تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4- يىغىنىنى 12- ئاينىڭ 6- كۈنى ئېچىشنى قارار قىلدى

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 9- قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ئاچتى

  مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 9- قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ئېچىپ، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4- يىغىنىنى 12- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىشنى قارار قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4- يىغىنىغا ئالاقىدار ئىشلار مۇزاكىرە قىلىپ قاراپ چىقىلدى. يىغىننىڭ قارالما لايىھەسى، كۈنتەرتىپى، سىرتتىن قاتنىشىش دائىرىسى قاتارلىقلار قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. رەئىسلەر يىغىنىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق قارالمىلىرى مۇنداق بولدى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 4- يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش، ئۆگىنىش؛ ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش، ئۆگىنىش؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى 1- يىغىنىنىڭ تەكلىپلىرىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىنى ئاڭلاپ ئۆتۈش؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى دوكلاتىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاش؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2- يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارارنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاش؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى، كۈنتەرتىپى، سىرتتىن قاتنىشىش دائىرىسى، گۇرۇپپىلارغا ئايرىش چارىسى ۋە گۇرۇپپىلار بويىچە يىغىن چاقىرغۇچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى، ھەر قېتىمقى يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ۋە رىياسەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى، تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىدىغانلارنىڭ ئىسىملىكى، يىغىن باش كاتىپى، مۇئاۋىن باش كاتىپلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاش؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى، سىياسىي كېڭەشنىڭ «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى 2018- يىللىق خىزمەت ئەھۋالى دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتۈش؛ «سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ ساھەلەر ئايرىمىسى بويىچە پائالىيەت قىلىش چارىسى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللاش؛ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاقىدار ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى تەڭشەش ۋە كادىرلار ئىشلىرىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاش.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن چېڭ جېنشەن، جۈرئەت ئىمىن، ماغاۋ سېيتقامزا، مۇئاۋىن رەئىس، قوشۇمچە باش كاتىپ جاڭ بو، مۇئاۋىن رەئىسلەردىن مۇتەللىپ ئوبۇل، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ