تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشى ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىمەن

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ئەكبەر تۇرغۇن

  نۆۋەتتە شىنجاڭدا ئومۇمىي ۋەزىيەت مۇقىم بولغان، ۋەزىيەت كونتروللۇقىمىزدا بولغان، ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ھالەت كۆرۈلۈپ، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ سىڭىپ كىرىشى ئۈنۈملۈك توسۇلۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. بۇ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇنىڭدەك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە.

  چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» «مىللەت»، «دىن»نى دەستەك قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە ۋە دىنىي تەلۋىلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى.

  بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭغا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن كېلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ «تومۇر»ىنى تۇتۇپ بەردى. مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن «رېتسېپ» يېزىپ بەردى. ئادەم ئاغرىپ قالسا، دوختۇرغا كۆرۈنىدۇ، ئوكۇل ئۇرغۇزىدۇ، دورا يەيدۇ، ئېغىر بولسا ئوپېراتسىيە قىلدۇرىدۇ، ئادەم شۇنداق بولغان ئىكەن، جەمئىيەتمۇ ئوخشاش. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، نىشانلىق داۋالاپ، كېسەلنى يىلتىزىدىن تۈگىتىپ، «كۈچلۈك دورا بىلەن كېسەل داۋالاش، سۆڭەكنى قىرىپ زەھەرنى چىقىرىپ تاشلاش»تەك قەتئىي ئىرادە بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىر يۈرۈش «بىرىكمە مۇشت»ىنى ئېتىپ، شىنجاڭدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان، دائىم يۈز بېرىدىغان ھالەتنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتتى.

  شىنجاڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. شىنجاڭ ئەزەلدىن ھەر مىللەت ئورتاق ئېچىپ قۇرغان ۋە ياشاپ كەلگەن جاي ھەم شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ يۇرت- ماكانى، تېخىمۇ مۇھىمى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئائىلىسىنىڭ تەركىبىي قىسمى، ھەر مىللەت ئامما شىنجاڭنى پارچىلاپ چىقىپ كېتىشكە ھەرگىز يول قويمايدۇ، ھېچكىم شىنجاڭنى پارچىلاپ چىقىپ كېتەلمەيدۇ!

  نۆۋەتتە، شىنجاڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشى ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىدىكى مەقسىتى تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىيلىك پەيدا بولىدىغان مۇھىت ۋە تۇپراقنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى يۈز بېرىشتىن بۇرۇن يوقىتىشتۇر.

  بىرلىك سەپ، مىللەت، دىن سىستېمىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئۆز خىسلىتىمنى ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشى ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. ئىشىنىمەنكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ خالىس ياردىمىدە، بىز پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭساق، چوقۇم پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىللە ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرالايمىز!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ