شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 16- كۈنى تېلېگراممىسى. 3- نۆۋەتلىك «جۇڭگونى چۈشىنىش» خەلقئارا يىغىنى 12- ئاينىڭ 16- كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ تەبرىكلەپ، يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ساھەسى، ئىستراتېگىيە ساھەسى، كارخانا ساھەسى، ئىلىم ساھەسى قاتارلىق ھەر ساھەدىكى زاتلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىل مابەينىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلمەكتە، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات يەنىلا دەۋرنىڭ ئاساسىي تېمىسى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىنسانلار نۇرغۇن ئورتاق خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىللە، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل- ھەققانىي بولغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ 40 يىللىقى. 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار سەھىپىسىنى پۈتتى، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتى يەنىمۇ قويۇقلاشتى. جۇڭگو ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانى تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنىڭ چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوغا بولغان چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ ھەم دۇنيانىڭ جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى.
«جۇڭگونى چۈشىنىش» خەلقئارا يىغىنىنى دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى تەتقىقات جەمئىيىتى، دىپلوماتىيە ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە 21- ئەسىر كېڭىشى ئورتاق تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، 2013- يىلى 11- ئايدا ۋە 2015- يىلى 11- ئايدا بېيجىڭدا ئىككى نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ يىلقى يىغىندا «جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يەر شارى ھەمكارلىق يېڭى پۇرسىتى» ئاساسىي تېما قىلىنغان بولۇپ، دۇنيادىكى 40 قا يېقىن داڭلىق سىياسىيون، ئىستراتېگىيەچى ۋە كارخانىچى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا جەمئىي 600 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.