تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

پۇقرالار خاتىرجەم ياشاشنىڭ يېڭى كارتىنىسىنى سىزىش

  مۇخبىرىمىز ما يىنىڭ

  جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ پېشقەدەم ئۇچقۇچىسى ياڭ چاڭفۇنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەندە، تار شەھەر رايونى ۋە پاكار بىر قەۋەتلىك ئۆيلەرنىلا كۆرگىلى بولاتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۈرۈمچىگە ئېگىزدىن قارىغاندا، ئېگىز ھەشەمەتلىك بىنالار كۆزگە چېلىقىدۇ، كېچىدە چىراغلار چاقناپ تۇرىدۇ.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىل، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى كەڭ شىنجاڭ زېمىنىغا نەزەر سالساق، شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ كۈنسايىن يېڭىلىنىپ، بەلگە خاراكتېرلىك يېڭى ئىمارەتلەرنىڭ قەد كۆتۈرگەنلىكى؛ كەپىلىك رايون، كونا ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ كۆچۈرۈلۈپ، چېقىلىپ، ئۆزگەرتىلىپ، شەھەرنىڭ كونا قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىرگۈزۈلۈپ، پۇقرالارغا ئىناق، ئىللىق يېڭى ماكان بەرپا قىلىپ بېرىلگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

  تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا نەزەر سالساق، يېزىلاردا ئەمىن تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى قەد كۆتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا بەختلىك تۇرمۇشقا يۈرۈش قىلىش يېڭى ئۈمىدى بېغىشلىغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭنىڭ شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مەردانە قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەپ، پۇقرالار خاتىرجەم ياشاشنىڭ يېڭى كارتىنىسىنى سىزىۋاتىدۇ.

  شەھەر- بازارلار تېز راۋاجلاندى، قىياپىتى كۈنسېرى يېڭىلاندى

  سانجى شەھىرىدە كېتىۋېتىپ، كەڭ يوللارنىڭ تەرەپ- تەرەپكە تۇتاشقانلىقى، يېڭى سودا رايونلىرىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى كۆردۈم...

  سانجى شەھەرلىك باغ- ئورمانچىلىق ئىدارىسىدە خىزمەت قىلىدىغان گۇ جىمىننىڭ ئەسلىشىچە، 30 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى سانجى شەھىرىدە ئاران بىرقانچە ئاساسلىق كوچا بار بولۇپ، بىنالاردىن يەنئەن شىمالىي يولى يېنىدىكى بىرلا تۈرلۈك ماللار بىناسى بار ئىكەن. 30 يىلدىن بۇيان، گۇ جىمىن شەھەر كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىپ، كەڭ كەتكەن قاقاسلىقتا بەرپا قىلىنغان ئورمان باغچىسىدىكى تۇنجى تۈركۈم دەرەخنى تىكىپ، مەينەت، قالايمىقان، ناچار كەپىلىك رايون، كەلكۈن ئاققۇزۇش ئۆستىڭىدە بىڭخۇ ئۆستىڭى مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشىغا قاتناشتى... گۇ جىمىن سانجى شەھىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ گۇۋاھچىسى.

  ئىسلاھات ــ شامال، ئېچىۋېتىش ـــ دولقۇن، ھەربىر شەھەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولى بار.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ شەھەر- بازارلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئاران %22.87 بولۇپ، ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجا، قاراماي، شىخەنزە، كۈيتۈن، كورلا، قومۇلدىن ئىبارەت سەككىز شەھەرلا بار ئىدى. ھازىر شىنجاڭ شەھەرلەر تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا كىرىپ، سانجى، چۆچەك، ئاقسۇ، خوتەن، بورتالا قاتارلىق شەھەرلەر ئارقا- ئارقىدىن تەسىس قىلىندى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ قۇرۇلۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئاشۇردى، شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەر كۈندىن- كۈنگە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا تۆت ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر، 24 ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر (ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق توققۇز ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، 68 ناھىيە بار بولۇپ، شەھەر- بازار سىستېمىسى تەدرىجىي مۇكەممەللەشمەكتە.

  2017- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ شەھەر- بازارلاشتۇرۇش سەۋىيەسى تەخمىنەن 26.5 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى. يېڭى ئەسىرگە كىرگەندىن بۇيان، شەھەر- بازارلار بىلەن رايونلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشى تېز تەرەققىي قىلىپ، شەھەر- بازار تەرەققىياتىدا رايونلىشىش ۋەزىيىتى گەۋدىلىنىپ، شەھەر- بازارلار گۇرۇپپا- توپى شەكلىدىكى تەرەققىيات ئەندىزىسى كۈندىن- كۈنگە روشەنلەشتى. شىنجاڭ ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرى مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىنى پائال بەرپا قىلىپ، ئۈچ شەھەر- بازار تەرەققىيات ئوقى شەكىللەندۈرۈپ، لىنىيە بويىدىكى شەھەر- بازارلار بەلبېغى تەرەققىياتىنى قوللاپ، پۈتۈن شىنجاڭدا «بىر چەمبەر، كۆپ توپ، ئۈچ ئوق، بىر بەلباغ» شەھەر- بازارلار بوشلۇق تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرمەكتە.

  شەھەرلەرنىڭ فۇنكسىيەسى ئۆستۈرۈلدى، ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراق مۇھىتى ياخشىلاندى

  قەشقەرگە ساياھەتكە كەلگەندە جەزمەن بېرىشقا تېگىشلىك مەنزىرە نۇقتىسى ــــ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدۇر، ئەگرى- توقاي، خىلۋەت تار كوچىلار، قويۇق ئۆرپ- ئادەت تۈسىگە ئىگە ئاھالىلەر تۇرالغۇسى، جاراڭ- جۇرۇڭ ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان مىس ئەسۋابلار دۇكانلىرى...

  ھەر كۈنى سائەت 12 ئەتراپىدا، قەدىمىي شەھەردىكى ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ بىرى− «گۈلىنىڭ ئۆيى» شادىيانە ناخشا- ئۇسسۇل بىلەن تۈركۈم- تۈركۈم ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدۇ. «ئىلگىرى ئولتۇرۇۋاتقان ئۆيىمىز خەتەرلىك ئۆي بولۇپ، مۇھىت ناچار ئىدى، ھازىر ئۆزگەرتىپ ياسالغان يېڭى ئۆينى بېزەپ ساياھەتچىلەر ئائىلە زىيارىتى نۇقتىسىغا ئايلاندۇردۇق، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى گۈزەللەشتى» دېدى تىجارەتچى سالامەتگۈل قارى ھاياجانلانغان ھالدا.

  ياشانغان قەشقەرلىكلەرنىڭ ئېسىدە شۇ ئېنىقكى، ئىلگىرىكى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە ئەخلەت شامالدا ئۇچۇپ تۈگەيتتى، پاسكىنا سۇ پارغا ئايلىنىپ تۈگەيتتى، ئۆيلەر كونا، مۇھىت ناچار ئىدى.

  2010- يىلى، مەركەز، ئاپتونوم رايون قەشقەر كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش- ئۇنىۋېرسال تۈزەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئەنئەنىۋىلىكنى ساقلىغان ئاساستا نۇرغۇن ساياھەت ئامىلىنى قوشۇپ ئۆزگەرتىپ ياساپ، شۇ جايدىكى نەچچە ئونمىڭلىغان ئاھالىنى تېخىمۇ ئازادە تۇرمۇشقا ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كىرىمىنى ئاشۇردى.

  خوتەن شەھىرىدىكى تۈەنچېڭ تارىخىي كوچىسى ئوخشاشلا ساياھەت مەنزىلگاھى قىلىپ ئۆزگەرتىلدى؛ ئاقسۇ شەھىرىدىكى ۋاڭسەن كوچىسى كەپىلىك رايونى ئۆزگەرتىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن مەدەنىيەت، ئۆرپ- ئادەت، ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملار بىر گەۋدە قىلىنغان خاس مەدەنىيەت، ساياھەت داڭلىق ماركىسىغا ئايلاندۇرۇلدى.

  شەھەر ئىچىدىكى كەنت، شەھەر يېنىدىكى كەنت، شەھەر ئەتراپىدىكى كەنت قاتارلىق كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىشتە، جايلاردىكى شەھەرلەرنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ، ئاھالىلەر ئولتۇراق مۇھىتى ئۈنۈملۈك ياخشىلاندى، شەھەرلەرنىڭ مەينەت، قالايمىقان، ناچار قىياپىتى ئۆزگەرتىلىپ، شەھەرلەرنىڭ تارىخىي قىياپىتى قوغدالدى ۋە ئەۋج ئالدۇرۇلدى.

  2018- يىلى 8- ئايغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 1 مىليون 521 مىڭ ئائىلىلىك كەپە ئۆي ئۆزگەرتىلىپ، شەھەر - بازارلاردىكى كەپىلىك رايونلاردا ئولتۇرۇشلۇق 3 مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى ياخشىلىنىپ، شەھەر- بازارلاردىكى 2 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىكلەر، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئىشچى- خىزمەتچىلەر، سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسى ھەل قىلىندى. ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر- بازارلاردىكى كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ 210 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ھەر يىلى بىناكارلىق، بېزەكچىلىك، خوجىلىق باشقۇرۇش، ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكى قاتارلىق ئالاقىدار ساھەلەر بويىچە 200 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇندى.

  ئىناق يېڭى يېزىلاردا بەخت ناخشىسى ياڭرىدى

  12- ئاينىڭ 2- كۈنى سەھەردە، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ئەرشىلدەن بازىرى سىگۇڭ كەنتى ئاھالىسى ياڭ چىفاڭ يېڭىدىن سېلىنغان ئەمىن ئۆيىنى تازىلاپ كۆچۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتى.

  ياڭ چىفاڭ تۇرۇۋاتقان كېسەك ئۆيگە 50 نەچچە يىل بولغانىدى. 2016- يىلى، يەرلىك ھۆكۈمەت ياڭ چىفاڭغا 30 مىڭ يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىمىسى ئىلتىماس قىلىپ بېرىپ، 110 كىۋادرات مېتىرلىق يېڭى ئۆي سېلىپ بەردى. ئازادە، يورۇق يېڭى ئۆينى كۆرۈپ، ياڭ چىفاڭنىڭ خۇشاللىقىدىن ئاغزى يۇمۇلمايلا قالدى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى، ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا «13- بەش يىل» مەزگىلىدە 1 مىليون 356 مىڭ 500 ئائىلىلىك يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى نىشان ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، ئەمىن تاپقۇزۇش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى، مەكىت ناھىيەسىنىڭ قۇمقۇسار يېزىسىدىكى مەدەنىيەت تاملىرىغا ئەڭ كۆپ سىزىلغىنى خاتىرجەم ياشايدىغان يېڭى يېزا مەنزىرىسى بولدى: تۈپتۈز يول، يېڭىدىن سېلىنغان تۇرالغۇلار، رەتلىك كەنت- مەھەللىلەر... دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ بەخت ناخشىسى ياڭرىماقتا.

  «بۇنداق چىرايلىق ئۆيدە ئولتۇرۇشۇمنى چۈشۈمدىمۇ ئويلىمىغانىدىم». مەكىت ناھىيەسىنىڭ يانتاق يېزىسى جىڭگەن كەنتى ئاھالىسى ئايگۈل مەمەت ھازىرقى ئۆيىنى ئىنتايىن ياقتۇردى، ئايگۈل مەمەت مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئائىلىمىزدىكىلەر ياغاچ - كېسەك قۇرۇلمىلىق ئۆيدە ئولتۇراتتۇق، قاتتىق يامغۇر ياغسىلا ئۆيدىن ئۆتۈپ كېتەتتى، ھويلىمۇ پاتقاق بولۇپ كېتەتتى. يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۆيىمىزنى گۈزەللەشتۈرۈپلا قالماي، كەنتىمىزنىڭ قىياپىتىنىمۇ ئۆزگەرتتى. ھازىر كەنتىمىزدىكى يوللار قاتتىقلاشتۇرۇلدى، يولنىڭ ئىككى ياقىسىغا دەرەخ تىكىلدى، يەنە بىرتۇتاش ئەخلەت ساندۇقى قويۇلۇپ، قەرەللىك تازىلىنىدىغان بولدى.

  2018- يىلى، ئاپتونوم رايون بويىچە 282 مىڭ ئائىلىلىك يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى قىلىش ۋەزىپىسى پىلانلانغان بولۇپ، 9- ئاينىڭ بېشىغىچە، جەمئىي 12 مىليارد 450 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 269 مىڭ 300 ئائىلىلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى. شىنجاڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشقا ئۇيغۇن كېلىدىغان، بايلىق، مۇھىتنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىغا ماس كېلىدىغان، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش بىلەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ھەمتۈرتكە قىلىپ ئالغا سىلجىتىدىغان شەھەر- بازارلاشتۇرۇش تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تىرىشىپ ياراتماقتا. 2020- يىلىغا بارغاندا، شىنجاڭنىڭ شەھەر- بازارلاشتۇرۇش سەۋىيەسى %58 ئۆپچۆرىسىگە يەتكۈزۈلۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ شەھەر- بازارلاشتۇرۇش ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ ياكى يەتكۈزۈلىدۇ؛ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ۋە ماكانلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملىنىپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ پەرقى ئۈزلۈكسىز كىچىكلىتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى