تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

قار ــ مۇز بايلىقى «قىزغىنلىقى» تېخىمۇ نامايان بولدى

  13-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى قالتىس قىزىپ كەتتى

  مۇخبىرىمىز ياۋ گاڭ

  12- ئاينىڭ 1- كۈنى، 2018- يىلىدىكى 13- نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قىشلىق كۆرگەزمە» دېيىلىدۇ) ئاخىرلاشتى. ئۇدا توققۇز كۈن داۋاملاشقان قىشلىق كۆرگەزمىدە، ساياھەت پۇل مۇئامىلىسى بويىچە تەمىنلەش- ئېھتىياجنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى، شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى لايىھەلەش مۇسابىقىسى، ئۈچ «100» كىشىلىك قار- مۇز ساياھىتىنى ھېس قىلىش ئۆمىكىنىڭ ئالدىن كۆرۈپ بېقىش پائالىيىتى، ئۆزگىچە ساياھەت تاۋارلىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىق قالتىس پائالىيەتلەر ئارقا- ئارقىدىن نامايان قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ قىزغىن قىشلىق ساياھىتىنى تېخىمۇ قىزىتىۋەتتى.

  قار- مۇز بايلىقىنىڭ جەلپ قىلىش كۆرسەتكۈچى يەنىمۇ ئاشتى

  «بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى ھەقىقەتەن گۈزەل ئىكەن، مەن چوقۇم يەنە كېلىمەن»، «شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، مەززىلىك تائاملىرى، قىزغىن، مېھماندوست شىنجاڭلىقلار تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.» «مەن قايتىپ بارغاندىن كېيىن شىنجاڭنىڭ قار-مۇز ساياھەت بايلىقىنى ياخشى تونۇشتۇرىمەن» دېدى جۇڭگو ساياھەت كوپىراتىپلىرى باش كوپىراتىپى خېنەن چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ زىيى.

  «بۇ يەرنىڭ قار سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى، قار پەسلى ئۇزاق بولۇپ، ھەقىقەتەنمۇ ئاۋامنىڭ قار تېيىلىش شادلىق باغچىسى ئىكەن» دېدى سۇجوۋ جىدى قار تېيىلىش كۇلۇبىنىڭ مەسئۇلى جۇڭ بىن 11- ئاينىڭ 27- كۈنى ئالتاي شەھىرى جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ قار تېيىلىش يولى ۋە مۇلازىمىتىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن.

  بۇ قېتىمقى قىشلىق كۆرگەزمىدە، جۇڭ بىنغا ئوخشاش ئىچكىرى جايلاردىن شىنجاڭغا قىشلىق ساياھەت بايلىقى ۋە كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارىنى چۈشىنىپ بېقىشقا كەلگەن ساياھەتكە ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى خېلى كۆپ بولۇپ، ئۇلار بىۋاسىتە ھېس قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ قار- مۇز ساياھەت بايلىقىغا نىسبەتەن يەنىمۇ تونۇشقا ئىگە بولدى.

  توققۇز كۈن ئىچىدە، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى، شۇنداقلا قاناس مەنزىرىلىك رايونىنىڭ ۋولۇڭۋەن، يۆلياڭۋەن، شېنشيەنۋەن، قاناس كۆلى، قۇم كەنتى قاتارلىق مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرى يەنە بىر قېتىم جەلپكار نۇقتىغا ئايلاندى. 11- ئاينىڭ 30- كۈنى، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى ئۈچ «100» كىشىلىك قار- مۇز ساياھىتىنى ھېس قىلىش ئۆمىكىدىكىلەر ئۈچۈن ئېسىل ناخشا- ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى تەييارلىدى، شۇ كۈنى، «خۇاجياۋ بىۋاسىتە تارقىتىشى»غا ئەگەشكەنلەر 21 مىڭ كىشىگە يەتتى. «بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى ۋە گۇمانىتار بايلىقى كىشىنى ناھايىتى جەلپ قىلىدىكەن، مەن بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتىن خېلى كۆپ ئىلھام ئالدىم، يەرلىك ئۆرپ- ئادەتلەرنى تونۇشتۇرىدىغان ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەشنى پىلانلىدىم» دېدى ھۆججەتلىك فىلىم رېژىسسورى، ئوپېراتور لۈ جۈن.

  بۇ قېتىمقى قىشلىق كۆرگەزمىدە، ئىچكىرى جايلاردىكى ئاساسلىق ساياھەتچى مەنبە جايلىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان تاراتقۇ كەسىپكارلىرى، ساياھەت كەسىپكارلىرى، قار- مۇز تەنھەرىكىتى زاتلىرىدىن 300گە يېقىن كىشى ئۈچ «100» كىشىلىك قار- مۇز ساياھىتىنى ھېس قىلىش ئۆمىكى بولۇپ تەشكىللىنىپ، ئالدىن كۆرۈپ بېقىش پائالىيىتىگە قاتناشتى. ئالدىن كۆرۈپ بېقىش ئۆمىكىدىكىلەر ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى، كۆكتوقاي، قاناس قاتارلىق شىنجاڭدىكى داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىغا بېرىپ تەكشۈردى. بۇ 300 كىشى 300 ئۇچۇر مەنبەسى، ئېلان مەنبەسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ تارقىتىش ئۈنۈمىگە گەپ كەتمەيدۇ.

  كۆپ جاينىڭ ھەمتۈرتكىلىكى قىشلىق ساياھەت بازىرىنى قىزىتىۋەتتى

  شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىنى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايوندىن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگىچە پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئالدىن پىلانلىدى.

  9- ئاينىڭ 18- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بېيجىڭدا «قىشتا شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» جۇڭگو غەربىي شىمال قار- مۇز ساياھەت بايرىمى ۋە 13- نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى ئاچتى.

  بۇ قېتىمقى قىشلىق كۆرگەزمىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن ئالتاي ۋىلايىتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈش شەكلى تۇنجى قېتىم قوللىنىلدى، كۆپ جاي ئاۋاز قوشۇش، ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولۇش ھەرقايسى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى جانلاندۇرۇۋەتتى. قاراجون يايلىقى قىشلىق ساياھىتى، قار ئۈستى قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، تېكەس قار- مۇز مەدەنىيەت، ساياھەت بايرىمى، يىپەك يولى قار- مۇز مەنزىرىسى بايرىمى، ئۈرۈمچى خەلقئارا شادىيانە قار بايرىمى... كەينى- كەينىدىن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ساياھەت پائالىيەتلىرى نۇرغۇن ساياھەتچىگە شىنجاڭنىڭ گۈزەل، رەڭدار قىش پەسلىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى.

  11- ئاينىڭ 27- كۈنىدىن 30- كۈنىگىچە، مەملىكەتلىك دوستلۇق ساياھەت ئىتتىپاقى يىللىق يىغىنى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ چوڭ ئايلانما لىنىيەسى ئېسىل لىنىيە ساياھىتى يولغا قويۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچى قىشتا شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىندى.

  ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر 196 تۈرلۈك قىشلىق ساياھەت پائالىيىتى ۋە 102 تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش، مۇكاپاتلاش تەدبىرىنى يولغا قويدى، بىر تۈركۈم قىشلىق سۈپەتلىك ساياھەت پائالىيەتلىرى، ئېسىل ساياھەت لىنىيەلىرىنىمۇ كەينى- كەينىدىن يولغا قويۇپ، بۇ قىشتىكى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى قالتىس قىزىتىۋەتتى. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ 150 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

  شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇلدى

  11- ئاينىڭ 27- كۈنى، يەنى قىشلىق كۆرگەزمە باشلانغان كۈنى، ئالتاي ۋىلايىتى بىلەن جۇڭگو ياشلار ساياھەت پاي كونترول چەكلىك شىركىتى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. «كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى جۇڭگو ياشلار ساياھەت پاي كونترول چەكلىك شىركىتى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت بايلىقىنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق، ئالتاي ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، <ساياھەتچىلىكنى ئاساس قىلىش، 1- كەسىپكە تۈرتكە بولۇش، 2- كەسىپكە تىرەك بولۇش>تەك تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ» دېدى ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى ۋاڭ جۈنئەن.

  بۇ يىل 9- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئالتاي شەھىرىگە «جۇڭگونىڭ قار ماكانى» دېگەن دۆلەت كىلىمات بەلگىسى بېرىلدى. بۇ يىل قىشتا شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىدە «  N +1+ 2 » ساياھەت ئەندىزىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى «2» ئالتاي، ئۈرۈمچى- سانجى رايونىنى يېتەكچى قىلىپ، بايلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئېچىپ، قىشلىق ساياھەت كەسىپ زەنجىرى يېتىشتۈرۈپ، قىشلىق ساياھەتنىڭ يادرولۇق داڭلىق ماركىسىنى بەرپا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

  شۇ كۈنى، ئالتاي ۋىلايىتى يەنە قار تېيىلىش جابدۇقلىرىنى ياساش كارخانىلىرى، قار تېيىلىش تەنتەربىيە تەرەققىيات شىركىتى، ئاسما ۋاگون سىيرىلما ئارقىنى ياساش كارخانىلىرى، قار تېيىلىش كۇلۇبلىرى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى. ۋاڭ جۈنئەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قار تېيىلىش تەنھەرىكىتىنىڭ بىرلەمچى، ئىككىلەمچى ساياھەت كەسىپلىرىگە ئائىت كېلىشىم ئىمزالاش، «قار ماكانى»− ئالتاي شەھىرىنى «قار تېيىلىش ماكانى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە تۈزۈپ چىقىدۇ.

  قىشلىق كۆرگەزمە مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايوندىكى سەككىز ئورگان ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ساياھەتچىلىككە ئالاقىدار كارخانىلار بىلەن 6 مىليارد 220 مىليون يۈەنلىك 12 تۈرگە قەرز بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، بانكا باشلىقى گو جيەنۋېي مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايوندىكى پۇل مۇئامىلە ساھەلىرى «ساياھەت +» يۇغۇرما تەرەققىيات پىكىر يولىنى يەنىمۇ تۇرغۇزۇپ، «مارجان ئۆتكۈزۈش» شەكلىدىكى ساياھەت پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، «ساياھەت + يېشىل پۇل مۇئامىلە» ئۈلگە كۆرسىتىش ئۆرنەك رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ