تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

مائارىپ: ئوقۇيالايدىغان بولۇشتىن ياخشى ئوقۇش شارائىتىغا قەدەم قويۇشقىچە

  مۇخبىرىمىز جاۋ شىيا

  بىر قارا دوسكا، بىر تال بوردىن سۇيۇق كىرىستاللىق سېزىمچان ئېكران بىرگەۋدىلەشكەن ئاپپاراتقىچە؛ توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئاساسەن ئومۇملاشتۇرۇشتىن مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشقىچە... ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەن 40 يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپنى مۇھىم، زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىپ، ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويغاچقا، مائارىپ ئادىللىقىنىڭ ئىللىق نۇرى مىڭلىغان- ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرنى يورۇتۇۋاتىدۇ.

  مائارىپ ئادىللىقى كاپالەتكە ئىگە بولدى

  «1979- يىلى، مەكتىپىمىزدە كېسەكتىن سېلىنغان ئاران بەش ئېغىز دەرسخانا بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئىشلىتىدىغان پارتا- ئورۇندۇق ئاددىي ياغاچ تاختايدىن قۇراشتۇرۇلغان، تامدا سېمونت لايدىن ياسالغان دوسكا بار ئىدى. دەرسخانىدىن يازدا يامغۇر ئۆتۈپ كەتسە، قىشتا بوران ئۇچۇپ تۇراتتى، مەكتەپنىڭ ھەتتا ھويلا تېمىمۇ يوق ئىدى...» دېدى 12- ئاينىڭ 10- كۈنى، يېڭىلا خىزمەتكە قاتناشقان چاغدىكى ئەھۋاللارنى ئەسلىگەندە، بورتالا شەھىرى شياۋيىڭپەن بازارلىق مەركىزىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى خو گۇاڭنيەن خۇرسىنغان ھالدا.

  ھازىر، شويىڭپەن بازارلىق مەركىزىي مەكتەپكە كىرسىڭىز، يېپيېڭى ئوقۇتۇش بىنالىرىنىڭ قەد كۆتۈرگەنلىكىنى، مەكتەپ قورۇسىدا كۇتۇپخانا، تەجرىبىخانا، مۇزىكا ئۆيى ۋە كۆپ ۋاسىتىلىك دەرسخانىنىڭ ھەممىسىنىڭ تەل ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز.

  يېزا - كەنت مائارىپىدا يۈزبەرگەن ئۆزگىرىشلەر دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئىزلىرىنى خاتىرىلىدى.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز باشتىن- ئاخىر مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۈچىنى توپلاپ، مائارىپ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈپ خاراكتېرلىك، ئۇزاق مۇددەتلىك، ئۇل خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، «12- بەش يىل» مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ خىراجىتىنىڭ يىللىق سېلىنمىسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 50 مىليارد يۈەندىن ئاشقان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولغان. مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قوش تىل مائارىپ سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرگەن، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئالىي مائارىپ، كەسپىي مائارىپ پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلغان، پۇقرالار ئەمەلىي نەتىجىلەردىن بەھرىمەن بولغان.

  2016- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى تەڭشەپ كۈچەيتىلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا بىۋاسىتە قارايدىغان بولدى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ ئىشلىرى ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بەردى.

  ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى قاتارلىق مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇشتىن، يەسلى مائارىپىدىن ئالىي مائارىپقىچە بولغان «پۈتۈن مۇساپىلىك يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇش» ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقىچە، يەنە يەسلى قوش تىل مائارىپى قۇرۇلۇشى، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەڭپۇڭ راۋاجلاندۇرۇش خىزمىتى قاتارلىقلارنى پائال ئالغا سىلجىتىشقىچە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان ھەر بىر قۇرۇلۇشنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ ئىشلىرىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپلەر 12 مىڭ 931گە يېتىپ، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى 1978- يىلىدىكى 2 مىليون 901 مىڭدىن 5 مىليون 887 مىڭ 900گە كۆپەيدى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 10 مىڭ نوپۇس ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 8.3 كىشىدىن 144.6 كىشىگە كۆپەيدى.

  ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يەسلى مائارىپى، مەجبۇرىيەت مائارىپى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ، ئالاھىدە مائارىپ ئۆزئارا جىپسىلاشقان، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مائارىپ بىلەن پۇقرالار باشقۇرۇشىدىكى مائارىپ ئۆزئارا بىر- بىرىنى تولۇقلايدىغان، مەكتەپ كۆلىمى مۇۋاپىق بولغان، شەھەر- يېزىلارنى قاپلىغان، ئاممىغا قولايلىق بولغان، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئۇيغۇنلاشقان، ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مائارىپ تەدرىجىي ماس تەرەققىي قىلىدىغان مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىندى.

  قوش تىل مائارىپىنىڭ سۈپىتى يىلسېرى ياخشىلاندى

  12- ئاينىڭ 6- كۈنى، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ماڭشىن يېزىسى ئارا مەھەللە كەنت يەسلىسىدە، كىچىك دوستلار ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەمراھلىقىدا بالىلار ناخشىسى ئېيتىشنى ئۆگىنىۋاتاتتى، بۇمۇ بالىلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان دەرسلەرنىڭ بىرى ئىدى. يەسلىگە كىرگىنىگە ئۈچ ئاي بولغان تۆت ياشلىق ئالىمجان مەمەت نۇرغۇن جۈملىلەرنى ئۆگىنىۋالغانىدى: «مەن بۇ يىل تۆت ياشقا كىردىم، كىچىكلەر سىنىپىدا ئوقۇيمەن، مەن بۇ يەرنى ياخشى كۆرىمەن».

  ئالىمجاننىڭ پۇتۇڭخۇادا سۆزلىگىنىنى ئاڭلاپ دادىسى مەمەت ياسىننىڭ چىرايىدا خۇشاللىق جىلۋىلەندى: «مەن پۇتۇڭخۇانى ياخشى سۆزلىيەلمەيمەن، سىرتلارغا چىقىپ نەرسە- كېرەك سېتىۋېلىش، ئىش بېجىرىشنىڭ ھەممىسىدە ناھايىتى قىينىلىمەن. ھازىر مۇشۇنداق چىرايلىق يەسلى ئۆيىمىزنىڭ ئالدىغىلا سېلىندى، بالىلىرىمىز يەسلىگە كىرسە پۇل خەجلىمەيمىز، يەنە ئۈچ ۋاق تامىقىنىمۇ بېرىدۇ، بىز بۇنىڭدىن بەك خۇشال بولدۇق».

  يەسلىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە سېلىنىشى دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ قوش تىل مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدىن بولغان، قوش تىل مائارىپى 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، 30 نەچچە يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. مەركەزدىن تارتىپ يەرلىككىچە، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت قوش تىل مائارىپىنى ئالغا سىلجىتىشنى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلدى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يەسلى قوش تىل مائارىپىنى ئالغا سىلجىتىش تەرەققىيات نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇردى. يەسلى قۇرۇلۇشى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەپلىنىشى، دەرسلىك ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىلمىي، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىلىپ، قوش تىل مائارىپى ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىدا «سۈرئەتنى تېزلىتىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  «بىر يەسلىنىمۇ ناچار قۇرۇپ سالماسلىق، بىر بالىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىق» تەلىپى بويىچە، 2017- يىلى، پۈتۈن شىنجاڭدا سۈپىتى يۇقىرى، مۇھىتى ياخشى، ئەسلىھەلىرى تولۇق 4408 يېزا يەسلىسى يېڭىدىن قۇرۇلدى ۋە كېڭەيتىپ سېلىندى. قىسقىغىنا بىر يىلدا، يېڭىدىن قۇرۇلغان يەسلىلەر يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىسىدەك تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى قاپلاپ، پۈتۈن شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى 1 مىليون 176 مىڭ 200 يەسلى يېشىدىكى بالىنى ئىللىق، راھەت مۇھىتتا خۇشال ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ قوش تىل مائارىپى تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالدى. 2017- يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز يەسلى مائارىپىدا دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىدا ئوقۇتۇشنى پۈتۈنلەي ئىشقا ئاشۇردى، باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 1- يىللىقىدىلا دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىدا دەرس ئۆتۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ بۇ يىل كۈز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدا دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىدا ئوقۇتۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، كەسپىي مائارىپ، ئالىي مائارىپ ساھەلىرىدە دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىدا ئوقۇتۇش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى يېتەكچىلىك قىلغان دۆلەت دەرىجىلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قوش تىل مائارىپى سۈپىتى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، يىلسېرى ياخشىلانغان.

  ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئۈزلۈكسىز سەرخىللاشتى

  12- ئاينىڭ 8- كۈنى، كونا شەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ خەتتاتلىققا قىزىقىدىغانلار سىنىپىدا، 5- يىللىق 3- سىنىپتىكى نۇرسەبى باتۇر ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە قولىغا موي قەلەم ئېلىپ شۈەنجى قەغىزىگە «ياخشىلىقنى بىلىش، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ياخشىلىققا جاۋاب قايتۇرۇش» دېگەن خەتلەرنى يازدى. «بۇ خەتلەر مەكتىپىمىزنىڭ مەكتەپ تەلىمى، كۆپچىلىكنىڭ بۇنى ئەستە چىڭ تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ساۋاقداشلارنىڭ خەتتاتلىق ماھارىتى ئۆسۈپتۇ، بەك چىرايلىق يازدىڭلار!» دېدى نەق مەيداندا ئوقۇتۇشقا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچى ليۇ جۈن.

  ليۇ جۈن چۇڭچىڭ سەنشيا شۆيۈەنىنىڭ گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەن بولۇپ، بۇ يىل مەزكۇر ناھىيەنىڭ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشى بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ ئوقۇتقۇچى بولغان. «مەكتەپ بىزگە يېڭىدىن ئوقۇتقۇچىلار ياتىقى سېلىپ بېرىپ، بىزنىڭ ئۆگىنىش، ئۆسۈپ يېتىلىشىمىزگە سۇپا ھازىرلاپ بەردى، مەن بۇ يەردە يىلتىز تارتىشنى قارار قىلدىم». بۇ يىل، توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ يېڭىدىن 40 ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلدى. ئىلگىرىكى 20 نەچچە ئوقۇتقۇچى كۆپىيىپ ھازىرقى 87 ئوقۇتقۇچىغا يەتتى، مەزكۇر مەكتەپ تەدرىجىي ھالدا پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە قوش تىل مائارىپىدىكى ئۈلگە بازىسىغا ئايلاندى.

  ئوقۇتقۇچىلار مائارىپنىڭ ئاساسى، مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مەنبەسى، ئۇلار ھەربىر بالىنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈش، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى بەرپا قىلىشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بىر قاتار سىياسەت- تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقىنى يېتىلدۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلار ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە خەلق رازى بولىدىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ قۇرۇپ چىقتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار 1978- يىلىدىكى 130 مىڭ 400 كىشىدىن ھازىرقى 375 مىڭ 900 كىشىگە كۆپەيدى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز «جەنۇبىي شىنجاڭغا مايىللىشىش، يېزا- كەنتلەرنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش، يەسلى مائارىپىغا تەڭ ئېتىبار بېرىش، 1- يىللىقلارغا ئالدىن ئېتىبار بېرىش» پىرىنسىپى بويىچە، كىرگۈزۈش ئېغىزىنى ياخشى ئىگىلەپ، چىقىرىش ئېغىزىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئېھتىياج بويىچە يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلارنى كۆپەيتىپ تولۇقلاپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى نىسبىتى ھەم قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ ۋە سەرخىللاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى تەدرىجىي ئۆستۈردى. 2016- يىلى، 2017- يىلى ئىككى يىلنى مىسالغا ئالساق، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە يەسلىلەرگە جەمئىي 73 مىڭ 500 ئوقۇتقۇچى تولۇقلىنىپ، ئوقۇتقۇچىلار قۇرۇلمىسى كۆرۈنەرلىك سەرخىللاشتۇرۇلدى.

  شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ياخشى ئوقۇتقۇچىلارنى ئېلىپ قېلىشقا موھتاج، شۇنداقلا ياخشى ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەشكىمۇ موھتاج.

  دۆلەتنىڭ ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىش پىلانىنى يولغا قويۇش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات ناھىيەلەردىكى يېزا- كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىغا تۇرمۇش تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئوقۇتقۇچىلارنى تولۇقلاش، ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى ياخشىلاش... بىر قاتار سىياسەت- تەدبىرلەر كەڭ ئوقۇتقۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپ شەرەپ تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسى ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا پۈتۈن شىنجاڭ مائارىپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى