تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى قەتئىي قوغدايمەن

شىنجاڭ قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى ھەسەنجان مەمەتجان

  «ئۈچ خىل كۈچ» ھەم ئۇلارنىڭ قولچوماقچىلىرى سەپسەتە تارقىتىپ، شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، ئۆزگەرتىپ، شىنجاڭنىڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىدەك تارىخىي پاكىتنى ئىنكار قىلدى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلدى، زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكنى ھەدەپ تەرغىب قىلىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە كۆز بويامچىلىق قىلىپ، ئاممىنى خاتا يولغا باشلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى؛ ئۇلار پاكىتنى كۆزگە ئىلماي، ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈپ، شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا ھۇجۇم قىلدى، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى ئىنكار قىلىپ، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن پارچىلاپ چىقىپ كېتىشتەك جىنايى مەقسىتىگە يېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەشتە، جەزمەن باشلامچىلىق بىلەن سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، نەمۇنىلىك رولۇمنى تولۇق جارى قىلدۇرىمەن.

  تارىخ شۇنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، قەدىمدىن تارتىپلا كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، ھەرقايسى مىللەتلەر ئۇزاق تارىخىي جەرياندا پارلاق، شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق ياراتقان. ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە بولمايدۇ، تارىخقا داغ تەگكۈزۈشكە بولمايدۇ! بىز تارىخنى قوغداپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ھەم ئۇلارنىڭ قولچوماقچىلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزنى پارچىلاشتەك جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن تارىخنى بۇرمىلىشىغا، كىشىلەر قەلبىنى قايمۇقتۇرۇشىغا قەتئىي يول قويماسلىقىمىز كېرەك. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تارىخنى قوغداشتا، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇش، زەھەرنى تازىلاش، ئىدېئولوگىيە ساھەسى بازىسىنى چىڭ ساقلاشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمەن. ئۆزۈم جۇڭگو تارىخى، شۇنىڭدەك شىنجاڭ تارىخى، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى، دىنلارنىڭ ئۆزگىرىش تارىخى، مەدەنىيەتنىڭ يۇغۇرۇلۇش تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى تەربىيەلەش، يېتەكلەش ئىقتىدارىمنى كۈچەيتىمەن. ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، كىشىلەر قەلبىنى ئۇتۇشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتىدە ئېغىپ كەتمەي چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئەۋزەللىكىمدىن پايدىلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تارىخنى ئېنىق تونۇش، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىش، كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈش، كۆپ مىللەت بۈيۈك بىرلىكى ئەندىزىسىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ چىن، خەن سۇلالىسىدىن تارتىپ ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن تارىخىي ئەنئەنە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىشكە؛ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىشكە؛ شىنجاڭنىڭ كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون، دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، گۈللىنىشىدىكى تارىخىي تەجرىبە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىشكە يېتەكلەيمەن. ئامما ئارىسىدا شىنجاڭ تارىخى تەشۋىق-تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، توغرا تارىخ بىلىملىرى ۋە ئىدىيەۋى قاراش ئارقىلىق مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق-مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىدىيە ئاساسى ۋە سىياسىي ئاساسىنى پۇختىلايمەن. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى، ماركسىزملىق «بەش قاراش»، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسى تەشۋىق-تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەشۋىق-تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى شىنجاڭنىڭ «تۆت تارىخ»ىنى توغرا تونۇشقا يېتەكلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىدىيە ئاساسىنى پۇختىلايمەن. خاتا ئىدىيە، خاتا سۆز-ھەرىكەتكە قارىتا كەسكىن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتە پوزىتسىيەدە مۈجمەل بولماي، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەي، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، پاش قىلىپ ۋە ئېچىپ تاشلاپ، سەپسەتىلەرنى پەيدا قىلغۇچىلار، تارقاتقۇچىلارغا قاچقۇدەك جاي، يوشۇرۇنغۇدەك ئورۇن قالدۇرماي، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىمەن.

  پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، بۈگۈنكى شىنجاڭدا ئىقتىساد تېخىمۇ يۈكسەلدى، جەمئىيەت تېخىمۇ مۇقىم بولدى، ھەر مىللەت ئامما تېخىمۇ ئىتتىپاقلاشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم توققۇز تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭدىكى 23 مىليوندىن كۆپرەك ھەر مىللەت ئاممىنى كۆرگىلى بولىدىغان، ھېس قىلغىلى بولىدىغان ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈردى، شىنجاڭ بارغانسېرى گۈزەللىشىۋاتىدۇ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى بەختلىك ئۆتۈۋاتىدۇ، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىۋاتىدۇ.

  «ئۈچ خىل كۈچ»،«ئىككى يۈزلىمىچى»لەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يولسىزلارچە ھۇجۇم قىلدى، شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا ھەدەپ قارا سۈركىدى، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدە جېنىنىڭ بارىچە ئارازلىق پەيدا قىلدى، ئۇلارنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى شىنجاڭنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، شىنجاڭنى جۇڭگودىن پارچىلاپ چىقىپ كېتىش، ئۇلارنىڭ رەزىل نىيىتى ھەممىگە بەش قولدەك ئايان.

  شىنجاڭنىڭ چوڭ ياخشى ۋەزىيىتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن بولغان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خالىس ياردىمىدىن بولغان، شىنجاڭنىڭ ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي تەرەققىيات مۇھىتىدىن بولغان. بىز ئۇنى قەتئىي قوغداپ، داۋاملىق مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. ھەقىقىي تۈردە سىياسىي سەزگۈرلۈكنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ھەرىكىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇپ، چېچەكلىتىپ مېۋە بەرگۈزۈشىمىز كېرەك.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن كۈلپەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ-خەتەرنى ئويلاپ، باشتىن-ئاخىر مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى قەتئىي قوغداپ، قەتئىي ھالدا تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كىچىك ئىشلارغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى قەتئىي قوغداپ، ئەمەلىيىتىمدە كۆرسىتىپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى كىشىلەر قەلبىگە ئۈزلۈكسىز ھالدا چوڭقۇر سىڭدۈرۈشنى پائال ئالغا سىلجىتىمەن؛ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەيمەن. ئاممىنى ئاڭلىق ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىشقا، يۇرت-ماكانىمىزنى قوغداشقا، بەختىمىزنى قوغداشقا يېتەكلەيمەن. «گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى» تەشۋىق-تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ