تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا ئاساس پۇختىلىنىپ، خەلققە بەخت يارىتىلدى

  مۇخبىرىمىز ليۇ دۇڭلەي

  12- ئاينىڭ 7- كۈنى، شىمالىي شىنجاڭدىكى چۆل- باياۋاندا، جۇڭغار ئويمانلىقىنى قېلىن قار قاپلىغانىدى، كوئېنلۇن تېغى ئاق لىباسقا پۈركەنگەنىدى. كېلەر يىلى، بۇ قارلار ئېرىپ، مىڭلىغان- تۈمەنلىگەن ئېقىنغا ئايلىنىپ، تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى بوستانلىقلارنى سۇغىرىدۇ. 40 يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئەھۋالغا قاراپ يېتەكچىلىك قىلىپ، سۇ بايلىقىنى مۇۋاپىق ئېچىپ، جەمئىي 189 مىليارد يۈەن سۇچىلىق قۇرۇلۇشى سېلىنمىسىنى تاماملاپ، زور بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تايانچ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ۋە خەلق تۇرمۇشى سۇچىلىق تۈرلىرىنى تاماملاپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تىرەك بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئاشۇردى.

  مۇھىم، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرى بوستانلىقلارنى قوغدىدى

  ئۇلۇغئاتا سۇچىلىق تۈگۈنى قاراقاش دەرياسىدا تىنچ، ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. شىنجاڭلىق سۇچىلىق مۇتەخەسسىسى ۋاڭ ۋېي 1986- يىلى تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پىلانلاپ، لايىھەلىگەن ھەم ئاخىر 2009- يىلى پۈتكەن بۇ سۇچىلىق تۈگۈن قۇرۇلۇشى خوتەن بوستانلىقىنىڭ مۇقىملىقى ۋە كېڭىيىشىگە مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى.

  40 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك زور بىر تۈركۈم مۇھىم، زور سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش قۇرۇلۇشى ئىلگىرى- كېيىن پۈتتى ياكى باشلاندى ھەم ئارقا- ئارقىدىن ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇردى. بويسۇندۇرۇش قىيىن بولغان دەريالار تەدرىجىي بويسۇندۇرۇلدى. دەل سۇ بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىش ۋە ئۇنىڭغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىش نەتىجىسىدە، شىنجاڭ ئۈزلۈكسىز كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلدى، بەرپا قىلىنغان بوستانلىق كۆلىمى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى ۋاقىتتىكىدىن بەش ھەسسىگە يېقىن كېڭەيدى.

  يەكەن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا، كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى. بۇ ھەيۋەتلىك ئېگىز توسما ئۇلىنىڭ قېلىنلىقى 800 مېتىردىن ئاشىدۇ، پۈتۈن توسما ئېگىزلىكى 257 مېتىر، ئومۇمىي ئامبار سىغىمى 2 مىليارد 204 كۇب مېتىر بولۇپ، سۇغىرىش كۆلىمى 6 مىليون 514 مىڭ 700 موغا يېتىدۇ. بۇ، ئاساسەن پۈتۈن يەكەن دەرياسى سۇغىرىش رايونىنىڭ كۆلىمىگە باراۋەر كېلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى پىلانلاش- پىلان باشقارمىسىنىڭ باشلىقى چيۇ شېڭبىن مۇنداق دېدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز «سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بوشلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، سىستېمىلىق تۈزەش، ئىككى قولدا كۈچەش»تىن ئىبارەت سۇ تىزگىنلەش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، سۇنى تىزگىنلەش- سۇچىلىقنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، سۇ بايلىقىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردۇق.

  40 يىلدىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى سۇ ئامبارلىرى 19 دىن 543 كە، سۇ ئامبارلىرىنىڭ ئومۇمىي سىغىمى 87 مىليون كۇب مېتىردىن 17 مىليارد 100 مىليون كۇب مېتىرغا كۆپەيدى، تۈرلۈك سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ يىللىق سۇ تەمىنلەش ئىقتىدارى 46 مىليارد 500 مىليون كۇب مېتىردىن ئاشتى. سۇ ئېلېكتىر گېنېراتورلار ئومۇمىي مىقدارى 114 مىڭ 500 كىلوۋاتتىن 6 مىليون 690 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ توك چىقىرىش گېنېراتورلار ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %10.5ىنى ئىگىلىدى.

  بەلكى تارىم دەرياسى ۋادىسىنىڭ غول ئېقىنى ۋە نۇرغۇن ئېقىنلىرىدا، چوڭ- كىچىك سۇ بۆلگۈچ تۈگۈنلەر، ئېكولوگىيەلىك توسمىلار پۈتۈن ۋادىغا تارقالغان بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان توسۇلۇپ قالغان دەريا يوللىرى راۋانلاشتۇرۇلدى، تارىم دەرياسىنىڭ سۈيى توختىماي كەڭ توغراقلىققا ئاقتى، توغراقلىقنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى قايتا ئۇرغۇتۇلدى.

  سۇ تېجەپ سۇغىرىش يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى

  لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ تارىم يېزىسى قۇۋانكۆل كەنتىدە تاش ئۆستەڭلەر، زەي ئاققۇزۇش ئۆستەڭلىرى ھەرتەرەپكە تۇتۇشۇپ، ئېتىزلىققىچە يەتكۈزۈلگەن. كەنت ئاھالىسى ئەخمەتئىمىن تۇردى مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كېۋەزلىكنى سۇغىرىش ئۈچۈن ئېرىق چېپىپ سۇ باشلايتتۇق، ھازىر ياخشى بولدى، تاش ئۆستەڭلەر ئېتىزلىققىچە ياسالدى، يەنە سۇ بۆلگۈچ چۈشۈرگىلەر يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ، سۇنىڭ سىڭىپ كېتىشى ئازايتىلىپلا قالماي، سۇ ئېقىنى تىزگىنلىنىپ، زىرائەتلەرنى تەكشى سۇغىرالايدىغان بولدۇق.

  40 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ باشتىن- ئاخىر يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش قۇرۇلۇشىنى بوشاشماي تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېرىق- ئۆستەڭلەرنى سۇ سىڭمەسلەشتۈرۈش، ئېتىزلاردا يۇقىرى ئۈنۈمدە سۇ تېجەش قۇرۇلۇشىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ تېز ئىلگىرىلىشىنى ئالغا سىلجىتتى.

  بۈگۈنكى كۈندە، مىليونلىغان ئېرىق- ئۆستەڭلەر خۇددى قىلدام تومۇرلارغا ئوخشاش تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى تۈمەن چاقىرىم مۇنبەت زېمىنغا تارقالدى. ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق سۇچىلىقى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۆ چياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدا سۇغىرىش كۆلىمى 38 مىليون 990 مىڭ مودىن 74 مىليون 550 مىڭ موغا كۆپەيدى، ئېرىق- ئۆستەڭلەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى 210 كىلومېتىردىن 590 مىڭ كىلومېتىرغا كۆپەيدى، تاش ئۆستەڭلەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى 130 كىلومېتىردىن 230 مىڭ كىلومېتىرغا كۆپەيدى، 25 مىڭ 306 چۈشۈرگە ياسالدى. سۇچىلىق قۇرۇلۇشى سۇغىرىشتىكى سۇ تەمىناتى بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، سۇغىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇردى.

  تاش ئۆستەڭلەر ئېتىزلارغا ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىلىش بىلەن بىللە، زىرائەتلەرنى سۇغىرىش شەكلىدىمۇ چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى، ھەر خىل يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قۇرۇلۇشى پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىدى. 2007- يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون ئېتىزلاردىكى يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قۇرۇلۇشىغا مالىيەدىن تولۇقلىما بەردى. 2017- يىلىغىچە، شىنجاڭ بويىچە يېزا ئىگىلىكىدىكى يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىلىدىغان كۆلەم 35 مىليون 780 مىڭ موغا يەتتى.

  يېزا ئىگىلىكىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش سۇنى، يەرنى، ئەمگەك كۈچىنى تېجەپلا قالماي، يەنە ھوسۇلنى ئاشۇرۇش ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى. جىمىسار ناھىيەسىنىڭ بېيتىڭ بازىرى گۇچېڭ نەنمېن كەنتىدە «تېمىتىپ سۇغىرىش» ئۇقۇمى كەنت ئاھالىسى لى ۋېنبىڭنىڭ مېڭىسىگە ئورناپ كەتكەنىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باستۇرۇپ سۇغىرىش ئەمدى قايتىلانمايدۇ، دېھقانچىلىق ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ئائىلىمىز تېمىتىپ سۇغىرىش ئۇسۇلىنى قوللانغاندىن كېيىن سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىرلەشتۈرۈپ مەشغۇلات قىلدۇق، شوخلا ھوسۇلى ئالتە يىل ئىلگىرىكىدىن بىر ھەسسىدىن ئارتۇق قاتلاندى.

  يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قۇرۇلۇشى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى كەڭ كۆلەمدە يەر باشقۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش يولىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى. ساۋەن ناھىيەلىك نۇڭكې جىنيۆ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى بىرلەشمىسىنىڭ باش نازارەتچىسى خې خۇڭتاۋ مۇنداق دېدى: بىز يەرلەرنى بىرىكتۈرگەندىن كېيىن 75 مىڭ مو يەرنىڭ ھەممىسىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ باشقۇردۇق، زور مىقداردىكى ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچنى تېجەپ قالدۇق ھەم پۈتۈن جەرياندا ماشىنا بىلەن مەشغۇلات قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.

  خەلق تۇرمۇشى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى مىليونلىغان ئائىلىلەرگە بەخت ئېلىپ كەلدى

  يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئارسلانباغ يېزىسى پاتمانقاش كەنتىدىن ئۆتكەن يەكەن دەرياسى تىنچ ئېقىۋاتاتتى. كەنت ئاھالىسى ئابلەت راخماننىڭ 2014- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنىدىكى ئىشلار ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىدە بار ئىدى، دەريا توسمىسى يېنىدا پوجاڭزىلار ئېتىلىۋاتاتتى، پۈتۈن كەنتتىكى يۇرتداشلارنىڭ چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلەنگەنىدى. شۇ كۈنى، جەمئىي 14 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان يەكەن دەرياسىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش- تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىنىڭ پاتمانقاش كەنتىدىكى بۆلىكىدە ئىش باشلانغانلىقى جاكارلانغانىدى.

  بۈگۈنكى كۈندە بۇ قۇرۇلۇش تاماملاندى، يەكەن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا، ئاراتاش سۇچىلىق تۈگىنى خۇددى غايەت زور بىر جۈپ قولغا ئوخشاش، يەكەن دەرياسىنىڭ «كېكىردىكى»نى چىڭ قىسىپ، ئۇنى كەلكۈن مەزگىلىدە تاشمايدىغان قىلدى. تۈزلەڭلىك رايونىدا، 400 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش توسمىسى دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى 6 مىليون 500 مىڭ مودىن كۆپرەك مۇنبەت ئېتىزنى ھەر ۋاقىت قوغداپ تۇرۇۋاتىدۇ. يەكەن دەرياسىنىڭ مىڭ يىللاردىن بۇيانقى سۇ ئاپىتى تۈپتىن تىزگىنلىنىپ، يەكەن دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، دەريا ۋادىسىدىكى 2 مىليون 400 مىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى كاپالەتلەندۈرۈلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئاۋ جىگاڭ مۇنداق دېدى: 1978- يىلىدىن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايون بويىچە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش توسمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1523 كىلومېتىر ئىدى، 40 يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، 2017- يىلىغا كەلگەندە مەڭگۈلۈك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزۇنلۇقى جەمئىي 5790 كىلومېتىرغا يەتكۈزۈلۈپ، كەلكۈن ۋە قۇرغاقچىلىق ئاپىتىنىڭ زىيىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىلدى.

  كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش توسمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىلىشى بىلەن بىللە، مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرنىڭ ئىچىدىغان سۈيىمۇ بارغانسېرى پاكىز ۋە بىخەتەر بولدى.

  2017- يىلى، مەكىت ناھىيەسىنىڭ تۈمەنتال يېزىسى كېۋەزلىك كەنتى ئاھالىسى مەمەت قادىر پۈتۈن كەنتتىكىلەر بىلەن بىللە، باسما قۇدۇق سۈيى ئىچىشتىن خوشلاشقانلىقىدىن تولىمۇ خۇشال ئىدى. مەمەت قادىر مۇنداق دېدى: تاماق ئېتىش، كىر يۇيۇش، يۇيۇنۇش تولىمۇ قولايلاشتى، يەنە ئىچكەن سۈيىمىزمۇ راھەت بەخش ئەتتى، تۇرۇبا سۈيى بەك ياخشى ئىكەن! ھالبۇكى بۇ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دېھقان- چارۋىچىلارنى خاتىرجەم سۇ ئىچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت خىزمەت مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەركەزنىڭ تولۇقلىما نىسبىتى ۋە ئوتتۇرىچە سېلىنما ئۆلچىمىنى دەل ۋاقىتتا تەڭشەپ، سۇ بىلەن مەركەزلىك تەمىنلەش، تارقاق تەمىنلەش، شەھەر- يېزىلارنىڭ سۇ تەمىنلەش تۇرۇبا تورىنى يېزىلارغا كېڭەيتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتتى. 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ 1600 چوڭ- كىچىك سۇ زاۋۇتى، 90 سۇ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش مەركىزى قۇرۇپ، 150 مىڭ كىلومېتىر سۇ يەتكۈزۈش- تەقسىملەش تۇرۇبىسى ياتقۇزدى، قۇرۇلۇش 12 مىليون 180 مىڭ ئادەمنى قاپلىدى، بۇ، يېزىلاردىكى ئومۇمىي ئاھالىنىڭ %92 ىنى ئىگىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى