تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى: ئىناق، بەختلىك ماكاننى ئورتاق قۇرۇش

  مۇخبىرىمىز گاۋ فاڭ

  كىنوخانىلاردا چوڭ فىلىمنىڭ تۇنجى قويۇلۇشىنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى تاماشىبىنلار بىلەن تەڭ كۆرۈش، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا زور مىقداردىكى ئۇچۇرلارنى ۋە دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى كىنو، تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرۈش، ئىشىك ئالدىدىلا ئېسىل ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرۈش، ئىشىكتىن چىقىپلا «30 مىنۇتلۇق مەدەنىيەت چەمبىرىكى»دىن ئورتاق بەھرىلىنىش، كىتابنىڭ كۆپلۈكىدىن كۆرۈپ بولالماسلىق، ھېيت - بايرام بولمىسىمۇ ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرى بولۇش... ھازىرقى تۇرمۇشتىكى بۇ نورمال ئىشلارنى 40 يىلنىڭ ئالدىدا شىنجاڭلىقلار تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىل، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى، ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈرلۈك مەدەنىيەت ئىشلىرى ئۇچقاندەك راۋاجلىنىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېما قۇرۇلۇشى كۈندىن- كۈنگە مۇكەممەللىشىپ، رەڭدار مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئاساسىي قاتلام ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزۈپ، مەدەنىيەت كەسپى ئۇچقاندەك راۋاجلىنىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىدە تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلدى... مول مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى خۇددى باھار شامىلى بىلەن ئىللىتقاندەك ئاممىنىڭ قەلبىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇردى.

  ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى پۇقرالارغا نەپ يەتكۈزدى

  مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاۋات بازىرى ۋە يېڭى ئۆستەڭ يېزىسى كىنو قويۇش ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 60 ياشلىق ئابدۇكېرىم غوپۇر ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئاشۇ يىللاردا كەنتلەرگە كىنو قويغىلى بارساق، دەرەخ، ھويلا تېمى، ئۆگزە، ئىشقىلىپ ئېكراننى كۆرگىلى بولىدىغانلىكى جاي ئادەم بىلەن توشۇپ كېتەتتى، ھەر قېتىملىق كىنو قويۇش بىر قېتىملىق چوڭ يىغىلىشقا ئوخشايتتى.

  ئابدۇكېرىم غوپۇرنىڭ يېزىدا كىنو قويۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 40 يىلدىن ئاشتى، ئۇ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدى - كەينىدىكى يېزىلاردا كىنو قويۇشنىڭ غايەت زور ئۆزگىرىشلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى: كىنو بېلىتىنىڭ باھاسى ئىككى پۇڭدىن بەش موغا ئۆسۈشتىن ھازىرقى ھەقسىز كىنو قويۇشقىچە؛ سايمان- ئەسۋابلارنى ئاتلىق ياكى يۈدۈپ يۆتكەشتىن موتوسىكلىت، تىراكتوردا يۆتكەشكىچە بولغان كۆچمە ئۈستى ئوچۇق كىنوخانىلاردىن ھازىرقى زال ئىچى كىنوخانىسىغىچە؛ فىلىم مەنبەسى «ئانارخان»، «تۆمۈريول پارتىزانلىرى»دىن 3Dلىق چوڭ فىلىم «ئافەندا»، «جەڭ بۆرىسى»گىچە؛ 16 مىللىمېتىرلىق كىنو قويۇش ئاپپاراتىدىن يېنىك، ئەپچىل، قولاي رەقەملىك كىنو قويۇش ئاپپاراتىغىچە... 1998- يىلى، دۆلەت يېزىلاردا كىنو قويۇش بويىچە 2131 قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، دۆلەت ھەربىر مەيدان كىنوغا ياردەم پۇلى بەردى. 2005- يىلى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە «مالىيە ھېساباتنى ئۈستىگە ئېلىش، كىنونى يېزىلارغا يەتكۈزۈش»نى كېڭەيتىپ، ھەربىر دېھقاننى ھەقسىز كىنو كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  دېھقانلار كىتاب ئۆيى، مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيى، ئېلېكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش ئۆيى، مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسى، مەدەنىيەت كىچىك مەيدانى... تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى دېھقان- چارۋىچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىشىك ئالدىدىكى بۇ مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. شەھەرلەردىن يېزىلارغىچە، ئاممىۋى مەدەنىيەت مەيدان- ساراي قۇرۇلۇشلىرى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى، بارلىققا كېلىشتىن سەرخىللاشتى؛ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ تەسىر دائىرىسى بارغانسېرى كېڭەيتىلدى، تېخىمۇ كۆپ ئاساسىي قاتلام ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزۈلدى؛ مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەردىن ھەربىر كىشى ئىمكانقەدەر مەنپەئەتلەندۈرۈلدى.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتنى قاپلىغان بەش دەرىجىلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. 2017- يىلىغا قەدەر، پۈتۈن شىنجاڭدا ئاممىۋى كۇتۇپخانىدىن 112 سى، مۇزېي ۋە خاتىرە سارىيىدىن 173 ى، گۈزەل سەنئەت سارىيىدىن 57 سى، مەدەنىيەت سارىيىدىن 119 ى، مەدەنىيەت پونكىتى ۋە مەدەنىيەت ئۆيىدىن 12 مىڭ 158 ى، ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى(ئۇزېلى)دىن 302 سى بار بولدى، رادىيو ۋە تېلېۋىزىيەنىڭ ئاھالىنى قاپلاش نىسبىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %97.1 ۋە %97.4 كە، تەنتەربىيە مەيدانى 29 مىڭ 600 گە يېتىپ، نىسبەتەن مۇكەممەل بولغان ھەر دەرىجىلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى شەكىللەندى.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى بىر تۈركۈم ئېسىل ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرىنى پائال ئىجاد قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقاردى. نەسرلەر توپلىمى «شىنجاڭدا»، ئەدەبىيات ئوبزورلىرى توپلىمى «غەربىي قىسىم: چەت - ياقا ئۆلكىلەرنىڭ ئەدەبىيات يېزىقچىلىقى»، ماي بوياق ئەسىرى «ئېگىزلىكتىن يوللانغان تىلەك ــــ 5.19 دۆلەت خاتىرىسى»، فوتو سۈرەت ئەسىرى «جۇدۇنلۇق ھايات»، دىراما «چوڭ بازار»، ئۇسسۇللۇق تىياتىر «قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ئۇسسۇل قەدىمى»، «باياۋاندىكى ياشلىق باھارى»، ناخشا- ئۇسسۇللۇق تىياتىر «تىيانشانغا مۇھەببەت»، مۇزىكىلىق تىياتىر «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان»، مۇزىكىلىق سېرك تىياتىرى «ياخشىمۇسىز، ئەپەندى»، ناخشا «بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى ئاتا- ئانىلار»، رادىيو دىرامىسى «مالەن قوشىقى» ۋە كىنو «ئەزىم دەريا»، «گۈل»، «چىن مۇھەببەت»، «ھايات - ماماتلىق لوپنۇر»، «تەكلىماكاندىكى ناغرا ساداسى» قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرى مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بويىچە «بەش بىر قۇرۇلۇش» مۇكاپاتى، لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى، جۇڭگو كىنو «خۇابياۋ» مۇكاپاتى قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا، سېرك «ھاياتلىق سەپىرى»، «مەسئۇلىيەت» قاتارلىقلار خەلقئارا سېرك بايرىمى ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى كۈنسايىن يېڭىلاندى

  يېقىندا مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى كەسىپلەر تەرەققىياتى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گاۋ جېڭ شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدا «غەربىي يۇرتقا مىڭ قېتىم قايتىش»نى كۆرگەن ۋە 4- نۆۋەتلىك يىپەك يولى شىنجاڭ مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كەسىپلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا شىنجاڭغا كۆپ قېتىم كەلدىم، ھەر قېتىم كەلگىنىمدە شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت كەسپىدە ئاڭلىغان ۋە كۆرگەنلىرىمدىن يېڭىلىق ھېس قىلىمەن.

  بۇ يىل 1- ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسىدە، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدىكى 100 خىلدىن ئارتۇق مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ھاسىلىي مەھسۇلاتلىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، بۇنىڭ ئىچىدە «ئىدىقۇت ئەقىل - پاراسىتى يۈرۈشلۈكلىرى»، «ئەتلەس يۈرۈشلۈكلىرى»، «ئوتلاق يۈرۈشلۈكلىرى» بويىچە لاتا قونچاق، تەكىيە، ئاچقۇچ ئاسقۇ، تامغا قاتارلىق كۆپ خىل مەھسۇلاتلار ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يىپەك يولى شىنجاڭ مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كەسىپلىرى كۆرگەزمىسىنى ئاساس قىلغان تۈرلۈك مەدەنىيەت كەسىپلىرى ئالماشتۇرۇش كۆرگەزمىسى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سىرتقا چىقىرىلىشىنى سۇپا بىلەن تەمىنلىدى. «مەدەنىيەت +پەن- تېخنىكا»، «مەدەنىيەت+ئىجادىيەت»، «مەدەنىيەت + ساياھەت»... چېگرا ھالقىش، ئۇلاش، يۇغۇرۇش قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش شەكلى ئارقىلىق ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە كۆرگەزمە مەھسۇلاتلىرى نامايان قىلىندى، شىنجاڭ كۆرگەزمە ئۆمىكى كۆرۈرمەنلەرگە يېڭىچە تۇيغۇ ئېلىپ كېلىپ، شىنجاڭنىڭ دىققەت - ئېتىبار دەرىجىسى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇردى.

  نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى مەدەنىيەت كارخانىسى 10 مىڭدىن ئېشىپ، تۈرى بىرقەدەر تولۇق بولغان مەدەنىيەت كەسپى تەرەققىيات سىستېمىسى شەكىللىنىپ، ئاخبارات - نەشرىيات - تارقىتىش، رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە، سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاش، مەدەنىيەت - كۆڭۈل ئېچىش، مەدەنىيەت - ساياھەت، ھۈنەر - سەنئەت، گۈزەل سەنئەت، ئىجادىي لايىھە، رەقەملىك مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەرنى قاپلىدى. 2017- يىلىغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىيەت كەسپى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىن ئالتىسى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت كەسپى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىن 109ى، دۆلەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن كارتون كارخانىسىدىن 11ى بار بولدى، ھەر خىل مەدەنىيەت كەسپى باغچىسىدىن 20سى قۇرۇلدى.

  مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىلدى

  قومۇل ئەنئەنىۋى ھۈنەر- سەنئەت خىزمىتى پونكىتىدا، قومۇلنىڭ بىر قىسىم كەشتىچىلىك ئۇستىلىرىنىڭ كەشتە بۇيۇملىرى كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە تەكىيە، دوپپا قاتارلىق كەشتە بۇيۇملىرىدىن باشقا، يۇمىلاق يەلپۈگۈچ، ئاياللار سومكىسى، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ قاتارلىق قەدىمىي ياكى زامانىۋى كەشتە بۇيۇملىرى بار ئىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى قومۇلنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە كەشتىچىلىك قول ھۈنىرى «مىزو»سىنى ئىشلىتىپ كەشتىلەنگەن.

  2008- يىلى 6- ئايدا، قومۇل ئۇيغۇر كەشتىچىلىكى 2- تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تۈرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. 2016- يىلى 3- ئايدا، مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئەنئەنىۋى ھۈنەر- سەنئەت خىزمىتى پونكىتى قومۇلدا تەسىس قىلىندى. شۇنىڭدىن كېيىن، «مىزو» ئاممىۋى كۇرسلۇق مەھسۇلات قىلىنىپ، ئىجازەت ئۆلچىمى تەسىس قىلىنىپ، قومۇل كەشتىچىلىك كەسپى كۇرسلۇق مەھسۇلات تىجارىتى دەۋرىگە كىردى. 2016- يىلى 7- ئاينىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلگەن پارىژ ئالىي زاكازلىق كىيىم- كېچەك ھەپتىلىكىنىڭ ھاراق زىياپىتىدە، جۇڭگونىڭ ئالىي زاكازلىق مۇراسىم كىيىمى ئەزىز مېھمانلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى، مۇراسىم كىيىمىنىڭ بەل قىسمىدىكى قولدا كەشتىلەنگەن ئۆزگىچە كەشتە نۇسخىسى كىشىنى ھەيران قالدۇردى، بۇنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھۈنەر- سەنئەت ئۇستىسى- قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى قارادۆۋە بازىرىدىكى كەشتىچى رەناگۈل سوپى كەشتىلىگەنىدى. ھازىر، رەناگۈلنىڭ زاكازلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، شاڭخەي، جېجياڭ قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەردىكى شىركەتلەر بەس- بەستە ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلاشتى، ئۇنىڭ كەشتە بۇيۇملىرىنىڭ باھاسىمۇ بارغانسېرى ئۆستى. قولدا كەشتىلەنگەن بىر دوپپىنىڭ باھاسى ئەڭ دەسلەپتىكى 25 يۈەندىن، ھازىرقى 250 يۈەنگە ئۆستى، مۇرەككەپرەك بولغان زاكازلىق ئەسەرلەرنىڭ باھاسى 10 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

  قومۇل كەشتىچىلىكىگە ئوخشاش كۇرسلۇق مەھسۇلاتقا ئايلانغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەدەنىيەت بۇيۇملىرى شىنجاڭدا مىسلىسىز قوغدالدى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىندى. شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى گې يى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا دائىر نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى خېلى بۇرۇن باشلىغان ئۆلكىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا 2008- يىلى ۋە 2010- يىلى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش نىزامى» ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنى قوغداش نىزامى»نى ئېلان قىلىپ يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ غەيرىي ماددىي مىراسلىرىنى قوغداش ئاپپاراتىنى تەسىس قىلىش، تىزىملىك ئورنىتىش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، مەبلەغ ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئېنىق بەلگىلىمە چىقاردى، بۇنىڭ بىلەن قوغداش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا ئاساسلىنىدىغان بەلگىلىمە بار بولدى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون مالىيەسى جەمئىي 150 نەچچە مىليون يۈەندىن ئارتۇق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەخسۇس تۈر تولۇقلىما مەبلىغى سېلىپ، 2017- يىلىغا قەدەر، دۆلەت دەرىجىلىك 23 ۋەكىللىك ۋارىسلىق قىلغۇچىنى قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك خاتىرىلەش خىزمىتىنى تاماملىدى، يېزىق، سۈرەت، ئۈن- سىن قاتارلىق كۆپ خىل خاتىرىلەش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرىنى قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك قوغداشنى يولغا قويدى؛ ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ياساش، گىلەم ۋە ئەتلەس توقۇشتىن ئىبارەت ئۈچ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرى بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك قوغداش، ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇلدى؛ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش بازىسىدىن 91 ىگە نام بېرىلدى. دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تىزىملىكىگە تاللانغان تۈردىن ئايرىم- ئايرىم 83 ى، 294 ى، دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ۋارىسىدىن ئايرىم- ئايرىم 112 سى، 403 ى بار بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى