جاۋ شىيا
كىنو كۆرۈپ تاۋۇش چىقىرىش مەشىقى قىلىش، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ قوشماقلىشىپ ئۆزئارا ياردەملىشىپ ئۆگىنىش، «كىچىكلەر چوڭلارنى يېتەكلەپ» ئورتاق ئىلگىرىلەش... جەنۇبىي شىنجاڭدا مۇخبىرلىق قىلىش داۋامىدا، نەگىلا باراي، كەنت ئاھالىلىرى دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىۋاتقان جانلىق مەنزىرىلەرنى كۆردۈم. دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىش ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشىگە ئايلانغانىدى، ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىق ھەربىر كىشى، ھەربىر ئائىلىنىڭ ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرۇۋاتاتتى.
دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە قوللىنىش، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈندۇر. شىنجاڭدا دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ياخشى ئىگىلەش مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتە، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
2018-يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىدا ئوقۇتۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دېھقان-چارۋىچىلار كەچلىك كۇرسلىرى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق سانسىزلىغان دېھقان-چارۋىچى تىل جەھەتتىكى توسۇقنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۆيلىرىدىن چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىدا كۈرەش قىلدى. ئىلگىرىكى سۆزلەشنى بىلمەسلىك، يېزىشنى بىلمەسلىك، پىكىر ئالماشتۇرالماسلىقتىن ھازىرقى مەن سۆزلەيمەن، مەن يازىمەن، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئالاقىلىشىش ئىقتىدارىمنى ئاشۇرىمەنغىچە... دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىش ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ كەلگۈسى بەخت ئىشىكىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچقا ئايلاندى.
ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۇلغىيىشىغا ئەگىشىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش ۋەزىيىتى كىشىنى تېخىمۇ خۇشاللاندۇردى. بۇ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئىگىلەشنىڭ مۇھىملىقىنى يەنىمۇ ئىسپاتلىدى: بىلىمنى ئاشۇرۇپلا قالماي، نەزەر دائىرىنىمۇ كېڭەيتتى، تېخىمۇ مۇھىمى، ھەرمىللەت ئاممىنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، دۆلەتنى سۆيۈش قىزغىنلىقى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتتى. ئىشىنىمىزكى، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەرمىللەت ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشى تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۈلۈپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش كۈچى تېخىمۇ زورىيىدۇ.