تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلايلى

  بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى پەرھات توختى

  مائارىپ بازىسى ئىزچىل ھالدا شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئاساسلىق جەڭگاھى بولۇپ كەلدى. ئىلگىرى خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە، «ئۈچ خىل كۈچ» دەرسلىك، دەرسخانا مۇنبىرى، ئىلمىي مۇھاكىمە، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، «ئىككى پان» ئىدىيەسى، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى مەكتەپلىرىمىزگە سىڭدۈردى ھەم مەكتەپ ئارقىلىق پۈتكۈل جەمئىيەتكە تارقاتتى، سىڭدۈردى. ئۇلار شىنجاڭ تارىخىنى ئويدۇرۇپ چىقىپ ۋە بۇرمىلاپ، ھە دەپ «ئىككى پان» ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، دۆلىتىمىز تارىخىدىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتلەرنىڭ شىنجاڭ رايونىنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلىشقا، شىنجاڭنىڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىشقا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدە ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتەك تارىخىي پاكىتنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇندى؛ ئۇلار ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان رولى ۋە تەسىرىنى كۆپتۈرۈپ، «دىن، مىللەت بىر گەۋدە» دېگەننى تەرغىب قىلىپ، شىنجاڭدا قەدىمدىن تارتىپ كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتەك پاكىتنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇندى؛ ئۇلار ھە دەپ ئاتالمىش مىللىي مەدەنىيەت، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۈستىدە جار سېلىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئۈچۈن نەزەرىيە ئاساسى يارىتىشقا ئۇرۇندى؛ ئۇلار جۇڭگو پۇقراسى بولغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا جان- جەھلى بىلەن توسالغۇلۇق قىلىپ، ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش، ئۇتۇق قازىنىش ئارزۇسىغا زور دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزدى؛ ئۇلار بىر تۈركۈم «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قىلىدىغانلار، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى يېتىشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت بەرگەن ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ، ياش- ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلارنى ھە دەپ زەھەرلىدى. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ھەر خىل جىنايى قىلمىشلىرى مائارىپ ساھەسىنى بىر مەھەل «ئۈچ خىل كۈچ» سىڭىپ كىرىدىغان، بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئېغىر ئاپەت رايونىغا ئايلاندۇردى، ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە ئېغىر قالايمىقانچىلىق ئېلىپ كېلىپ، مۆلچەرلىگۈسىز زىيان سالدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بورتالا ئوبلاستى مائارىپ سىستېمىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، زور كۈچ بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى، ئىدىيە- سىياسىي خىزمەتنى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى، مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى تۇتۇپ، مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى سىجىل، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، كادىرلار، ئوقۇتقۇچىلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر قوشۇنىغا يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي تازىلاپ، ئاساسىي مېلودىيە، ئاكتىپ كۈچ ئارقىلىق «ئىككى پان» ئىدىيەسى، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھىرى ۋە تەسىرىگە تاقابىل تۇردى، پۈتۈن ئوبلاست مائارىپ سىستېمىسى دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، باش نىشاننى كۆزلەش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى، بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئاساسى يەنىمۇ پۇختىلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇشىمىز كېرەككى، يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر تېخى پاك- پاكىز قېزىپ چىقىلمىدى، پاك- پاكىز تازىلانمىدى، ئەكسىيەتچىل خاتا ئىدىيەنىڭ زەھىرى تېخى تەلتۆكۈس تازىلانمىدى، «ئۈچ خىل كۈچ» يەنىلا رەزىل نىيىتىدىن يانمىدى، يەنىلا مائارىپ سىستېمىسىنى سىڭىپ كىرىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىكى نۇقتىلىق نىشان قىلغان بولۇپ، تۈرلۈك ئاماللارنى قوللىنىپ بىزدىن بازىنى تالىشىدۇ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى تالىشىدۇ، ئەلرايىنى تالىشىدۇ.

  مائارىپ خىزمىتىگە مەسئۇل پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ھەقىقىي زىممەمگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بايرىقىم روشەن ھالدا قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش»تىن ئىبارەت بۇ يادرولۇق مەسىلىنى پۇختا ئىگىلەپ، توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، باش نىشان بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قىلچە تەۋرەنمەي باش نىشان ئارقىلىق مائارىپ خىزمىتىگە بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىمەن. كاللامنى باشتىن- ئاخىر سەگەك تۇتۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر دائىم چىڭىتىپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىش، دائىم ھوشيار تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدايمەن. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى نۇقتىلىق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، پەي- قانىتىمنى قەتئىي ئايىماي، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى داۋاملىق چوڭقۇر قېزىپ، تازىلاپ، مەكتەپلەرنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى ھەر خىل ئەكسىيەتچىل خاتا ئىدىيەلەرنىڭ زەھىرىنى، تەسىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ جىنايى سۇيىقەستىنى ئۈزۈل- كېسىل تارمار قىلىمەن. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى، «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، بىللە ئۆگىنىش، ئارىلىشىش سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرىمەن. باشلامچىلىق بىلەن ئىستىلنى ياخشىلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، سەمىمىي خىزمەت پوزىتسىيەم، پۇختا خىزمەت ئىستىلىم، ئەمەلىي خىزمەت ئۈنۈمۈم ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ مائارىپ بازىسىدا يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمەن!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ