تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى يولىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

  «دېھقانچىلىق ئاۋامنىڭ ياشاشتىكى ئاساسى، ئاشلىق ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ». ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ خەلقى جاپالىق تېرىقچىلىق قىلىپ، ھەر بىر پارچە بوستانلىقتا زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ مۆجىزىسىنى پۈتتى.

  مىقدارنى ئاشۇرۇشتىن سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە ھالقىشقىچە

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنلەش تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز مەھسۇلات ئەۋزەللىكى ۋە ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇردى، دېھقانچىلىقمۇ كىشىلەرنىڭ «ئاشلىق كەسپى»دىن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى «ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان كەسىپ»كە ئۆزگىرىۋاتىدۇ.

  ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 1978-يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتى ئەينى يىلىدىكى 3 مىليون 700 مىڭ توننىدىن 2017-يىلىدىكى 14 مىليون 476 مىڭ توننىغا كۆپەيگەن. 2008-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يازلىق ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلىدا «ئۇدا توققۇز يىل ئېشىش» ئىشقا ئاشقان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاشلىق مىقدارى 500 كىلوگىراملىق پەللىگە ئۆرلەپ، «تاماق قاچىسى»نى ئۆز قولىدا مەھكەم تۇتۇشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن. 2017- يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پاختا ئومۇمىي مەھسۇلاتى 4 مىليون 566 مىڭ توننىغا يېتىپ، 1978-يىلىدىكىنىڭ 83 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن، كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى، بىرلىك مەھسۇلاتى، ئومۇمىي مەھسۇلاتى، يۆتكەپ چىقىرىش مىقدارىدا ئۇدا كۆپ يىل مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ، دۆلىتىمىزدە ئورنىنى ئالغىلى بولمايدىغان مۇھىم تاۋار پاختا بازىسىغا ئايلانغان.

  «بۇغداي تېرىشتا يالغۇز مەھسۇلات مىقدارىغىلا كۆڭۈل بۆلۈشكە بولمايدۇ، يەنە سۈپىتى ۋە بازاردا قارشى ئېلىنىش دەرىجىسىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.» گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ شىبېيۋەن بازىرى ليۇشۇخېزا كەنتىنىڭ ئاھالىسى جۇ جيا مۇنداق دېدى: ھازىر مەن سېتىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي سورتىنى ئالماشتۇرۇپ تېرىدىم، سېتىۋالغۇچى سودىگەرلەر ئىشىك ئالدىمغا كېلىپ تالىشىپ سېتىۋېلىۋاتىدۇ.

  مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئېشىشى ھوسۇل ئېلىشتىن پۇل تېپىشقا ئۆزگىرىشتىكى بىر تەرەپ، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنىڭ ئۆسۈشى شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق ئېچىپ بەردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى تەمىنلەش تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى تۇتقا قىلىپ، دېھقانچىلىق تەرەققىياتىنىڭ سان ئېشىشىدىن سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولدى.

  بۇ جەرياندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون پۈتكۈل كەسىپ زەنجىرىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتتى، پاختا ئىشلەپچىقىرىشىدا يۇقىرى سۈپەتلىك، تۆۋەن تەننەرخلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشقا ئىنتىلىشكە ئۆزگىرىشنى ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چياڭجىن بۇغدىيى، ئورگانىك بۇغداي، «فۇشى» بۇغدىيىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇرۇقلۇق كۆممىقوناق، دانلىق كۆممىقوناق، سىلوس كۆممىقونىقى قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇۋاپىق بولغان بۇغداي، كۆممىقوناق بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلدى.

  كىشىلەرنىڭ «قورسىقىنى تويدۇرۇش»ىنى قاندۇرۇشتىن كىشىلەرنىڭ «ياخشى يېيىش»ىنى قاندۇرۇشقىچە، مىقدارنى ئاشۇرۇشتىن سۈپەت جەھەتتە ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۈگۈنكى كۈندە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىدىيەسى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە تېزدىن ئومۇملىشىپ، دېھقانچىلىقنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ھەم «ھوسۇل ئېلىش»، ھەم «پۇل تېپىش»ىغا تۈرتكە بولماقتا.

  يەر ئوبوروتى دېھقانچىلىق تەرەققىياتىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بەردى

  يەر دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى، شۇنداقلا دېھقانچىلىقنى بارلىققا كەلتۈردى، يەردىن باشلانغان بىر قېتىملىق ئۆزگىرىش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېھقانچىلىق تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى.

  ساۋەن ناھىيەسىنىڭ داچۈەن يېزىسى ساۋفاڭجاڭزا كەنتىدە رەتلىك سالا ئېتىزلار يىراقلارغا سوزۇلغانىدى. مۇشۇ يىللاردا، پۈتۈن كەنتتىكى 5000 مودىن كۆپرەك يەر ئازايمىدى، لېكىن يەرنىڭ سانى 600 نەچچە پارچىدىن 11 پارچىگە ئازايدى.

  يەرنىڭ ئوبوروت قىلىنىشى، تەرتىپكە سېلىنىشى يەر ھوقۇق- مەنپەئىتىنى ئېنىق ئايرىشتىن ئايرىلالمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يېزا يېرىنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاپ كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن ئىبارەت ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ يەرگە بولغان ھوقۇق- مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتمىغان ئاساستا، يەرنىڭ يوشۇرۇن قىممىتىنى جانلاندۇردى.

  ساۋفاڭجاڭزا كەنتىنىڭ ئاھالىسى خەن جېڭتاۋ مۇنداق دېدى: مېنىڭ ھازىر ئىككى ئۈلۈش كىرىمىم بار. يەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى بېكىتىلگەندىن كېيىن، يەرنى ئوبوروت قىلىپ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ بىرتۇتاش باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەردىم، بىر مو يەرگە بىر يىلدا 1000 يۈەنگە يېقىن پايدا تەقسىملىنىدۇ، ئۆزۈم يەنە ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەمچىلىك قىلىمەن، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يېرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل، بۇنىڭدىن يەنە بىر ئۈلۈش مائاش ئېلىپ، بىر يىلدا 100 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىمەن.

  ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون 31 مىليون 536 مىڭ مو يېزا ھۆددە يېرىنى ئەمەلىي تەكشۈرۈشنى تاماملاپ، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى كۆلەملەشتۈرۈش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش، ئۆلچەملەشتۈرۈشكە ئاساس سالدى.

  يەرنى تەرتىپكە سېلىش، تۈجۈپىلەش يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا شارائىت يارىتىپ بەردى. بۇ يىل، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ماشىنىدا پاختا يىغىش كۆلىمى تېز ئېشىپ، ماشىنىدا پاختا يىغىش نىسبىتى 2016-يىلىدىكى %21تىن بۇ يىلقى %30كە يەتتى، پاختا يىغىش ماشىنىسىنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى يارىتىپ، ئومۇمىي سانى 3600دىن ئاشتى.

  شايار ناھىيەسىنىڭ گۈلباغ بازىرىدىكى داشىن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى شيەن يۈلىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ماشىنىلاشتۇرۇپ يىغىش ھەر مو كېۋەز تېرىلغۇ تەننەرخىنى 600 نەچچە يۈەن تۆۋەنلەتتى. ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپى باشقۇرۇۋاتقان 10 مىڭ مودىن كۆپرەك يەردىكى پاختىنى پۈتۈنلەي ماشىنىدا يىغىشنى تولۇق ئىشقا ئاشۇردى، كەلگۈسى ئىككى يىلدا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ماشىنىدا پاختا يىغىش كۆلىمىنى 30 مىڭ موغا كېڭەيتىشنى پىلانلىدى.

  كەسىپلەشتۈرۈش دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ئۈنۈمىنى ئاشۇردى

  خوتەن ناھىيەسىدە كۆپ يىل ياڭاق سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان ئەلى نۇر كارخانا بىلەن دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى زىچ باغلاش مېخانىزمى ئارقىلىق ياڭاقلىرىنى كەنتتە پىششىقلاپ ئاپتوموبىلغا قاچىلاپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ساتالايدىغانلىقىنى، ھەتتا خەلقئارا بازارغا يۈزلەندۈرەلەيدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

  ئەلى نۇر مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بىز بىر يىلدا 300 توننا ياڭاق سېتىۋالاتتۇق، ھازىر 20 مىڭ توننىغا يېتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، ھەمكارلىق كوپىراتىپىم شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن زىچ بىرلەشتى، كارخانىنىڭ مۇكەممەل تەمىنلەش زەنجىرى سىستېمىسىنىڭ پايدىسىدا، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمنىڭ سېتىۋېلىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش خىزمىتىنى ئاساسىي ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى «سېتىش قىيىن بولۇش»قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كەسىپ زەنجىرى ئارقىلىق قوشۇلما قىممەتنى ئاشۇرۇش ئۈنۈمىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىلىنىشىگە ياردەم بەردى.

  كارخانا بىلەن دېھقانلار ئارىسىدىكى زىچ ئالاقىدىن سىرت، يەنە بارغانسېرى كۆپلىگەن كىچىك دېھقان ئائىلىسى ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ بازار ئاچتى. ئالاقە تورى تىجارىتىنى تىرەك قىلىپ، توقسۇن ناھىيەسىدىكى قوغۇن تېرىيدىغان دېھقان ما ياۋزۇنىڭ قوغۇن تېرىش ئەندىزىسىدە ئۈزۈل- كېسىل ئۆزگىرىش بولدى. ما ياۋزۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كارخانىنىڭ سېتىۋېلىش ئۆلچىمى بويىچە قوغۇن تېرىغانىدىم، كىرىمىم بۇلتۇرقىدىن 7000 يۈەندىن كۆپرەك ئاشتى. ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسىنىڭ تۈرتكە بولۇشى ۋە يېتەكلىشىدە، بۇ يىل قوغۇن تېرىشتا پۈتۈنلەي مەھەللىۋى ئوغۇت ئىشلەتتىم، بىر پارچە يەرگە بىر يىلدا پەقەت بىرلا خىل قوغۇن تېرىغانىدىم، قوغۇننىڭ سۈپىتى ياخشىلاندى، ھەر كىلوگىرامىنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى تۆت يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن بىر ھەسسە ئۆستى.

  يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەش يولىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يەنە كۆپ خىل شەكىلدىكى يېزا يېرىنى مۇۋاپىق كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك رىقابەت كۈچى ۋە دېھقانلار كىرىمىنىڭ سىجىل ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈردى. نۆۋەتتە، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانا قاتارلىق يېڭىچە يېزا ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنىڭ يەر ئوبوروت كۆلىمى ئوبوروت ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن ئېشىپ، يېزا يېرىنى ئوبوروت قىلىش ۋە مۇۋاپىق كۆلەمدە باشقۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلاندى. 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق باشلامچى كارخانا 509غا، يېزىلاردىكى ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش باغچە رايونى 23كە، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش تەشكىلاتى 6370كە يېتىپ، تىجارەت كىرىمى 4 مىليارد يۈەنگە يېقىنلاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ