تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، گۈزەل يېڭى تۇرمۇش يارىتىش

  مۇخبىرىمىز چېن چياڭۋېي

  11- ئاينىڭ 28- كۈنى، لوپ ناھىيەسىنىڭ چارباغ يېزىسى ئويلا كەنتىدىكى ھەمراھ زاۋۇتتا ئىشقا ئورۇنلاشقان كەنت ئاھالىلىرى مەھسۇلات كۆرگەزمە زالىدا كىيىم- كېچەك رەتلىمەكتە. (مۇخبىرىمىز ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

  11- ئاينىڭ 24- كۈنى سەھەر سائەت 5 ئەتراپىدا، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ جامباز يېزىسى يۇقىرىقى گال كەنتى «ئۇيقۇدىن ئويغاندى»، چىراغلار يېنىپ، كەنتتىكى خورازلار چىللاپ، ئىتلار قاۋاپ كەنت جانلىنىپ كەتتى. كەنت ئاھالىسى ئېلى يۈسۈپ ئائىلىسىدىكىلەر كۆپ سانلىق كەنت ئاھالىلەرگە ئوخشاش، ناشتا قىلغاندىن كېيىن بىر كۈنلۈك ئالدىراش ئىشىنى باشلىدى، ئۇ خوتۇنى بىلەن پاختا تەرگىلى ماڭدى، چوڭ ئوغلى ئامانلىق ساقلاش خادىمى بولۇپ، شىركەتكە ئىشقا ماڭدى، پەقەت مەكتەپتە ئوقۇيدىغان كىچىك ئوغلىلا تېخىچە ئۇخلاۋاتاتتى. تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق، ئېلى ئائىلىسىدىكىلەر بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

  ئېلى ئائىلىسىدىكىلەرگە ئوخشاش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نۇرغۇن دېھقان- چارۋىچى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن نەپ ئېلىپ، ئۆيىدىن چىقىپ، كۈنلۈك ئىشلەش، ئۆز يېرىدە، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش، تەشكىللىك ھالدا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە كۆزى ئېچىلىپ، قارىشى ئۆزگىرىپ، تېخىمۇ گۈزەل يېڭى تۇرمۇشنى كۈتۈۋالدى. ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئۇلارغا دۇنيانى كۆرىدىغان كۆزنەك ئېچىپ بەردى.

  قاراش ئۆزگەردى، ئۆيدىن چىقسىلا جاھان كەڭرى

  11- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈش، دەل چۈشلۈك تاماق ۋاقتى، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى شېنجېن كەسىپلەر باغچە رايونى بىردىنلا جانلىنىپ كەتتى، ھەر خىل خىزمەت كىيىمى كىيگەن نەچچە ئون مىڭ توقۇمىچىلىق ئىشچىسى سېخلاردىن چىقىپ ئاشخانىغا قاراپ ماڭدى، نۇرگۈل ئەنۋەر شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىدى.

  نۇرگۈل قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلى يېزىسى پاختەكلى كەنتىدىن، ھازىر شىنجاڭ مېيلىئو كىيىم - كېچەك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تىككۈچىلىك سېخىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، ئۇ ئىككى گۇرۇپپىدىكى 28 خىزمەتچىنى باشقۇرىدۇ. نۇرگۈل دۆلەت ئورتاق تىلىدا راۋان ھالدا مۇخبىر بىلەن پاراڭلاشتى. ئۇ قىسقا چاچلىرىنى سۇس بېغىر رەڭدە بويىۋالغان بولۇپ، سۇس گىرىم قىلغانىدى، ئۇنىڭ پاكىز، رەتلىك كىيىنگەن خىزمەتچى ئاياللارغا خاس ئوبرازىدىن ئۈچ يىل ئىلگىرى، ئائىلە ئىشىنى قىلىدىغان دېھقان ئايال ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئىدى.

  ئەينى چاغنى ئەسلىگەندە، نۇرگۈل كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە كىيىم- كېچەك زاۋۇتىنى «كۆرۈپ بېقىش»قا كەلگەنلىكىدىن ئۆزىنى ناھايىتى تەلەيلىك ھېس قىلاتتى. «ئەينى چاغدا كەنت ئاھالە كومىتېتى بەزى كارخانىلارنىڭ ئىشچى قوبۇل قىلىشقا كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى، مەن بېرىشنى خالىمىغانىدىم، قېيىنئاناممۇ <ئايال كىشى ئۆيدە ئولتۇرۇشى كېرەك> دەپ قاراپ، مېنىڭ سىرتقا چىقىشىمنى خالىمىغانىدى. كېيىن كەنت ئاھالە كومىتېتىدىكىلەر بىلەن زاۋۇت رەھبەرلىرى ئۆي- ئۆيلەرگە بېرىپ ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەپ، بىزنىڭ زاۋۇتقا بېرىپ كۆرۈپ باققاندىن كېيىن بىرنېمە دېيىشىمىزنى ئېيتتى.» نۇرگۈل ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىگىنىدە سەل خىجىل بولدى.

  ئويلىمىغان يەردىن، ئەسلىدە «كۆرۈپ بېقىپ»لا قايتىپ كېتىشنى ئويلىغان نۇرگۈل بۇ يەردە بىر ئىشلىگەنچە ئۈچ يىل ئىشلىدى، تېخى يەنە ئىشچىلىقتىن باشقۇرغۇچى خادىملىققا ئۆستى، ئايلىق كىرىمى دەسلەپكى مىڭ نەچچە يۈەندىن ھازىرقى 3000 يۈەنگە يېقىنلاشتى. «بۇرۇن، مەن ئون يۈەنلىك كۆكتات سېتىۋېلىش ئۈچۈنمۇ ئېرىمدىن پۇل سورايتتىم، ھازىر مەن ھەر ئايدا قېيىنئانامغا 1000 يۈەندىن كۆپرەك تۇرمۇش خىراجىتى بېرىمەن، قالغان ئىش ھەققىمگە نېمە ئالغۇم كەلسە شۇنى ئالىمەن.» دېدى نۇرگۈل كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ. ھازىر، قېيىنئانىسىنىڭ قارىشىدىمۇ ئۆزگىرىش بوپتۇ، ئۇنىڭ زاۋۇتتا ئىشلىشىنى بەكلا قوللايدىكەن.

  «ئېرىم بىلەن ياخشى ئىشلەپ كۆپرەك پۇل يىغىپ، چوڭراق ئۆي سېتىۋېلىشنى، يەنە ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشنى، كېيىن قېيىنئاتام، قېيىنئانامنى ئېلىپ سىرتلارنى ئايلاندۇرۇپ كېلىشنى مەسلىھەتلەشتۇق» دېدى نۇرگۈل تولۇپ - تاشقان ئارزۇ- ئۈمىدلەر بىلەن.

  نۇرگۈلگە ئوخشاش، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ئۇچار بازىرى تۆۋەن يارباغ كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئايشەمگۈل ئابدۇۋاسىتمۇ ئۆيىدىن چىقىپ نەپكە ئېرىشكەنلەرنىڭ بىرى. ئايشەمگۈلنىڭ ئۆيىگە كەلگىنىمدە، ئۇ ئۆزى ئىشلەۋاتقان شەندۇڭدىكى زاۋۇتتىن ئۆيىگە تۇغقان يوقلاشقا كەلگەن ئىكەن.

  «بۇ ئەمىن ئۆينى مەن ئىشلەپ پۇل تاپقاندىن كېيىن سالغان، ئەلۋەتتە ھۆكۈمەتنىڭ تولۇقلىما پۇلىغىمۇ ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.» دېدى ئۇ پەخىرلەنگەن ھالدا، سېخنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بولغان ئايشەمگۈلنىڭ كىرىمىمۇ خېلى كۆپەيگەنىدى. كەنتتىكى تۇنجى تۈركۈمدە سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەن ئايال بولغاچقا، دەسلەپتە ئايشەمگۈل ئائىلىسىدىكىلەر نۇرغۇن سۆز- چۆچەككە قالغانىدى. لېكىن يېقىنقى ئىككى يىلدا، ھەر يىلى ئۆيىگە تۇغقان يوقلاشقا كەلگىنىدە ئۇ كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارغانسېرى زورىيىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى.

  «بۇرۇن قۇرۇق گەپ ساتىدىغانلار كۆپ ئىدى، ھازىر مەندىن ئىچكىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە مائاش كىرىمىمنى سۈرۈشتۈرىدىغانلار كۆپەيدى، نۇرغۇن ئادەم مەن بىلەن بىللە بېرىپ ئىشلەشنى ئويلاۋاتىدۇ» دېدى ئايشەمگۈل.

  ھازىر كەنت ئاھالىلىرى ئىلگىرىكىدەك ئۆيىدىن چىقىشنى خالىماسلىقتىن، بەس- بەستە خىزمەت ئىزدەيدىغان بولدى، ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشىدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئون ئېيىدا، پۈتۈن شىنجاڭدا يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىدىن 2 مىليون 729 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى.

  تەربىيەلەش كۆپىيىپ، ماھارەت ئىگىلەش ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈردى

  11- ئاينىڭ 28- كۈنى، مەن ئاپتوموبىل رېمونتخانىسى ئاچقان ئادىل ياسىننى ئىزدەش ئۈچۈن، لوپ ناھىيەسىنىڭ دول يېزىسى دۆڭ كۈزلۈك كەنتىگە كەلدىم. ئەمدىلا دوقمۇشقا يېتىپ كېلىشىمگە، يەتتە- سەككىز پىكاپنىڭ بىر ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىدا قاتار تۇرغانلىقىنى كۆردۈم، ئويلىغىنىمدەك بۇ دەل ئادىلنىڭ ئۆيى ئىكەن. ئازادە ھويلا ئاپتوموبىل رېمونتخانىسى قىلىنىپتۇ، ئالتە ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ھەر خىل ماركىلىق ئاپتوموبىللار بىلەن توشۇپ كەتكەنىدى.

  2017- يىلى 8- ئايدا تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، ئادىل 80 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تېپىپتۇ، مۇشۇ ئىككى ئايدىلا ئۇنىڭ ئايلىق كىرىمى ئون نەچچە مىڭ يۈەنگە يېتىپتۇ، بۇ، ئىلگىرى ئىشلەمچىلىك قىلىپ تاپقان كىرىمىنىڭ بەش ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.

  «مەن تەربىيەلىنىشكە بىر پۇڭمۇ خەجلىمىدىم، ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن كەسپىي سالاھىيەت كىنىشكىسىنى ئالدىم، ھازىر كۈنلىرىم ناھايىتى ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتۈۋاتىدۇ». دېدى ئادىل كۈلگىنىچە قولىدىكى قاپقارا ئاپتولنى سۈرتۈپ تۇرۇپ.

  2016- يىلى ئادىل بىر ئاپتوموبىل بېزەكچىلىك دۇكىنىدا شاگىرت بولۇپ ئىشلىگەن چېغىدا، سىر پۈركۈش ئىشلىرىنى قىلغان. «مەن توققۇز يىل ئىشلىگەن بولساممۇ، لېكىن ئەڭ نازۇك رېمونتچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنەلمىدىم». ناھىيەدە ماھارەت بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەش قانات يايدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئادىل دەرھال خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، يېرىم يىللىق تەربىيەلىنىش ئۆگىنىشىنى باشلىۋەتتى.

  «دەسلەپتە ھېچنېمىنى بىلمەسلىكتىن، ھازىر ئاساسىي ئېقىم ئاپتوموبىل تىپلىرىنىڭ ھەممىسىنى رېمونت قىلالايدىغان بولدۇم. تەربىيەلەش مېنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشۇمنى ئۆزگەرتىپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇردى دېسەك، قىلچە مۇبالىغە بولمايدۇ» دېدى ئادىل.

  ماھارەت بويىچە تەربىيەلىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەنلەر ئىچىدە، يەنە خوتەن شەھىرىنىڭ يۇرۇڭقاش بازىرى باش مىيىقلا كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئايشەم ئىسمايىلمۇ بار. پۇتى قولاشمايدىغان بىر مېيىپ قىز قانداق قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرالىدى؟ خوتەن شەھىرى يولغا قويغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش ئۇنىڭغا ئىگىلىك تىكلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىش يولى ئېچىپ بەردى.

  11- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئايشەم دۇكىنىدا تاۋباۋ تورىدىن زاكاز قىلغان مېلىنىڭ قەيەرگە كەلگەنلىكىنى تەكشۈرۈۋاتاتتى، ئانچە چوڭ بولمىغان بۇ دۇكاننىڭ تۈرلۈك پاسوندىكى كىيىم- كېچەك، ئاياغ، زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلار بىلەن تولغانلىغىنى كۆردۈم. ئايشەم مۇنداق دېدى: «بۇلارنىڭ ھەممىسى تاۋباۋدىن سېتىۋالغان تاۋارلار، توردىكى كىيىم- كېچەك، ئاياغلار بازاردىكىدىن ئەرزان، پاسونى تېخىمۇ كۆپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئالاھىدە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى».

  ئۇ توردىن مال كىرگۈزۈپ، ئاندىن ئۈندىداردا ۋە دۇكىنىدا سېتىپ، ئايلىق كىرىمىنى 1800 يۈەن ئۆپچۆرىسىگە يەتكۈزۈپتۇ. ھازىر ئۇ يەنە باش مىيىقلا كەنتى ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ئۇنىڭ دۇكىنىدا تېلېفونغا پۇل قاچىلىيالايدىكەن، تاۋارلارنى ۋاكالىتەن سېتىۋالالايدىكەن.

  «مەن ئىلگىرى توردا مال سېتىشنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم، ھازىر ئۆيدىن چىقمايلا مال كىرگۈزىمەن، ساتىمەن، ئايلىق كىرىمىم تۇرمۇشۇمغا تامامەن يېتىدۇ» دېدى ئايشەم ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا.

  دېھقاندىن سانائەت ئىشچىسىغا ئايلىنىش، مانا بۇ چىرا ناھىيەسىنىڭ چىرا يېزىسى ئۇقادى كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئابدۇرېھىم مەتسابىرنىڭ ئارزۇسى. 11- ئاينىڭ 28- كۈنى، خوتەن شەھىرى «شاڭيۆ» يۈرۈشلەشكەن ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئابدۇرېھىم ئېلېكتىرون زاپچاسلىرىنى ئورنىتىۋاتقانىدى. ئىلگىرى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى ئۈچ جان ئون مو يەرگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى، بىر يىل تىرىشىپ- تىرمىشىپ ئىشلىسىمۇ ئاران 7000- 8000 يۈەن كىرىم قىلاتتى.

  ئابدۇرېھىم كەنتتىكى باشقىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشلەمچىلىك قىلىش ئارقىلىق پىكاپ سېتىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، تىت- تىت بولدى، لېكىن ئۇنىڭ بىرەر ماھارىتى بولمىغاچقا، مۇۋاپىق ئىش تاپالمىدى. 2017- يىلى، ناھىيەدە ماھارەت بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەش قانات يايدۇرۇلدى، ئۇ دەرھال تىزىملىتىپ، يەرلىكتىكى توكچىلىق كەسپى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ تۇنجى قارارلىق كۇرسانتىغا ئايلاندى. تەربىيەلەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تەكلىپ بىلەن خىزمەت ئورنىغا چىقتى، ھازىر ئۇنىڭ ئايلىق كىرىمى 4000 يۈەندىن ئاشىدۇ.

  ھەميان تومپايدى، تۇرمۇش ياخشىلىنىپ غەيرەت ئاشتى

  11- ئاينىڭ 24- كۈنى، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ئوچار بازىرى ئوچار كەنتىدە تۇردى ئابدۇكېرەم ۋە ئۇنىڭ ئانىسى ئەمدىلا كۆچۈپ كىرگەن يېڭى ئۆيىدە، يېڭىدىن سېتىۋالغان كۆپ ئىقتىدارلىق ئېلېكتىرون ماگنىتلىق ئوچاقنى سىناۋاتاتتى. تۇردى مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچىدە باشقىلارنىڭ مۇشۇنداق ئوچاقنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مەخسۇس بىرنى سېتىۋالدىم. ئانام ئۆيدە يالغۇز، بۇ ئوچاقتا تاماق ئېتىش قولايلىق ئىكەن. بۇ ئوچاقنى 698 يۈەنگە سېتىۋالدىم».

  ئىلگىرى، تۇردى بۇنچە كۆپ پۇل خەجلەشكە قىيالمايتتى.

  2017- يىلى، كەنت كەنت ئاھالىلىرىنى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەشكىللىگەندە، تۇردى بىرىنچى بولۇپ تىزىملاتتى. يېزىقچە ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، ئۇ شىنجاڭ 1- ئاۋغۇسىت پولات- تۆمۈر مېتال بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچىسىغا ئايلاندى. ھازىر، تۇردى ئايدا 4000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدۇ.

  تۇردى خىزمەتكە قاتنىشىپ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، يېڭى ئۆي سالدى. مۇخبىر تۇردىنىڭ ئۆيىدە، يېپيېڭى ياغاچ كارىۋات، سافا، ساجى، چىنە- قاچا ئىشكاپى قاتارلىقلارنىڭ رەتلىك قويۇلغانلىقىنى، فارفۇر خىش چاپلانغان ھاجەتخانىدا تەرەت تۇڭى، مۇنچىلارنىڭ تولۇق ئىكەنلىكىنى كۆردى. «بۇنى مەن ئۈرۈمچىدە كۆرگىنىم بويىچە بېزەكچىلەرگە ياساتقۇزدۇم.» دېدى تۇردى مەمنۇنلۇق بىلەن. ھويلىدا، نەچچە ئېغىز ئادەم تۇرمايدىغان كونا ئۆي بىلەن تاملىرى ئاقارتىلغان يېڭى ئۆي روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ تۇراتتى.

  مېڭىشتىن بۇرۇن، تۇردى مۇخبىرنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ تۇرۇۋېلىپ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى پۇلۇم يوق ئىدى، سىلەرنى مېھمان قىلغۇم بولسىمۇ ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق ئىدى، ھازىر بىر ۋاق تاماققا نەچچە يۈز يۈەن كېتىدۇ، بۇ مەن ئۈچۈن ھېچ گەپ ئەمەس.» مۇخبىر ئۇنىڭ ياخشى كۆڭلىنى چىرايلىقچە رەت قىلغاندىن كېيىن، تۇردى ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: «مەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە چىن كۆڭلۈمدىن ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن، مېنىڭ ھازىر مۇقىم خىزمىتىم بار بولدى، تۇرمۇشۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ.»

  لوپ ناھىيەسىنىڭ لوپ بازىرى بوشقان كەنتىنىڭ ئاھالىسى تۇرسۇنجان تۇرسۇن توختى2017- يىلى جياڭشىغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى، يېقىندا ئۇ يىللىق دەم ئېلىشىنى ئېلىپ ئۆيىدە دەم ئېلىۋاتقاچقا، كەنتتىكى نۇرغۇنلىغان ياشلار ئۇنى يوقلاپ كەلدى.

  تۇرسۇنجاننىڭ ئائىلىسىدە بەش جان بار، ئىلگىرى ئون مو يەرگە تايىنىپ ۋە ئىشلەمچىلىك قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى. 2017- يىلى، رادىيودىن ئىشچى ئىشلىتىش ئۇچۇرلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تۇرسۇنجان كەنتتە تۇنجى تۈركۈمدە سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغان ئۈچ ياشنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. دەسلەپتە، دادىسى تۇرسۇن توختى مەخسۇت تۇنجى قېتىم شىنجاڭدىن ئايرىلىدىغان ئوغلىدىن بىر ئاز ئەنسىرىگەنىدى، ئوغلى ئىچكىرىدىكى ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن بوۋاينىڭ كۆڭلى ئارامىغا چۈشۈپلا قالماي، يەنە سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە قىزىقىپ قالدى. «ئەگەر مېنىڭ يېشىمغا ماس كەلگۈدەك ئورۇن بولسا، مېنىڭمۇ سىرتقا چىقىپ ئىشلىگۈم بار» دېدى تۇرسۇن توختى كۈلۈمسىرەپ.

  «مەن ئىچكىرىگە بېرىپ، ئەسلىدە دۇنيانىڭ شۇنچىلىك چوڭ، تۇرمۇشنىڭ شۇنچىلىك گۈزەل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. مەن بۇنىڭدىن كېيىن ئىچكىرىدە داۋاملىق خىزمەت قىلىشنى ئويلاۋاتىمەن، ئۆز تىرىشچانلىقىمغا تايىنىپ، ئائىلەمدىكىلەرنى تېخىمۇ ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشتۈرىمەن» دېدى تۇرسۇنجان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ