېنغا مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىمىز

  كۇچا ناھىيەلىك لىن جىلۇ باشلانغۇچ مەكتىپى:

  قىزىل گېنغا مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىمىز

  بىرىنچى سەپتە تۇرۇپ، ئۆزگىرىشلەرگە نەزەر . مەكتەپ قىسمى

  ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز گۇڭ شىجيې، سەي شۇ، ۋېي شياۋخۇڭ

  12- ئاينىڭ 10- كۈنى، كۇچا ناھىيەلىك لىن جىلۇ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىسى ياڭ چۈنمېي مۇنداق دېدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، مەكتىپىمىزدە زور ئۆزگىرىش بولدى. لېكىن، ئىنقىلابىي روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش ئەزەلدىن ئۆزگەرمىدى.

  1978- يىلى، ياڭ چۈنمېي لىن جىلۇ باشلانغۇچ مەكتىپىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، پېنسىيەگە چىققۇچە شۇ يەردە خىزمەت قىلدى، ئۇ، مەكتەپ تەرەققىياتىنىڭ گۇۋاھچىسى. ياڭ چۈنمېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا لىن جىلۇ باشلانغۇچ مەكتىپى بىر يانتۇلۇققا جايلاشقان بولۇپ، يېرىمى ئېگىز، يېرىمى پەس ئىدى، يامغۇر ياغقان كۈنلىرى مەكتەپنىڭ غەرب تەرىپى «كۆلچەك»كە ئايلىناتتى. مەكتەپ ئۆيلىرى بەش قاتار ياغاچ- تاش قۇرۇلمىلىق ئۆيلەر بولۇپ، دېرىزىلىرىگە ئەڭ دەسلەپتە قەغەز چاپلانغانىدى، كېيىن بىر قەۋەت سولياۋ چاپلاندى، كېيىن ئەينەككە ئالماشتۇرۇلدى.

  كۇچا ناھىيەلىك لىن جىلۇ باشلانغۇچ مەكتىپى 1936- يىلى 8- ئاينىڭ 5- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەينى چاغدىكى كۇچا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى، ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇ قۇرغانىدى. «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ مەكتەپ قىزىل گېننى مەنىۋى يادرو قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد ئوقۇغۇچىلار قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزدى.

  20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە مەكتەپنىڭ كېسەك ئۆيلىرى چېقىۋېتىلىپ، خىش- ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئۆيلەر سېلىندى، مەكتەپمۇ رېمونت قىلىندى.

  نەچچە ئون يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق بۈگۈنكى كۈندە، لىن جىلۇ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ جەمئىي ئىگىلىگەن يېرى 32 موغا، مەكتەپ بىناسىنىڭ كۆلىمى 8238 كىۋادرات مېتىرغا يەتتى، 200 مىتېرلىق پىلاستىرلىق ئايلانما يۈگۈرۈش يولى ياسالدى، پۇتبول مەيدانى، ۋاسكېتبول مەيدانى، ۋالىبول مەيدانى، تىكتاك توپ مەيدانى قاتارلىق زال سىرتى تەنھەرىكەت مەيدانلىرى بار، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەجرىبىخانا، كومپيۇتېر ئۆيى، مۇزىكا ئۆيى... قۇرۇلدى، ھازىر، ئوقۇغۇچىلار يەنە ھەممە سىنىپقا ئۇلانغان ئاپپارات، بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن كۆپ ۋاسىتىلىك ئاپپارات، ئۈن- سىن ئېلىش، قويۇش دەرسخانىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق ئۆگىنىش قىلالايدۇ.

  لىن جىلۇ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى شياڭ جيالې مۇنداق دېدى: ھازىر، شاڭخەي، جېجياڭدىكى ئوقۇتقۇچىلار يىراقتىن ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ئارقىلىق بىزگە دەرس ئۆتۈپ بېرىدۇ.

  نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، مەكتەپ نەچچە ئېغىز كېسەك ئۆيدىن تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى زامانىۋىلاشقان باشلانغۇچ مەكتەپكە ئايلاندى، ئىنقىلابىي روھ ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەنئەنىسىگىمۇ ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىنماقتا.

  مەكتەپكە كىرگەندە، ئەڭ ئاۋۋال ئاساسىي ئوقۇتۇش بىناسى كۆزگە چېلىقىدۇ، مەكتەپنىڭ ئاساسىي ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تامدا ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇنىڭ ئىنقىلابىي ھاياتى تارىخىي سۈرەتلەر ئارقىلىق نامايان بولۇپ تۇرىدۇ، مەكتەپنىڭ تارىخ سارىيى، گۇمانتار مەنزىرىسى، قەدەمدە بىر كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان ئەقلىيە سۆزلەر، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىش- ئىزلىرى بۇ مەكتەپنىڭ قىزىل گېن ئاساسىنى تولۇق نامايان قىلىدۇ.

  لىن جىلۇ باشلانغۇچ مەكتىپى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى سۈن جيەنجۈن مۇنداق دېدى: بىر مەكتەپتە شۇ مەكتەپكە خاس روھ بولىدۇ، بىزنىڭ مەكتەپ مەدەنىيىتىمىز لىن جىلۇنىڭ ئىش- ئىزلىرىنى يادرو قىلغان، لىن جىلۇنىڭ ئىنقىلابىي روھىنى ئەۋج ئالدۇرغان، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلغان.

  لىن جىلۇ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ سىياسىي مائارىپ مۇدىرى شۈ يىڭ مۇنداق دېدى: ئۇزاقتىن بۇيان، مەكتىپىمىز ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بىلەن مۇنتىزىم تەربىيەنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ كەلدى، بىز كۈندىلىك دۆلەت بايرىقى چىقىرىش تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇردۇق، ھەر ھەپتىدە باش تېمىلىق سىنىپ يىغىنىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەلىك ھېسسىياتىنى ھەر بىر بالىنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزدۇق.

  لىن جىلۇ باشلانغۇچ مەكتىپى ئىزچىل ھالدا ئوقۇغۇچىلارغا توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشتە چىڭ تۇردى، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ياخشى ئۆگىنىش مۇھىتى ياراتتى، مەكتەپكە كەينى- كەينىدىن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى»، «ئەخلاق تەربىيەسىدىكى ئۈلگىلىك مەكتەپ» دېگەن نام بېرىلدى.

  لىن جىلۇ باشلانغۇچ مەكتىپى 6- يىللىق 3- سىنىپ ئوقۇغۇچىسى مۇسساپا مەمەت مۇنداق دېدى: بىز ۋەتەننىڭ غۇنچىلىرى، بىز ۋەتەننى قىزغىن سۆيىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدايمىز. بىز ھەر مىللەت ساۋاقداشلار خۇددى ئاكا- ئۇكا، ئاچا- سىڭىللاردەك بىرلىكتە خۇشال- خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ