تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

«بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ» شىنجاڭنىڭ سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى

  مۇخبىرىمىز شيې خۈيبيەن

  1978- يىلى 3- ئايدا، مەملىكەتلىك ئىلىم ـ پەن يىغىنى ئېچىلدى، «پەن ـ تېخنىكا ـــ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى» ئىدىيەسى ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىغا كەڭ تارقالدى، شۇنداقلا ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى شىنجاڭغىمۇ تارقالدى.

  40 يىلدىن بۇيان، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ باھار شامىلىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، نەتىجە- ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك بولدى: 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىي 10 مىڭ 804 تۈرلۈك مۇھىم، زور پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈردى، پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرى 2012- يىلىدىكىدىن %10.61 ئاشتى؛ دۆلەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن نەتىجە 5263 تۈرلۈك بولۇپ، پەن- تېخنىكا مۇكاپاتى 2012- يىلىدىكىدىن %14.17 ئاشتى... پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان «بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ»كە ئايلاندى.

  تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتى يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى

  2017- يىلى 3- ئايدا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا- خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ «كېۋەز چېچىكى ئومۇمىي فلاۋون تابلېتى»نى تەتقىق قىلىپ ئېچىش تېخنىكا كوللېكتىپى پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشنىڭ %60 (2 مىليون 400 مىڭ يۈەن) مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىز تاماملىغان تۇنجى پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش پايدىسىنىڭ تەقسىملىنىشى. بۇ، 2016- يىلى ئاپتونوم رايون چىقارغان «پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە سىياسەت»نىڭ پايدىسىدىن بولغان.

  پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىدىغان، پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىدىغان بىر يۈرۈش سىياسەتلەرنىڭ چىقىرىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىلگىرى پەن تەتقىقات خادىملىرى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان بۇنىڭغا ئوخشاش يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش پەن تەتقىقات خادىملىرىغا بارغانسېرى كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەن- تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ پايدىسىنى تارقىتىشنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشىگە ئايلانماقتا.

  80- يىللاردا تۇغۇلغان جاۋ كۈي ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ ئىگىلىك تىكلەپ، ئاسپىرانتلىقنى پۈتكۈزۈش ئىلمىي ماقالىسىنى پەن- تېخنىكا نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇپ، پەن- تېخنىكا كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئاپپاراتىغا تايىنىپ شىركەت قۇردى. «شىنجاڭنىڭ ئىگىلىك تىكلەش سىياسىتى، ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلانماقتا، ياخشى ئامال بولسىلا، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، ئۆزۈمنىڭ بۇنداق دەۋردە ياشىغانلىقىمدىن ئىپتىخارلىنىمەن» دېدى جاۋ كۈي.

  2017- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز پەن- تېخنىكا كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئاپپاراتىدىن 23 نى ئەنگە ئالدى، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىكى توققۇز؛ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش بوشلۇقى 49، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىكى 23. ئاپتونوم رايون بويىچە پەن- تېخنىكا كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئاپپاراتى ۋە ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش بوشلۇقى جەمئىي 2091 ئىگىلىك تىكلەش كوللېكتىپىنى يېتىشتۈردى، 3430 كارخانىنى يېتىشتۈرۈۋاتىدۇ، پېيى بازارغا سېلىنغان، ۋىۋىسكا ئېسىلغان كارخانىدىن 22 نى يېتىشتۈردى.

  كارخانىلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش سەھنىسىدە مۇھىم رول ئوينىدى

  1988- يىلى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى مۈلكى قەرزگە چىقىش قىلمايدىغان، ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان كىچىك زاۋۇت ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى تەرەققىي قىلىپ، يەر شارى ئېنېرگىيە ئىشلىرىنى سىستېمىلىق ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەت سودىگىرىگە، دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىسىغا ۋە جۇڭگودىكى چوڭ تىپتىكى ئېنېرگىيە جابدۇقلىرى ياساش كارخانىسىغا ئايلاندى.

  يېڭىلىق يارىتىش - ئۆزگىرىشكە ئىنتىلىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزگەرتىش ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ 30 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىگە سىڭدۈرۈلدى. ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جاڭ شىن ئېيتقاندەك: گۈللىنىش دەۋرىگە توغرا كېلىپ، ئىسلاھاتقا دەل ئۇلىشىپ، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتىدە يېڭىلىق يارىتىلدى.

  ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى يىلدا سېتىش كىرىمىنىڭ %4ىنى ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىشلىتىدۇ. ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ دۆلەت پەن- تېخنىكا ساھەسىدىكى ئالىي مۇكاپات ـــ دۆلەت پەن- تېخنىكا تەرەققىياتى ئالاھىدە مۇكاپاتىدىن ئىككىگە، 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن تۆتكە، 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن بىرگە، جۇڭگو ماشىنىسازلىق سانائىتى پەن- تېخنىكا تەرەققىياتى ئالاھىدە مۇكاپاتىدىن سەككىزگە، 200 گە يېقىن ساھە ھەم ئۆلكە - مىنىستىر دەرىجىلىك پەن- تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  2017- يىلى 12- ئايدا، شىنجاڭ فۇكې ماي مەھسۇلاتلىرى پاي چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ئاچقان «سىلىقلاش مېيىنى ئۇدا سوپۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى ئىشلىتىش قۇرۇلمىسى» پاتېنت تۈرى 19- نۆۋەتلىك جۇڭگو پاتېنت ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، شىنجاڭدا جۇڭگو پاتېنت ئالتۇن مۇكاپاتى يوق بولۇش ئەھۋالىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. كۆپ يىل سىلىقلاش ماتېرىيالى تەتقىق قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانغان ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى پۇقراۋى كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن پاتېنت ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ـــ بۇ شىركەتنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنىڭ ئەينەن كارتىنىسى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ تەرەققىي قىلغان كارخانىلار شىنجاڭدا يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك كۆپلەپ بارلىققا كەلدى. 2017- يىلى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش تەرەققىيات سىناق رايونى شىنجاڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمەت تورى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. ھازىرغىچە، شىنجاڭ بويىچە 20 مىڭ 450 پەن- تېخنىكا تىپىدىكى كارخانا تورغا كىرىپ تىزىملاتتى، پەن- تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلار شىنجاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش، تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجە ئۆستۈرۈشىگە تىرەك بولىدىغان ئاساسىي كۈچكە ئايلاندى.

  «كارخانىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى، بازاردا غەلىبە قىلىش يولى يېڭىلىق يارىتىشقا باغلىق». ئاپتونوم رايونلۇق پەن- تېخنىكا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى گاۋ ۋاڭشېڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتلىق ئورنىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش ھەرىكەت پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، خىراجەت، تۈر، ئىختىساسلىقلار بايلىقىنى كارخانىلارغا مۇجەسسەملەشكە پائال يېتەكلەپ، كارخانىلارنىڭ بىر تۈركۈم قۇرۇلۇش تېخنىكا تەتقىقات مەركەزلىرىنى تەشكىللەپ قۇرۇشىنى قوللاپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى زور دەرىجىدە قوزغاتتى.

  يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىندى

  بۇ يىل 11- ئاينىڭ ئاخىرى، گوۋۇيۈەن ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونى قۇرۇشىنى تەستىقلىدى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇلدى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش يېڭى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىشىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم نەتىجە.

  2015- يىلى، دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ۋە ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايون پەن- تېخنىكا مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە شېنجېن شەھىرى بىلەن بىرلىكتە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش تەرەققىيات سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئورتاق يولغا قويدى. ھازىر جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى غەربىي قىسىم يېزا ئىگىلىك تەتقىقات مەركىزى، چىڭخۇا «چىدى جىشىڭ» ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش بوشلۇقى قاتارلىق بىر تۈركۈم يېتەكچىلىك رولىغا ئىگە يېڭىلىق يارىتىش بازا تۈرلىرى سىناق رايونىغا ماكانلاشتى. بېيجىڭ، شېنجېن، شاڭخەي، داليەن، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلاردىكى يەتتە كارخانا باشلامچى بولۇپ قۇرغان سىرتتا يېتىشتۈرۈش ئاپپاراتلىرى ئارقا- ئارقىدىن ۋىۋىسكا ئېسىلىپ يۈرۈشتۈرۈلدى.

  ئۆزى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىياتنى تېزلىتىش بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە «كىرگۈزۈش» بىلەن «چىقىرىش»نى بىرلەشتۈرۈپ، ئەۋزەل بايلىقنى ئورتاق يارىتىش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

  پەن- تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى بەش چوڭ مېخانىزمنىڭ بىرى قىلىندى. مەملىكەتلىك 5- قېتىملىق پەن- تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر نەتىجىنى ئايلاندۇرۇش ۋە شىنجاڭغا ماكانلاشتۇرۇش تۈرىدىن 3273 نى يولغا قويدى، بۇنىڭغا چېتىشلىق سومما 570 مىليون يۈەن. شىنجاڭ ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن ئورتاق يولغا قويغان ئىلغار تېخنىكىنى يۆتكەش ۋە نەتىجىنى ئايلاندۇرۇش تۈرى 884 بولۇپ، يۇقىرى قاتلاملىق پەن- تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىدىن 3229 ى جەلپ قىلىندى، يەرلىكتىن ماگىستىر ئاسپىرانت ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئىختىساسلىقلاردىن 1041 ى يېتىشتۈرۈلدى، دۆلەت كەشپىيات پاتېنتتىدىن 464 ى قولغا كەلتۈرۈلدى، 7 مىليارد يۈەنگە يېقىن ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىلدى، بۇنىڭ بىلەن، كەسىپلەر قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ياردەم بەرگۈچى ۋە قوبۇل قىلغۇچى ئىككىلا تەرەپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش نىشانىغا يەتتى.

  يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى مەدەنىيەت- پەن- مائارىپ مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون پەن- تېخنىكا پىلانىنىڭ يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پەن تەتقىقات يۇرتى، ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، پەن- تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئوتتۇرا ئاسىيا- غەربىي ئاسىيا رايون يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشقا ئورتاق كۈچ قوشتى. 2010- يىلىدىن ھازىرغىچە، خەلقئارا پەن- تېخنىكا ھەمكارلىق تۈرىدىن 248ى تەشكىللەپ يولغا قويۇلۇپ، دەسلەپكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، يەرتەۋرەشنى كۆزىتىش- ئۆلچەش، قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش قاتارلىق تۈرلەردىن ھازىرقى بىيو داۋالاش ۋە دورىگەرلىك، ئىلغار جابدۇقچىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق تەرەپلەرگىچە كېڭەيتىلدى. ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت دەرىجىلىك خەلقئارا پەن- تېخنىكا ھەمكارلىق بازىسىدىن 12نى قۇرۇپ چىقتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پەن- تېخنىكا نازارىتىنىڭ نازىرى جاڭ شياۋلېي مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى مىقدار جۇغلىنىشتىن سۈپەتكە ھالقىشقا، نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن سىستېمىلىق ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا ئۆزگىرىپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتىدۇ ھەم ئالدىدا مېڭىش سالمىقى بارغانسېرى ئېشىۋاتىدۇ. 2020- يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ پەن- تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %65كە يەتكۈزۈلىدۇ، 2025- يىلىغا بارغاندا، شىنجاڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سەۋىيەسى دۆلىتىمىزنىڭ غەربىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا تىرىشىپ يەتكۈزۈلۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت قاتارلىق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن بىر قەدەر كۈچلۈك تۈرتكىلىك رولغا ئىگە پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىگە ئايلاندۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى