مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا
12- ئاينىڭ 3- كۈنى، ساۋەن ناھىيەسى داچۇەن يېزىسى ياڭجياجۇاڭ كەنتىنىڭ ئاھالىسى شېن گوشيۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تاپشۇردۇم. ھازىر بىز كېسەل كۆرسەتسەك داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىدۇ، 60 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ ھەر ئايدا كۈتۈنۈش پۇلى بار، تۇرمۇشىمىز كاپالەتكە ئىگە بولدى، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ».
ئىجتىمائىي كاپالەت خەلق تۇرمۇشىدىكى تايانچ، كېسەل كۆرسىتىش، كۈتۈنۈش، تۇغۇت، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش، ئىشسىزلىقنىڭ ھەربىرى ئىجتىمائىي كاپالەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ھەممىسى پۇقرالارنىڭ ھال- ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، شەھەر- بازارلاردىن يېزىلارغىچە، كەسپىي خادىملار توپىدىن شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىگىچە، ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىنىپ، تەرەققىي قىلىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت بىخەتەرلىك تورى بارغانسېرى زىچ توقۇلۇپ، جەمئىيەتنى مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق رولى بارغانسېرى كۈچەيدى.
مېخانىزم ئورنىتىش: ئومۇمىي خەلق سۇغۇرتىغا قاتناشتى، ھەممە كىشى بەھرىلەندى
بۇ يىل 72 ياشقا كىرگەن جاڭ چاڭلىڭ شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن پېنسىيەگە چىققان ئىشچى، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ مائاش تالونىنى يىغىپ ساقلاش ئۇنىڭ قىزىقىشلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ 1994- يىلى 12- ئايدىكى مائاش تالونىغا كۈتۈنۈش پۇلى دېگەن كاتەكچىنىڭ قوشۇلغانلىقى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى، شۇ ئايدا، جاڭ چاڭلىڭ تاپشۇرغان كۈتۈنۈش پۇلى 10.67 يۈەن ئىدى.
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمى 1986- يىلىدىن باشلانغان. 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا، دۆلەت كارخانا ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت بىرتۇتاش جۇغلاش بىلەن شەخسىي ھېسابات ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئەندىزىسىنى ئورناتقان. جاڭ چاڭلىڭ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى كارخانىلاردىكى كۈتۈنۈشتە، ئىشچىلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى كارخانىنىڭ تىجارەت ئۈنۈمى بىلەن چېتىلدۇرۇلاتتى. ھازىر، كۈتۈنۈش پۇلى ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ، مەيلى كارخانىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىزنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىمىز تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ، تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدۇق».
كۈتۈنۈشتىن داۋالىنىشقىچە، شەھەر- بازارلاردىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەردىن شەھەر- يېزىلاردىكى ئاھالىلەرگىچە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئومۇمىي خەلقنى قاپلاشتا چىڭ تۇرۇشنى ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتىنىڭ باش ۋەزىپىسى قىلىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى، شەھەر- يېزىلارنىڭ تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق مەسىلىسىنى ئالدىن ھەل قىلىپ، شەھەر- يېزىلار بىرتۇتاش جۇغلايدىغان ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى تەدرىجىي ئورنىتىپ، دېھقانلارنىمۇ شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ئىگە قىلدى.
شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىدىكى قىيىن مەسىلە ھەل قىلىندى... پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز تېخىمۇ ئادىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئىلگىرىكى شەھەر- يېزا ئىككى مەنبەنى ئايرىپ تۇرىدىغان قاشانى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى «ھەممە كىشى بەھرىلىنىش»تىن «ھەممە كىشى ئادىل بەھرىلىنىش»كە ئۆزگەرتتى.
ئىسلاھات ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ھالقىشنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى. ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىز ئاساسىي كۈتۈنۈش، داۋالىنىش، جىسمانىي كۈتۈلمىگەن زەخىم، ئېغىر كېسەل، ئىشسىزلىق، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش، تۇغۇتتىن ئىبارەت يەتتە تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى شەكىللەندۈرۈپ، كۆپ قاتلاملىق، تېخىمۇ ئادىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا يېڭى، مۇھىم، زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ يىل 9- ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش، داۋالىنىش، ئىشسىزلىق، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش، تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 38 مىليون 920 مىڭ 500 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئومۇمىي خەلق سۇغۇرتىغا قاتنىشىش، ھەممە كىشى بەھرىلىنىش نىشانى تەدرىجىي ئىشقا ئاشتى.
تورنى زىچ توقۇش: كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسى يىلسېرى ئۆستى
«قاراڭ، كۈتۈنۈش پۇلى ئۇدا 14 يىل ئۆستى، 2004- يىلى مەن پېنسىيەگە چىققاندا ھەر ئايدا 1300 يۈەن كۈتۈنۈش پۇلى ئالاتتىم، ھازىر ھەر ئايدا 4500 يۈەن ئالىمەن. بىز پۇقرالارنىڭ كۈنلىرى بارغانسېرى كۆڭۈللۈك ۋە ئازادە ئۆتمەكتە، بۇنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ پايدىسىدىن كەلگەن». جاڭ چاڭلىڭ رەتلىك چاپلانغان مائاش تالونىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلدى.
«ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ياشانغاندا تايانچى بار بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھايات ئارزۇسى. 2018- يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز كارخانا ۋە ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى پېنسىيەگە چىققان 1 مىليون 380 مىڭ خادىمغا نەپ يەتكۈزۈپ، كارخانىدىن پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ھەر ئايلىق ئوتتۇرىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى 2009- يىلىدىكى 1338 يۈەندىن 2018- يىلىدىكى 3051 يۈەنگە ئۆستۈردى.
ئېشىۋاتقىنى يالغۇز كۈتۈنۈش پۇلىلا ئەمەس. شەھەر- بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مالىيە ياردىمى ئۆلچىمى 2009- يىلىدىكى ھەر بىر كىشىگە يىلدا 120 يۈەن بېرىشتىن 2018- يىلىدىكى 490 يۈەن بېرىشكە ئۆرلىدى؛ ئۇدا ئون نەچچە يىل ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى، تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش ھەققى، تۇغقانلىرىنى بېقىش نەپىقە پۇلى، بىر يولىلا بېرىلىدىغان ئىش ئۈستىدە ئۆلۈش ياردەم پۇلى تەمىناتى ئۆستۈرۈلدى، 1- دەرىجىدىن 4- دەرىجىگىچە مېيىپ ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى 3051 يۈەنگە يەتتى؛ بۇ يىل 11- ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئۆلچىمىنى يەنە بىر قېتىم ئۆستۈردى، ئايلىق ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم 1225 يۈەن بولدى...
ئۆرلەۋاتقان ھەر بىر رەقەم «ئىشەنچلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا»نىڭ جانلىق ئىزناسىغا ئايلاندى.
ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمىغا قارىتا، سۇغۇرتىغا قاتناشقان خادىملارنىڭ تەمىناتىنى تۆۋەنلەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى باسقۇچ خاراكتېرلىك تۆۋەنلىتىپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەر قوشۇنىنى مۇقىملاشتۇردى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز بەش تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بويىچە كارخانىلارنىڭ جەمئىي 2 مىليارد 357 مىليون يۈەن يۈكىنى ئازايتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى.
ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش مۇلازىمىتىمۇ بارغانسېرى قولايلاشتى: بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىنى يۇغۇرۇش خىزمىتى كۈچەيتىلىپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سىياسىتىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش، تورنى ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، بېجىرىشنى ئۆزئارا تەكشۈرۈش، سانلىق مەلۇماتلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىشكە تۈرتكە بولۇندى؛ پۈتۈن مەملىكەتتىكى 10 مىڭ 400 داۋالاش ئاپپاراتى بىلەن ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالىنىش چىقىمىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، 9- ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلىتىمىزنىڭ باشقا جايدا داۋالىنىش چىقىمىنى راسچوت قىلىش سىستېمىسىدا 84 مىڭ 100 كىشىنى ئەنگە ئالدى، باشقا ئۆلكىلەر ئاپتونوم رايونىمىزدا 36 مىڭ 800 كىشىنى ئەنگە ئالدۇردى، ئۆلكە ھالقىپ راسچوت قىلغانلار 20 مىڭ 100 ئادەم قېتىم بولۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالىنىش چىقىمىنى راسچوت قىلدۇرغاندا «ئالدىن پۇل تاپشۇرمايدىغان»، «قاترىمايدىغان» بولدى.
تۆۋەن چەككە كاپالەتلىك قىلىش: قىيىنچىلىقى بار بىرمۇ ئاممىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق
ئاساسىي كاپالەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، جەمئىيەت تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشتە، قىيىنچىلىقى بار بىرمۇ ئاممىنى چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ.
جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ساھەسىدىكى بىر قاتار ئاغرىش نۇقتىسى، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى ھەل بولدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 300 مىڭ «7- ماي» شەھەر- بازار ئىشچىسى، ئائىلە تەۋەلىرى ئىشچىسى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈلدى؛ دۆلەت كارخانىلىرىدىكى 18 مىڭ «كونا ئىش ئۈستىدە يارىلانغانلار» ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنى بىرتۇتاش جۇغلاپ باشقۇرۇشقا كىرگۈزۈلدى؛ تاقالغان، ۋەيران بولغان دۆلەت كارخانىلىرىدىن پېنسىيەگە چىققان 142 مىڭ خادىم داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈلدى...
بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، نامرات ئاھالىنى ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇشتىكى چوقۇم سۇغۇرتىلىنىدىغان كىشىلەر توپىغا كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، سۇغۇرتىلاشقا تېگىشلىكلىرىنى جەزمەن سۇغۇرتىلاشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. 9- ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى نامرات ئاھالىنىڭ شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %95.5 كە يەتتى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ 22 ئېغىر نامرات ناھىيەسىدىكى ئېغىر نامرات ئاھالىنىڭ شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %98.99 كە يەتتى. ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىگە قارىتا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى جەھەتتە يۆلەش- ياردەم بېرىشكە مايىللىشىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالدى.
بۇ يىل 10- ئاينىڭ ئاخىرى، ئاپتونوم رايونىمىز ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى، داۋالاپ قۇتقۇزۇشتا «بىر بېكەت شەكلىدە» راسچوت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرى ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار بېقىلىدىغان خادىملارنىڭ داۋالىنىشىنى قولايلاشتۇرۇپ، ئالدىن پۇل تاپشۇرۇش بىلەن ئاتچوت قىلىشقا قاتراشنى ئازايتتى.
يېقىندا، يەكەن ناھىيەسى كوناشەھەر باشقۇرۇش كومىتېتى ئىتتىپاق يولى مەھەللىسىدىكى تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىدىكى زورەم قادىر كېسەل سەۋەبىدىن شۇ جايدىكى دوختۇرخانىدا كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالىنىپ 3000 يۈەنگە يېقىن پۇل خەجلىگەن، دوختۇرخانىدىن چىققاندا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن 2140 يۈەننى ئاتچوت قىلدۇرغاندىن سىرت، داۋالاپ قۇتقۇزۇشتىن يەنە 700 نەچچە يۈەننى ئاتچوت قىلدۇرغان، ئۆزى 100 يۈەنلا چىقارغان. «پۇلنى ئاز خەجلىدىم، قاترىمىدىم، دوختۇرخانىدىن چىققاندىلا ئاتچوت قىلدۇرۇپ بولدۇم، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت» دېدى زورەم.
ئاممىنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىلىپ، ئاممىنىڭ بەخت- سائادىتى ئاشۇرۇلۇپ، ئامما ئادىللىقتىن بەھرىلەندۈرۈلدى. ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان ئىجتىمائىي كاپالەت قىشتىكى ئىللىق قۇياشتەك ھەرمىللەت ئاممىغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈردى.