تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

داۋالاش ئىسلاھاتى: كېسەل كۆرسىتىش يۈكىنى يېنىكلىتىشتىن ساغلام تۇرمۇشقىچە

  مۇخبىرىمىز سۇ لۇپىڭ

  «ئىلگىرى بېشىمىز ئاغرىپ، قىزىپ قالساقمۇ، ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا بېرىشقا توغرا كېلەتتى، ھازىر يېزا - بازار شىپاخانىلىرىدىلا تەكشۈرتەلەيمىز، چىقىممۇ ئاز كېتىدۇ».

  «ئىلگىرى دوختۇرخانىدىن چىقىش راسچوتىنى قىلغاندا نەچچە جايغا قاتراپ ئاتچوت قىلدۇراتتۇق، ھازىر دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغاندا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىمىزنى <رەنە>گە قويساقلا، قالغان ئىش بىلەن كارىمىز بولمىسىمۇ بولىدۇ».

  «ئىلگىرى ئاغرىپ قالغاندىلا ئاندىن دوختۇرنى ئېسىمىزگە ئالاتتۇق، ھازىر سالامەتلىكىمىزنى باشقۇرۇشنى بىلىدىغان، كېسەلدىن ئالدىن مۇداپىئەلىنىدىغان بولدۇق».

  ......

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش ۋە ياخشىلاشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، ئاساسىي داۋالاش، سەھىيە تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى يادرو قىلىپ، داۋالاش، تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى تىرىشىپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، سەھىيە، ساغلاملىق ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى، كېسەل كۆرسىتىش يۈكىنى يېنىكلىتىشتىن ساغلام تۇرمۇشقىچە، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

  ئىشىكى ئالدىدىلا تۇنجى دىياگنوز قويدۇرالايدىغان بولدى، قولايلاشتى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، داۋالاش، تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدە خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر يۈزبەردى: كەنت داۋالاش ئۆيىنىڭ مۇھىتى ياخشىلاندى، دائىملىق دورىلار كۆپەيدى؛ رەڭلىك B چاۋ، تولۇق ئاپتوماتىك بىيو خىمىيەلىك ئانالىز ئۈسكۈنىسى، مەركەزدىن قاچما ماشىنا، ئېلېكتىرونلۇق كاردىيوگراممىغا يىراق مۇساپىلىك دىياگنوز قويۇش سىستېمىسى... يېزا- بازارلىق شىپاخانىغا نۇرغۇن يېڭى ئۈسكۈنە كۆپەيتىلدى؛ ھەر ھەپتىدە ناھىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكى كەنتتە كېسەل كۆرىدۇ. ئادەتتىكى دائىم ئۇچرايدىغان كېسەللەر ۋە يېنىك دەرىجىدىكى مۇرەككەپ، داۋالاش تەس كېسەللەرنى ئىشىكى ئالدىدىلا دىياگنوز قويۇپ داۋالايدۇ. بەزى يېزا- بازارلىق شىپاخانىلاردا يەنە جۇڭيىچە داۋالاش ئۆيى ۋە ساغلاملىق ئۆيى قۇرۇلۇپ، جۇڭيىچە داۋالاش، مىللىي تېبابەت مۇلازىمىتى ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرى قانات يايدۇرۇلدى. «بېشىمىز ئاغرىپ، قىزىپ قالساق ئەمدى ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا قاترىمايدىغان بولدۇق» دېدى 12- ئاينىڭ 11- كۈنى، بۇ ناھىيەنىڭ شىگشىن بازارلىق مەركىزىي شىپاخانىسىدا ئېلېكتىرونلۇق كاردىيوگرامما تەكشۈرۈشى قىلىۋاتقان شىگشىن بازىرى خارمودون كەنتىنىڭ ئاھالىسى مەمەت ھەسەن خۇشال ھالدا.

  2014- يىلى 10- ئايدا، يەنجى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا باشلامچىلىق بىلەن ناھىيە، يېزا، كەنت سەھىيە مۇلازىمىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ئىسلاھاتى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سەككىز يېزا - بازارلىق شىپاخانا، 47 كەنت داۋالاش ئۆيىنى مۇشۇ ناھىيەدىكى خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، مەمۇرىيەت - كادىرلار ئىشلىرى، كەسىپ - تېخنىكا، مالىيە- نەتىجە ئۈنۈم، دورا- ئۈسكۈنە- ماتېرىيال، شىپاخانىنى باشقۇرۇشى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ناھىيە تەۋەسىدە «داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى»نى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى. داۋالىنىش مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش، داۋالاش قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش، يىراق مۇساپىلىك دىياگنوز قويۇش، دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش ۋە قوش يۆنىلىشلىك يۆتكەپ داۋالاش ئارقىلىق دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ۋاقتىدا داۋالىنىشىغا زور دەرىجىدە قولايلىق يارىتىپ بەردى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز تەمىنلەش تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، «داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى»، «داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى» قۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ۋاسىتە قىلىپ، دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش- داۋالاش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى. جايلار ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، 3- دەرىجىلىك دوختۇرخانا بىلەن 2- دەرىجىلىك دوختۇرخانا، مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى (پونكىتى)، كەنت داۋالاش ئۆيلىرىدىن «داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى» تەشكىللەپ، ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانا بىلەن يېزا - بازارلىق شىپاخانا، كەنت داۋالاش ئۆيلىرىدىن «داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى» تەشكىللەپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى داۋالاش- ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىشى قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىشكە ئاساس سالدى.

  ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىز «داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى»دىن جەمئىي 28نى تەشكىللىدى، بۇ ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى 3- دەرىجىلىك 41 دوختۇرخانىنى، 260قا يېقىن 2- دەرىجىلىك دوختۇرخانا ۋە ئاساسىي قاتلام داۋالاش- ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتىنى قاپلىدى، داۋالاش گۇرۇھى، ناھىيە تەۋەسىدىكى «داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى»، مەخسۇس بۆلۈملەر ئىتتىپاقى، يىراق مۇساپىلىك داۋالاش ھەمكارلىشىش تورى، جۇڭيى تېبابىتى ۋە مىللىي تېبابەت بىرلەشمە گەۋدىسى قاتارلىق بەش خىل شەكىلدىكى «داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى» كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى»، «داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىغا ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپ ئامما ئىشىكى ئالدىدىلا شەھەرلەردىكى چوڭ دوختۇرخانىلارنىڭ ئەلا مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدىغان بولدى.

  «داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورا ھەمتۈرتكە بولۇش»، يۈكنى يەڭگىللەتتى

  «2014- يىلى، مەن ئۆيدىكىلەرنى ئۈرۈمچىگە ئۆسمە كېسىلىنى داۋالىتىشقا ئاپىرىپ، بىر داۋالاش باسقۇچىدىلا 80 مىڭ يۈەنگە يېقىن چىقىم قىلغانىدىم. ھازىر، قومۇلنىڭ ئۆزىدە داۋالانسا، 50 مىڭ يۈەن بولسىلا يېتىدۇ، يەنە تېخى %100 ئاتچوت قىلدۇرغىلى بولىدۇ»، دېدى قومۇل شەھىرىنىڭ ئاھالىسى ۋەن فاڭ. بۇنىڭ بىلەن باشقا يەردە داۋالىنىش ھاجەتسىز، قارىغۇچىغا كېتىدىغان ئوشۇقچە چىقىممۇ تېجىلىپ قالىدۇ، يۈك دەرۋەقە يېنىكلەيدۇ.

  قومۇل شەھىرى ئاھالىلىرىگە نىسبەتەن، ھازىر ئۆز جايىدا داۋالىنىش ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك تاللاش. بۇنىڭ سەۋەبىنى قومۇل شەھىرىنىڭ داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورا ھەمتۈرتكە بولۇش ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەنلىكىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

  2017- يىلى، قومۇل شەھىرى ئۆسمە كېسىلى ئاغرىقلىرىنى ھەقسىز داۋالاش تۈرىنى پۈتۈن رايوندا نۇقتىدا سىناق قىلىپ، قومۇل شەھىرى ئاھالىسى بولسىلا، ئۆز يېرىدە يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسىلىنى داۋالاتسا %100 ئاتچوت قىلىپ بەردى ھەم ئۆسمە كېسىلى مەخسۇس بۆلۈمىنى ئالاھىدىلىك قىلغان ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانا بەرپا قىلدى؛ 2018- يىلى 4- ئايدا، قومۇل شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانا ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ نەتىجە- ئۈنۈمنى تەقسىملەش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئالدى بىلەن نۇقتىدا سىناق قىلىپ، كەڭ تېببىي خادىملارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغىدى. «داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورا ھەمتۈرتكە بولۇش»نى كۈچەيتىش ئارقىلىق قومۇل شەھىرى پۇقرالار ئاز چىقىم قىلىش، تېببىي خادىملارنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى بولۇش، داۋالاش سۇغۇرتىسىدا قالدۇق سومما بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  2017- يىلىدىن بۇيان، دۆلەتنىڭ «<13- بەش يىل> مەزگىلىدىكى تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يىرىك پىلانى»غا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىز «ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىش، تۈزۈلمە بەرپا قىلىش» ئىسلاھات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، «داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورا ھەمتۈرتكە بولۇش» ئىسلاھات مېخانىزمىنى تەدرىجىي بەرپا قىلدى. دورىدا پەرقسىز باھا يولغا قويۇلغاندىن باشقا، داۋالاش جەھەتتە دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش- داۋالاش تۈزۈمى، زامانىۋى دوختۇرخانا باشقۇرۇش تۈزۈمى ھەم ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىشلىتىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش- باھالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامدا تۇنجى دىياگنوز قويۇش، قوش يۆنىلىشتە يۆتكەپ داۋالاش، جىددىي، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرنى ئايرىپ داۋالاش، يۇقىرى- تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت داۋالاش يېڭى تەرتىپىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى. داۋالىنىش سۇغۇرتىسى جەھەتتە ھەق تۆلەش ئومۇمىي سوممىسىنى تىزگىنلەش ئاساسىدىكى كېسەل تۈرىگە قاراپ ھەق تۆلەشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى ئاساس قىلىپ، بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش ياردىمى، كېسەللەرنى جىددىي قۇتقۇزۇش قاتارلىقلار جىپسىلىشىپ ھەمتۈرتكە بولىدىغان، ئۆزئارا تۇتىشىدىغان مېخانىزمنى ئورناتتى.

  ۋەن فاڭ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى دوختۇرخانىدىن چىقىپ راسچوت قىلىشتا سۇغۇرتا شىركىتىگە، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىغا بېرىپ ئاتچوت قىلدۇراتتۇق، ھازىر <بىر بېكەت شەكلى>دە راسچوت قىلىش يولغا قويۇلۇپ، پەقەت دوختۇرخانىدا يېتىشتىن بۇرۇن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىمىزنى راسچوت مەركىزىگە رەنىگە قويۇپ، دوختۇرخانىدىن چىققاندا بىۋاسىتە ئاتچوت قىلدۇرساقلا بولىدىغان بولدى، <داۋالاش، داۋالاش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورا ھەمتۈرتكە بولۇش>نىڭ ئىسلاھاتنىڭ تېخىمۇ كۆپ پايدىسىنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».

  ساغلام تۇرمۇش كەلدى

  مەيلى «داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى»، «داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى» ياكى «داۋالاش، داۋالاش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورا ھەمتۈرتكە بولۇش» بولسۇن، تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا ھەممىسى دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش- داۋالاش ئارقىلىق ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى. تۇنجى دىياگنوز قويىدىغان مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى (پونكىتى)نىڭ ئائىلە دوختۇرىلىق رولى كۈنسايىن مۇھىم بولۇۋاتىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى جەنۇبىي دوستلۇق يولى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىدە ئائىلە دوختۇرى توختامى ئىمزالىغان ئاھالە ۋاڭ جيەنبىن مۇنداق دېدى: «مەن ئىشىكىم ئالدىدا توسۇۋېلىنىپ توختام ئىمزالىغان. دەسلەپتە ئائىلە دوختۇرى ئۈچ- تۆت كۈندە ئارىلاپ ئۆيۈمگە كېلىپ ياكى تېلېفون بېرىپ، مېنىڭ يۇقىرى قان بېسىمىمنى كونترول قىلىشىمنىڭ قانداق بولغانلىقىنى سوراپ، مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىگە بېرىپ تەكشۈرتۈشۈمنى، قان بېسىمىنى چۈشۈرىدىغان دورا ئېلىشىمنى سۈيلەيتتى.» ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ئالاقىلىشىش، ئىزدىشىش ئارقىلىق ۋاڭ جيەنمىن ئائىلە دوختۇرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا كۆنۈپ قالدى. ۋاڭ جيەنبىن مۇنداق دېدى: «ھەر قېتىم قان بېسىمىمنى ئۆلچەپ بولۇپ دوختۇرغا بىر قېتىم دوكلات قىلىمەن، ھازىر ئاغرىپ قالغاندىن كېيىن دوختۇرخانىغا بارماستىن، بەلكى مۇددەتتىن بۇرۇن ئالدىنى ئالىدىغان بولدۇم، مانا بۇ ساغلام تۇرمۇش شەكلى».

  2014- يىلى 10- ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي دوستلۇق يولى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى ئائىلە دوختۇرى توختامى ئىمزالاش خىزمىتىنى باشلىدى، يۇقىرى قان بېسىمى ئاغرىقلىرى، قەنت كېسىلى ئاغرىقلىرى، بالىلار، ھامىلىدارلار قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىغا قارىتا، توختام ئىمزالىغان ئاھالىلەرنىڭ شەخسىي ساغلاملىق ئەھۋالىنى باھالاپ، خاس ساغلاملىق جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى. بۇ يىل، بۇ مەركەز ئائىلە دوختۇرى توختامى ئىمزالاش مەركىزى قۇرۇپ، 12 «ئائىلە دوختۇرى خىزمەت ئۆيى» تەسىس قىلىپ، «بىر دوختۇر، بىر توختام ئىمزالاش ئوبيېكتى، بىر كېسەل كۆرۈش ئۆيى» شەخسىي سىرنى قوغدايدىغان ئومۇمىي بۆلۈم دىياگنوز قويۇش- داۋالاش مۇلازىمىتى ۋە ساغلاملىقنى ئاسراش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي دوستلۇق يولى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى ئەتراپىدا چوڭ دوختۇرخانا كۆپ، بىراق بۇ ئۇلارنىڭ كېسەل كۆرۈش مىقدارىغا قىلچە تەسىر كۆرسىتەلمىدى، 2017- يىلىدىلا بۇ مەركەز 250 مىڭ ئادەم قېتىم كېسەل كۆرگەن بولۇپ، بۇ، 2- دەرىجىلىك بىر دوختۇرخانىنىڭ كېسەل كۆرۈش مىقدارىغا باراۋەر كېلىدۇ. بۇ مەركەزنىڭ مۇدىرى رېن خۇڭ مۇنداق دېدى: «ئائىلە دوختۇرى ئۆيگە بېرىپ كېسەل كۆرىدىغان خۇسۇسىي دوختۇر ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاساسىي داۋالاش ۋە ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى، ئالدىن كېلىشىپ دىياگنوز قويۇش- داۋالاش ۋە يۆتكەپ داۋالاش مۇلازىمىتى، خاس ساغلاملىقنى ئاسراش مۇلازىمىتى، ئائىلە كېسەل كارىۋىتى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ، ئامما ساغلاملىقىنىڭ قوغدىغۇچىسى». ئائىلە دوختۇرى توختامى ئىمزالاش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق داۋالاش- ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت شەكلىدە ئۆزگىرىش بولدى، ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىققا ئۇزاق مۇددەت، ئۇدا كۆڭۈل بۆلۈش ئېھتىياجى قاندۇرۇلدى، ئۇلار ئەمدى مەركەزلىك ھالدا چوڭ دوختۇرخانىلارغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتىپ داۋالانماستىن، ساغلاملىقنى ئاسراشقا بارغانسېرى كۆڭۈل بۆلىدىغان بولدى.

  2017- يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئائىلە دوختۇرى توختامى ئىمزالاش مۇلازىمىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتتى. نۇقتىدا سىناق قىلىش ئاساسىدا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە ئائىلە دوختۇرى توختامى ئىمزالاش مۇلازىمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. ئائىلە دوختۇرى توختامى ئىمزالاش مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كېسەللىكلەرنى باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەش نىسبىتى مۇقىم ئېشىپ، «داۋالاشنى ئاساس قىلىشنى ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش»قا ئۆزگەرتىشتەك ساغلاملىق كاپالىتى شەكلى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇلدى، دوختۇرلار بىلەن ئاغرىقلارنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ئىناق بولۇپ، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئائىلە دوختۇرلىرىنى ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسى تەدرىجىي ئۆستى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ