تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

دېموكراتىيە، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى قەدىمى پۇختا، كۈچلۈك بېسىلدى

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن

  «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ يەرلىك نىزاملىرى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، نىزام چىقىرىش كۆلىمى كىچىكلىكتىن زورىيىپ، قائىدە- نىزاملارنىڭ مەزمۇنى بارغانسېرى موللىشىپ، تۈزۈم مۇكەممەللىشىشكە يۈزلىنىپ، سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستى»، دېدى يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى جۈەن.

  ئىلمىي نىزام چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، ئەدلىيەدە ئادىل بولۇش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىش... پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇش مۇساپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، دېموكراتىيە، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  قانۇنچىللىق چوڭ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش

  ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. 12- ئاينىڭ 1- كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى يىغىنىدا شۇنداق تەكىتلەندى.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن ئاڭلىق پايدىلىنىپ مۇقىملىقنى قوغداپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق چېكى، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق خىزمىتىنىڭ قانۇنچىللىق يولىدا يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  40 يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى نىزام چىقىرىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، ئۇنى قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نىزام چىقىرىشنىڭ قاراتمىلىقىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، يەرلىك خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قائىدە- نىزامنىڭ ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى ۋە مەشغۇلاتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپنى ۋاقتىدا ماقۇللاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇردى. 2018- يىلى 10- ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى بېكىتكەن، تۈزىتىش كىرگۈزگەن يەرلىك نىزام(نىزام خاراكتېرلىك قارار، بېكىتمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە تەستىقلىغان يەرلىك قائىدە- نىزام، يەككە نىزام جەمئىي 593 پارچە بولۇپ، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك قانۇن- تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  قانۇنچىللىق روھى ئارقىلىق دەۋر تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش

  «ئاساسىي قانۇننى دېكلاماتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئاساسىي قانۇن ئېڭىم كۈچەيدى، ھەم ئادۋوكاتلارغا خاس ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنچىللىق روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش بۇرچ تۇيغۇم ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇم كۈچەيدى» دېدى 12- ئاينىڭ 2- كۈنى شىنجاڭ شىڭخې ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئىجرائىيە ئادۋوكاتى تەن خۇڭجيې. شۇ كۈنى، ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «ئاساسىي قانۇن تەشۋىقات ھەپتىلىكى»نى باشلاش مۇراسىمى ۋە ئادۋوكاتلىق ساھەسىنىڭ «4- دېكابىر» دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى ئاساسىي قانۇننى دېكلاماتسىيە قىلىش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. تەن خۇڭجيې مۇنداق بىلدۈردى: ئادۋوكات جەزمەن قانۇن بويىچە كەسىپ ئىجرا قىلىپ، ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداپ، قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان، قانۇن ئۆگىنىدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، قانۇننى قوللىنىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇشى كېرەك.

  3- تۈركۈمدە ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتى ئوڭۇشلۇق، تەكشى، تەرتىپلىك بولۇپ، سوت، تەپتىشتىن ئىبارەت ئىككى مەھكىمە خىزمىتىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى كۈچلۈك قوغداپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ياخشى ئەدلىيە كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «ئاپتونوم رايون بويىچە سودىيە، پىروكۇرورلارنى مۇنتىزىملاشتۇرۇش، كەسپىيلەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەدلىيە مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى چىقىرىپ، مۇنتىزىملاشقان، كەسپىيلەشكەن، كەسىپلەشكەن سودىيە، پىروكۇرورلار قوشۇنى قۇرۇش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايون بويىچە سوت مەھكىمىلىرى، تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ ساپا بىلەن مەجبۇرىيەت ئۆزئارا ماسلاشقان، ھوقۇق بىلەن چەكلەش ئۆزئارا بىرلىككە كەلگەن، مەسئۇلىيەت بىلەن كاپالەت ئۆزئارا ئۇيغۇنلاشقان ئەدلىيە مەسئۇلىيەت تۈزۈمى سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ھوقۇق ئەمەلىيلىشىش، مەسئۇلىيەت ئادەمگىچە ئەمەلىيلىشىش، نازارەتچىلىك ئۈنۈملۈك بولۇش، كاپالەت كۈچلۈك بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش مەجبۇرىيىتى، بۇرچىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلدى.

  قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدا خەلقنى كۆزلەش، خەلققە بەخت يارىتىش

  ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇميۈزلۈك قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇش مۇساپىسىدە، باشتىن- ئاخىر قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدا خەلقنى كۆزلەش، خەلققە تايىنىش، خەلققە بەخت يارىتىش، خەلقنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قانۇنغا تايىنىپ كاپالەتلەندۈرۈش، قانۇننىڭ نوپۇزىنى خەلققە تايىنىپ قوغداشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى.

  «قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇش مۇساپىسىدە، بىز ھەممەيلەن قانۇننى ئۆگىنىپ، قانۇننى بىلىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، قانۇننى قوللىنىشىمىز كېرەك، مەن ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن- نىزاملارنى كۆپرەك تەشۋىق قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ما جىنگو 12- ئاينىڭ 3- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىيىتى سىستېمىسى تەشكىللىگەن ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتىگە قاتناشقاندىن كېيىن. شۇ كۈنى، 40 نەچچە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، مەھەللە ئاھالىلىرى ۋەكىلى ۋە كارخانىچىلار ۋەكىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىدە سۆھبەتلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئەدلىيە مەمۇرىيىتى خىزمىتىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە كونكرېت مەسئۇلىيىتىنى ئىگىلىدى.

  40 يىلدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، خەلق ئاممىسىنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلاش ئارقىلىق، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇردى؛ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خەلق ئاممىسى بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاپ، ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش، ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلققە مەسئۇل بولدى، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلدى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىيىتى ئورگانلىرى خەلق مۇرەسسە فۇنكسىيەسى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، زىددىيەت، ماجىرالارنىڭ پائال ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، تىرىشىپ ماجىرالارنى ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلىپ، بىخ ھالىتىدە تۈگىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغدىدى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز پارتكوم، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك قىلغان، ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ۋە خەلق مۇرەسسە تەشكىلاتلىرىغا تايانغان، كۆپ تارماق قاتناشقان، كۆپ خىل ۋاسىتە ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن «چوڭ مۇرەسسە» مېخانىزمىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى.

  نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا- بازار (كوچا) ۋە كەنت (مەھەللە) خەلق مۇرەسسە ھەيئەتلىرى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئاپتونوم رايون بويىچە تۈرلۈك خەلق مۇرەسسە تەشكىلاتىدىن 14 مىڭ 700 ى قۇرۇلدى، ئۇنىڭ ئىچىدە ساھە خاراكتېرلىك، كەسىپ خاراكتېرلىك خەلق مۇرەسسە تەشكىلاتى ۋە شەخسنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان مۇرەسسە خىزمىتى ئىشخانىسىدىن 510 ى، مەخسۇس ۋە قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى خەلق مۇرەسسەچىلىرىدىن 46 مىڭ 500 ى بار.

  پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تۈرلۈك خەلق مۇرەسسە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ مۇرەسسەچىلەر ئۆيلىنىش- ئائىلە، قوشنىلار ئارا مۇناسىۋەت، يېنىكرەك زەخىملەندۈرۈش قاتارلىق ئادەتتىكى ئەلئارا ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش بىلەن بىللە، دىققەتنى داۋالاش، ساياھەت، مۈلۈك باشقۇرۇش، يول قاتنىشى قاتارلىق يېڭى ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، زىددىيەت، ماجىرالارنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

  40 يىلدىن بۇيان، دېموكراتىيە، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنىڭ پۇختا قەدىمى قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشى مۇساپىسىنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى